قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئانا مېھرىنىڭ قۇدرىتى

2018-05-14 20:10:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز سۇ لۇپىڭ

 ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە خوتەنگەي كوچىسى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شەرقىي 1- كوچا مەھەللىسىدىكى چېن چىڭ تۇتۇق ئاپىسى − سايباغ رايونلۇق ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كادىرى مۇكەررەمگە ئاتاپ ناخشا ئېيتىپ بەردى. ناخشا ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، چېن چىڭ يىغلاپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا يېڭى ئاپا تېپىپ بەرگىنىگە رەھمەت.

  بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن چېن چىڭنىڭ كىچىكىدىنلا ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، تۇرمۇشتا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايتتى، ئۇنى مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا چېن چىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايتتى، ئۇنىڭ يالغۇزلۇقنى خالايدىغان مىجەزى ياشىنىپ قالغان مومىسىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغانىدى. چېن چىڭنىڭ مومىسى يۈ جيەنيىڭ مۇنداق دېدى: مەندىن كېيىن قالسا قانداقمۇ قىلار، دەپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتىم، مۇكەررەم بىلەن تونۇشۇپ، كۆڭلۈم ئاخىر ئەمىن تاپتى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى جەريانىدا، مۇكەررەم بىلەن چېن چىڭ قوشماق تۇغقان بولدى. مۇكەررەم بىرىنچى قېتىم چېن چىڭنى يوقلاپ بارغاندا، يۈ جيەنيىڭ موماي ئۇنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى، بىراق چېن چىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىۋېلىپ، مۇكەررەم بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمىدى، مۇكەررەم ئۇدا نەچچە ھەپتە ئۈزۈلدۈرمەي يوقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى خىجىل بولغان يۈ جيەنيىڭ موماي ئۇنىڭغا قوشماق تۇغقىنىنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنىمۇ بەردى.

  مۇكەررەم ئىشنىڭ باش- ئاخىرىنى چۈشەنگەن تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدى. ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، 2017- يىلىدىكى ئانىلار بايرىمىدا مۇكەررەم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سوۋغات ۋە گۈللەرنى كۆتۈرۈپ يەنە چېن چىڭنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۇلار ئاددىيغىنا «قىز بېقىۋېلىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى ئائىلە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولماقچى بولدى. شۇ كۈنى، ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈۋېلىپ ئۆي ئىچىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان چېن چىڭ ئاخىر ئۆيىدىن چىقىپ، مۇكەررەمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ بەخت يېشىنى تۆكتى، چېن چىڭ مۇنداق دېدى: تۇتۇق ئاپام ئىشىك ئالدىدا مومامغا چېن چىڭ مېنىڭ بالىلىرىمدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئۇ ئانا مېھرىگە موھتاج، مەن ئۇنىڭغا ئاپا بولۇشنى خالايمەن، دېدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، مۇكەررەم ۋاقتى بولسىلا چېن چىڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى بازارغا بىللە ئېلىپ چىقىپ، كۆكتات سېتىۋالدى، تاماق ئەتتى، بىللە تېلېۋىزور كۆرۈپ، پاراڭلاشتى. چېن چىڭ مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم كۆكتات بازىرىغا بارغاندا پەقەتلا كۆنەلمىدىم، ئادەملەر بەك كۆپ بولغاچقا، بىر ئاز قورقتۇم. قورۇنۇپ قالغىنىمنى كۆرگەن تۇتۇق ئاپام قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يېنىڭىزدا تۇتۇق ئاپىڭىز بار، ھېچ ئىش بولمايدۇ، جىددىيلەشمەڭ، دېدى. ۋاقىت ئۇزارغانچە چېن چىڭمۇ يالغۇز سىرتلارغا چىقالايدىغان بولدى.

  چېن چىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر كۈنىدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش مۇكەررەم بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش ئىدى، ئەگەر مۇكەررەم تېلېفوندا كېلەي دەپ قالغانلىقىنى ئېيتسا، چېن چىڭ دەرھال پەسكە چۈشۈپ، ئۇنى كۈتۈۋالاتتى. مۇكەررەم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ قىزىم بەك ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ياخشىلىق قىلغان كىشىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدۇ. بۇ يىل 1- ئايدا بىز ئائىلە زىياپىتى قىلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردۇق، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ماڭا ۋە ئېرىمگە بىر جۈپتىن يۇڭ پەلەي تەييارلاپتۇ. ئۇ بىزگە «تۇتۇق دادا، تۇتۇق ئاپا، ھاۋا سوغۇق، قولۇڭلار توڭلاپ قالمىسۇن» دېدى.

  ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇكەررەم ئانا مېھرى ۋە ئىناق ئائىلە مۇھىتىنىڭ چېن چىڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. ھەپتە ئاخىرىدا، مۇكەررەم ئائىلىسىدىكىلەر ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، يۈ جيەنيىڭ ۋە چېن چىڭنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقتى، ئۇلار سەھرا ئارامگاھىغا بېرىپ بىللە كاۋاپ پىشۇرۇپ يېدى، گۈللەر ئارىسىدا بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى، تاغ چوققىسىغا چىقىپ، «قاتمۇقات تاغلار»دىن ھۇزۇرلاندى. «تۇتۇق ئاپام مېنى كىنو كۆرگىلى ئاپاردى، تاللا بازىرىنى ئايلاندۇردى، ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپاردى، ماڭا ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بەردى، يېڭى كىيىم ئېلىپ بەردى...»، تۇتۇق ئاپىسىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى تىلغا ئالغاندا، چېن چىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپلا كەتتى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەندە، يۈ جيەنيىڭنىڭ تۇيۇقسىز بېشى قېيىپ، نەپىسى قىسىلىپ، چىرايى قىزىرىپ كەتتى، چېن چىڭ شۇئان مۇكەررەمگە تېلېفون قىلدى. مۇكەررەم ۋە ئۇنىڭ ئېرى دەرھال ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ چېن چىڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مومىسى بىلەن ئىككىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى. مۇتەخەسسىسكە كۆرسىتىپ، تەكشۈرتۈپ، دورا ئالدى، يۈ جيەنيىڭنىڭ ئەھۋالىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چېن چىڭنىڭ كۆز چاناقلىرىدىكى ياشلىرى ئاخىر توختىدى.

  «مەن ناھايىتى رازى، ئۆيىمىزدە مومام، ئاپام، دادام ۋە ئۇكام بار». ھازىر چېن چىڭ كۈلۈپلا تۇرىدۇ، ئۇ يەنە بېشىنى مۇكەررەمنىڭ مۈرىسىگە قويۇۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ھەقىقىي بەخت ئىكەن.

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى