قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەن پىڭ بىلەن ئالتۇنگۇلنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دۇكىنى

2018-05-14 12:06:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  ئىككى كۈندىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى توغراق كەنتىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ كادىرى يەن پىڭ ئىزچىل «سىڭلىسى» ئالتۇنگۇل ئوبۇل ھاشىمنىڭ ئۇششاق يېمەكلىك تىجارىتىگە ياردەملىشىش بىلەن ئالدىراش بولدى.
  چېچىنى تۈگۈپ، ھالقا تاقاپ، چىرايلىق گىرىم قىلىۋالغان ئالتۇنگۈل ئوبۇلھاشىم ئىنتايىن روھلۇق كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىرتتا تىجارەت قىلىپ، كۆڭلۈممۇ ئازادە بولۇپ قالدى. بۇ قېتىم يەن پىڭ ئاچام كەنتىمىزگە مېنى يوقلاپ كېلىپ، تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىمنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدى. يەنە چېچىمنى ياساپ گىرىم قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن شەخسىي تازىلىققا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمەن. بۇنىڭدا ئۆزۈممۇ روھلىنىپ، تىجارىتىممۇ ياخشى بولىدىكەن.
  بۇ يىل 3- ئايدا ئالتۇنگۈل ئوبۇلھاشىم يەن پىڭگە بىر ئۇششاق يېمەكلىك يايمىسى ئېچىش ئويى بارلىقى، لېكىن ئىشنى قانداق باشلاشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. يەن پىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، سىڭلىسىغا كەنتتىكى «گۈزەللەشتۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى» دىن 5 كىۋادىرات مېتىرلىق يايما ئورنى ئېلىپ بەردى ھەم ئۇنىڭ بازاردىن مىڭ تال ياغاچ زىخنى توپ باھادا ئېلىشىغا ياردەم بەردى. بىر ھەپتە سىناق تەرىقىسدە تىجارەت قىلغاندىن كېيىن، ئالتۇنگۈل ئاچىسى يەن پىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم تۇغقان يوقلاپ كېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇششاق يېمەكلىك يايمىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى. يەن پىڭمۇ بۇ قېتىم سىڭلىسىغا بىر سوۋغات ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىڭلىمغا بىر شامالدۇرغۇچ ئېلىپ كەلدىم. بۇنىڭدا ھەم ئىس- تۈتەكنى يوقاتقىلى، ھەم چىۋىن- پاشىلارنى قورىغىلى بولىدۇ.
  يەن پىڭ يەنە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن دۇكانغا ئىسىم قويۇپ، باھا جەدۋىلى چاپلاپ، چىرايلىق گۈللەرنى تىزىپ قويدى. يېمەكلىك يايمىسىنىڭ يان تەرىپىدە بىر «تۇغقانلىشىش كارتىسى» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلاتتى. ئالتۈنگۈل ئوبۇلھاشىمنىڭ ھازىرقى يېڭى تۇرمۇشى دەل مۇشۇ كارتىدىن باشلانغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يايما ئاچامنىڭ ياردىمىدە كەنتىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق، سودىسى ئەڭ ياخشى يايما بولۇپ قالدى. ھازىر كۈنىگە 500 يۈەنلىك زىخلىق ئاچچىق يېمەكلىك سېتىپ، بىرەر- ئىككى يۈز يۈەن ساپ پايدا ئېلىۋاتىمەن. ئاچامغا، خىزمەت ئەترىتىگە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت، بۇ بىزنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» دۇكىنىمىز.
  يەن پىڭ مۇنداق دېدى: كېلەر قېتىملىق تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكىدە، ئۇنىڭغا بەزى يېڭى تىجارەت تۈرلىرىنى تونۇشتۇرىمەن. بىر توك كاۋاپدان ياكى قوناق ئېتىلدۇرۇش ماشىنىسى ئېلىپ كېلىشىم مۇمكىن. بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىش قولايلىق، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ئۇنىڭ تىجارىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى