قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىخەتەر ئۇچۇش مۇھاپىزەتچىسى فۇ گوچياڭ

2018-05-14 12:08:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى ئايروپىلان رېمونت قىلىش بازىسىنىڭ ئىنژېنېرى فۇ گوچياڭ قىلچە بىخەستەلىك قىلماسلىقتەك «ھۈنەرۋەنلىك روھى» ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.
2005-يىلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن فۇ گوچياڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئايروپىلان رېمونت قىلىش ھاياتىنى باشلىدى. خىزمەت جەريانىدا ئۇ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىغا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، رېمونت قىلىشنىڭ ئالدى، كەينىنى سېلىشتۇرۇپ، خاتالىق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇچۇش بىخەتەرلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى بەك ئېغىر، بىز چوقۇم باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن خىزمەت ئىشلىشىمىز كېرەك. كىچىككىنە بىر سەۋەنلىكمۇ زور بالا-قازا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
  فۇ گوچياڭ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىگەنلىكتىن، كەسپىي سەۋىيىسى ناھايىتى تېز ئۆستى. بىر قېتىم، بىر ئايروپىلان قونغاندا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۇچۇش قونۇش جازىسىنىڭ چىرىغى يانمىدى. فۇ گوچياڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنتايىن تار بوشلۇقتا ئىككى كۈن جىددىي ئىشلەپ، سىم يوللىرىنى بىر- بىرلەپ ئاجىرىتىپ رېمونت قىلىپ، يەنە بىر تال بىر تالدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كاشىلىنى ئوڭشىىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېخنىكا جەھەتتە ئۈلگە بولۇشنى نىشان قىلغان ئىدىم. بىرىنچى سەپتىكى ئايروپىلان رېمونت قىلىش خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ نىشاننى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشىم كېرەك.
  فۇ گوچياڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاسرىشى تۈرتكىسىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بوئىن 757 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇش نىسبىتى ئىزچىل بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلدى. ئايروپىلاننىڭ كېچىكىپ ئۇچۇش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلدى. يېقىندا، شىركەتنىڭ ئايروپىلان ئەترىتىنى تەڭشىشى بىلەن، بوئىن 757 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىلىتى سېتىشتىن توختىتىلدى. بوئىن 757 تىپلىق ئايروپىلاننى 10 يىلغا يېقىن رېمونت قىلغان فۇ گوچياڭ كۆڭلى قىيمىغان ھالدا بۇ ئايروپىلانلار بىلەن خوشلاشتى ۋە يېڭى تىپتىكى بوئىن 787 تىپلىق ئايروپىلاننى ئۆگىنىشكە كىرىشتى ھەمدە ناھايىتى تېزلا بوئىن 787 تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھاۋا يولىنى ئاسراش مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ، پەقەت كۈرەشچان كىشىلىك ھايات بولغاندىلا ئاندىن بەختلىك ھايات بولىدۇ، دېدى. ھەر بىر قېتىم ئۆز قولۇم بىلەن رېمونت قىلغان، ئاسرىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئاسمانغا تەكشى كۆتۈرۈلگەن ياكى يەرگە بىخەتەر قونغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن. مانا بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم، بۇ بەخت كۈرەش قىلىشىمغا ئەرزىيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى