قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىنقىلابنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىشەنچ باغلىغان ياش ئىنقىلابىي قۇربان ـــ ياڭ چاۋ

2018-05-14 12:21:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ياڭ چاۋ 1904- يىلى 12- ئايدا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنشەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 5 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دېئەن ناھىيەسىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1921- يىلى نەنچاڭ شىنيۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، ماركسىزم ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان ھەمدە يۈەن يۈبىڭ، خۇاڭ داۋ، فاڭ جىمىن قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئۆزگەرتىش جەمئىيىتى» دېگەن ئىنقىلابىي تەشكىلاتنى قۇرغان. 1923- يىلى كۈزدە، ياڭ چاۋ نەنجىڭ شەرقىي جەنۇب داشۆسى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، شۇ يىلى 10- ئايدا جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 12- ئايدا، «جۇڭگونى ئۆزگەرتىشنىڭ يولى ــ ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشتا» دېگەن ماقالىنى يېزىپ، پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاۋى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس  قىلغان، ئارقىدىنلا بېيجىڭ داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇغان.
  1925- يىلى «30- ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ياڭ چاۋ بېيجىڭ داشۆسى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، يۈن دەييىڭ، شياۋ چۇنۈ بىلەن تونۇشقان ھەمدە شەرەپلىك ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.  شۇ يىلى، ياڭ چاۋ قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، جياڭشىغا قايتىپ ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە شۇ يىلى قىشتا دېئەندىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى-- دېئەن ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىگەن. 1926- يىلى يازدا، پارتىيە تەشكىلاتى ياڭ چاۋنى جياڭشىغا قايتىپ، خىزمەت ئىشلەشكە ئەۋەتكەن. شۇ چاغدا ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جياڭشى يەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 12- ئايدا، جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيەسى دېئەن ناھىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، ياڭ چاۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، ئاممىنىڭ شىمالغا يۈرۈش ئارمىيەسىگە ئاكتىپ ماسلىشىشقا رەھبەرلىك قىلغان.
  1927- يىلى جياڭ جيېشى «12- ئاپرىل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغاندىن كېيىن، زور تۈركۈم كومپارتىيە ئەزاسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ياڭ چاۋ دېئەن خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جياڭ جېشىغا قارشى كۈرەش قىلغان. 1927- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى، ياڭ چاۋ پارتىيەنىڭ ۋۇخەندىكى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن جياڭشىغا قايتىش يولىدا گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى بايقاپ قالغان. ياڭ چاۋ دۈشمەنلەرنىڭ دىققىتنى تارتىپ، سەپداشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر ياڭ چاۋنى قولغا ئالغاندا خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كىتىپ، كېچىلەپ سوراق قىلغان. ئۇنى قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئېلىپ، قورقۇتۇش، مەجبۇرلاش، ئالداش، قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاغزىدىن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەخپىيىتىنى ئېلىشقا ئورۇنغان. ياۋۇز دۈشمەن ئالدىدا، ياڭ چاۋ كومپارتىيە ئەزالىرىغا خاس ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان، پارتىيىگە سادىق بولۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايەن قىلغان. دۈشمەن ئامالسىز قىلىپ، 1927- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى ياڭ چاۋنى نەنچاڭدا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتىرىۋەتكەن.  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى