قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئون يىل ئاۋۋال باشلانغان ئىناقلىق ھېكايىسى

2018-05-14 21:48:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«سۈن يۈ، يۈرۈڭە! بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى...» ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى يۇرچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سۈن يۈ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئائىلە زىيارىتى قىلىۋاتقاندا، بۇ كەنتتىكى ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ يەڭگىسى كېرەمخان ياسىن ئۇنى جىددىي ئىزدەپ كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆيىگە مېھمان كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنى رەسىمگە تارتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى.
  سۈن يۈ فوتو ئاپپاراتىنى ئېلىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇ ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ ساۋاقدىشى- شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ چياڭ ئىكەنلىكىنى ئۇقتى.
  ئۇلار ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق جاڭ چياڭنىڭ ئون يىل ئاۋۋال ئابدۇللا ئابدۇرېشىت ئائىلىسى بىلەن تونۇشىدىغانلىقىنى ئۇقتى.
-2008 يىلى جاڭ چياڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، يۇرچى كەنت ئوتتۇرا مەكتىپىگە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلدى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ۋاسكېتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان جاڭ چياڭ بوش ۋاقىت تاپسىلا ۋاسكېتبول مەيدانىغا كېلىپ توپ ئوينايتتى، بىر قېتىمقى تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇ ئەينى چاغدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئابدۇللا ئابدۇرېشىت بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئىككىيلەن بىرلىكتە توپ ئويناپ، تىل ئۆگىنىپ، قىسقىغىنا ۋاقىتتا خېلى ئوبدانلا چىقىشىپ قالدى. ھەممىلا ئادەمگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان ئابدۇللا ئابدۇرېشىت جاڭ چياڭنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، دوستىنىڭ قايتا- قايتا قىلغان تەكلىپىنى رەت قىلىۋېرىشتىن خىجىل بولغان جاڭ چياڭ ئاخىرى مەكتەپ ياتىقىدىن ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كەلدى.
  ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ دادىسى ئابدۇرېشىت رۇسۇل ۋە بۇ ئائىلىدىكىلەر جاڭ چياڭنىڭ كەلگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇشتى. ئۇلار جاڭ چياڭغا مەخسۇس بىر ئۆي ھازىرلاپ بەردى. جاڭ چياڭ شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇرېشىت رۇسۇل ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە جاڭ چياڭ بىلەن ئابدۇللا ئابدۇرېشىت ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە قوي بېقىپ ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى.
  ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ ئاپىسى بۇ خەنزۇ ئوغلىنىڭ بۇ يەرنىڭ تاماقلىنىش ئادىتىگە كۆنەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئالايىتەن بازارغا بېرىپ، ئۇ ياقتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئەكىلەتتى. جاڭ چياڭ ھەر قېتىم بۇ ئائىلىدىكىلەرگە تاماق پۇلى بەرمەكچى بولغاندا، ئابدۇرېشىت رۇسۇل خاپا بولۇپ: قارا سېنى بالام، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرساق، تاماق پۇلى بېرىمەن دېگىنىڭ نېمىسى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق گەپلەرنى قىلمىغىن! ئەمدى خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ... دەيتتى. جاڭ چياڭمۇ «دادىسى»نىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
  بىر يىللىق ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋاقتى تېزلا توشۇپ قالدى، جاڭ چياڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ ۋاقىت تاپسىلا يۇرچى كەنتىگە تۇغقىنىنى يوقلاپ كېلەتتى. كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتتى، ئابدۇللا ئابدۇرېشىت ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ جەرياندا جاڭ چياڭمۇ ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتە ئابدۇللا ئابدۇرېشىتقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى. ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ ئاپىسى ئاغرىپ قېلىپ ئۈرۈمچىدە كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا، جاڭ چياڭ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى.
بۇلتۇر جاڭ چياڭ «دادىسى» ۋە «ئاپىسى» نى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلدى ھەم ئۇلارنى ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يېرىنى ساياھەت قىلدۇردى.
  ئۈرۈمچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن ئابدۇرېشىت رۇسۇل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بالام، ھازىر تەرەققىيات ھەقىقەتەن بەك تېز، شەھەرلا ئەمەس، بىزنىڭ يېزىلاردىمۇ ئۆزگىرىش زور، كەنت قىياپىتىدىمۇ يېڭىلىنىش كۆپ. كەنت يوللىرى ئاسفالتلاشتۇرۇلۇپ، يوللارغا كوچا چىراغلىرى ئورنىتىلدى، بىزمۇ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا ناھىيە بازىرىغا قاتنايدىغان كوچا ئاپتوبۇسى بار، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بېيىشىمىزغا كۆپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ھازىر ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
  ئابدۇرېشىت رۇسۇلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان جاڭ چياڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى.
  ھەش- پەش دېگۈچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئابدۇللا ئابدۇرېشىتمۇ ئۆي- ئوچاقلىق بولدى. ئۇ دائىم بىر كۈنلەردە جاڭ چياڭنىڭ ئۆز ئاپىسىنى باشلاپ ئۆزىنىڭ يېڭى تۇتقان ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇپ كېتىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
-2018 يىلى چاغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ ئارزۇسى ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى، جاڭ چياڭنىڭ ئاپىسى بىلەن بىللە ئۇلارنى كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كەلمىدى. ئۇ ئۆيىدىكىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھويلا- ئارانلارنى پاكىز تازىلاپ، تاماق ئېتىپ، يىراقتىكى تۇغقىنىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى. مانا بۈگۈن ئابدۇللا ئابدۇرېشىت تۇغقانلىرى بىلەن دىدارلاشقان بۇ قىممەتلىك مىنۇتلاردىن خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن، يەڭگىسىنى مەخسۇس خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنى خاتىرە سۈرەتكە تارتىپ قويۇشقا ئەۋەتكەنىدى.
- بۇ بىز يېڭىدىن سالغان ئەمىن ئۆي، بۇ كالا، قوي قوتىنى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى، پارتىيەگە كۆپ رەھمەت. ئۆيىمىزدە ھازىر 500 دىن كۆپرەك قوي بار، كۆپىنچىسى تاغدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىدا بېقىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل 150 قوينى ساتتۇق، ئوغلۇم ۋە كېلىنىمنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، − دېدى ئابدۇللا ئابدۇرېشىتنىڭ ئاپىسى جاڭ چياڭنىڭ ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
  جاڭ چياڭنىڭ ئاپىسىمۇ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن تولىمۇ سۆيۈندى.
  بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى جاڭ چياڭ ئىلگىرى تۇرغان كونا ئۆيگە كەلدى، كونا ئەسلىمىلەرگە تولغان بۇ ئۆيدىن چىققان يېقىملىق ۋە ئىللىق بىر سېزىم جاڭ چياڭنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارىغاندەك بولدى. ئوغلىنىڭ ئىلگىرى تۇرغان ئۆيىنى كۆرگەن جاڭ چياڭنىڭ ئاپىسى ئابدۇللا ئابدۇرېشىت ئائىلىسىدىكىلەرگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى ۋە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئوغلۇمغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغىنىڭلارغا، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت.
  خۇشاللىققا تولغان بايرام كۈنلىرىدە، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يەپ، كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇنداق ياخشى كۈنلەرنى يارىتىپ بەرگەن پارتىيەگە بىرلىكتە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى