قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زىمىن روھى

2018-05-14 22:07:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  زىمىننىڭ روھى بار،
  ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر ھاياتلىق نۇرى.
  قەلبىم ئىنتىلگەن گۈزەل يۇرتۇم،
  زىمىن روھىدا رەڭ بار،
  ئۇ مەڭگۈلۈك يېشىل،
  ئۇ ياپيېشىل ئوتلاق رەڭگىدە،
  ئۇ بۇغداي مايسىسىنىڭ رەڭگى،
  ئۇ شال ۋە كېۋەزنىڭ رەڭگى،
  ئۇ قوغۇن پىلىكى ۋە قىچىنىڭ رەڭگى،
  ئۇ تاش ئارىلىقلىرىدا ئۆسكەن مۇخنىڭ رەڭگى،
  ئۇ ئۆگزىدىكى كاھىشنىڭ رەڭگى،
  ئۇ كۆلدىكى نېلۇپەر يوپۇرمىقىنىڭ رەڭگى،
  ئۇ قىرغاقتىكى قۇمۇشنىڭ رەڭگى،
  تاغ باغرىنى قاپلىغان بامبۇك دېڭىزىنىڭ رەڭگى.
  شامالدا يەلپۈنگەن ئورماننىڭ رەڭگى،
  بۇلاق ئېقىن كۆل رەڭگى،
  ئۇ،
  تاغ ۋە سۇ ھۆپۈشكەن بىر رەڭ.
  زىمىن روھىنىڭ ئاۋازى بار.
  ئۇ بۇلۇت يامغۇرىغا ئوخشاش،
  باھارنى چىللىغان قارلىغاچ سايرىشى.
  شوخ قۇشقاچلارنىڭ ۋىچىرلىشى،
  كاككۇكنىڭ ئۇپۇقتىكى ناۋاسى،
  بۇلبۇلنىڭ بۇلۇتتىكى ھەسرىتى،
  پاقىلارنىڭ سۇ تىگىدىكى كۇكىرىشى.
  سازاڭنىڭ تۇپراقتىكى لۆمۈلدىشى،
  قارا چېكەتكىنىڭ شەبنەمدىكى ناخشىسى.
  باش يازدىكى سىم- سىم يامغۇر،
  توقۇمىچى نەزمىسى،
  مىدىرلىغان بېلىق ئېغىزى،
  سۇ يۈزىدىكى چۈش كەبى ئاۋاز.
  ئويناقشىپ ئاققان سۇ،
  يايلاقتىكى شادلىق تەنتەنىسىگە چۆمگەن ناخشا.
  لەرزان تاغ شامىلى،
  ئورماندىكى قېرىماس بىر كۈي،
  زىمىن روھىنىڭ مېزىلىك پۇرىقى،
  ئۇ تەبىئەتنىڭ كىشىنى لال قىلىدىغان ھېدى.
  ئۇ سوغۇق شامالدىكى چىللىگۈل،
  باھار يامغۇرىدا قىچا گۈلىدەك خۇش پۇراق.
  ئىللىق قۇياش نۇرىدا،
  بۇغداي، شالنىڭ خۇش پۇرىقى.
  بۆلجۈرگەن، ئۈزۈم خويمۇ ئوخشىغان،
  ئەمەن نېلۇپەر ئارىلاش ئاجايىپ ھېدى.
  يەسىمەن گۈلى ئېغىر ئۇھ تارتتى،
  ياپيېشىل شەمشاد سۈكۈتكە تولدى،
  ئۆرۈك دەرىخى چوڭقۇر نەپەستە،
  تاغ باغرىنى قاپلىغان چاي دەرەخلىرى.
  پەلەك بىلەن زىمىن ھېدى قوشۇلغان،
  تاغ ۋە كۆل ئارىسىدا يۈرۈپ،
  پۇراق سەزگۈلىرىم شۇ قەدەر ئۆتكۈر،
  ھاۋا شۇ قەدەر ساپ.
  يۈرەك- باغرىمنى ياشارتقان،
  قەلبىمنى شادلىقتىن مەست قىلغان،
  زىمىننىڭمۇ روھى بار،
  ئۇ كائىناتتىكى ئەڭ گۈزەل ھاياتلىق ناخشىسى.
  ئىنسان روھى بىلەن زىمىن روھى بىرلەشكەندە،
  شېئىر ۋە مۇزىكا،
  ئاسمان بىلەن زىمىن ئارىسىدا تۇغۇلدى.
  ئادىمىزاتنىڭ تەبىئەتكە بولغان بارلىق ھېسلىرى،
  جانلىق شېئىر بولۇپ يېزىلدى،
  زىمىننى سۆي، تەبىئەتنى ئاسرا،
  ئەگەر رەڭ قارىغۇسى بولساڭ،
  ئەگەر ئاڭلاش سىزىمىڭ تۈگىگەن بولسا،
  تەم سەزگۈلىرىڭ يوقالغان بولسا،
  ئۇ ھالدا،
  سەن چوقۇم،
  زىمىن روھىغا ئاسىيلىق قىلدىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى