قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇشلار تىلى

2018-05-14 22:08:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  مەن فۇچۈنجياڭ دەرياسى بويىدا كېتىۋاتىمەن،
  ياپيېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلار.
  ھەممىلا يەردە قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايرىشى،
  ئورماندا قۇش بار،
  قۇشلار ئاۋازى ئورمان دېڭىزىنى ئەۋج ئالدۇردى،
  سۇ يۈزىدە قۇش بار،
  ئۇنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى،
  سۇنى سىيپاپ ئەگىپ ئۆتتى.
  ئېتىزدىكى قۇش،
  مايسىلارنى ئۇسۇلغا تارتقان شادىمان ناخشا.
  ھەر بىر قۇش،
  ئۇ تۇغما ناخشىچى،
  بامبۇكزارلىقتا، تاغلار باغرىدا،
  يېشىل ئورماندا، گۈللۈكلەر ئارا،
  ساي يولىدا، ئېرىق بويىدا،
  بۇلۇتلار ئەگىگەن جىمجىت دالىدا،
  ئاپپاق ئىس كۆتۈرۈلگەن كەنت يولىدا،
  قۇشلار ناخشىسى،
  ئاسمان بىلەن زىمىن ئارىسىدا.
  سۇ ۋە شامال ئاۋازىغا تەڭكەش،
  مەۋجۈداتلار چوقانلىرىغا جۆر بولغان،
  ھەممە شۇنچىلىك تەبىئىي،
  قۇش ئالدىمدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.
  يالت قىلىپ ئۆتكەن زىرەك قۇش،
  كۆرسەتمەس چىراي ئىپادىسىنى،
  ئۇلارنىڭ سايرىشى،
  قۇلاق پەردەمنى غدىقلار.
  نىمە دەۋاتىدۇ،
  ئۇلار ماڭا نىمە دېمەكچى،
  بۇ دەقىقە،
  مەن قايتا تۆرەلدىم!
  تۈمەنلىگەن قۇشلار سايرىغان،
  ئۇلار قەلبىدىكى نازۇك ھېسلارنى بىلدىم،
  قايغۇ- ھەسرەت، خۇشاللىقلارنى.
  ئورمان قۇشلىرى دېيىشمەكتە:
  ئىلگىرىكى قاقاسلىق ئېسىڭدىمۇ؟
  تاغدا يېشىللىق يوق،
  دەل- دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى كېسىلگەن،
  كۆتەكلەر ياشلىرىنى ئاققۇزغىنىچە،
  يەنە،
  يالىڭاچلىنىپ قالغان تاشلار،
  ھەتتا، ئەمەنمۇ يىگانە شامالدا تىترەر ئىدى.
  سۇ قۇشلىرى دېيىشمەكتە:
  قۇرغاقچىلىق ئېسىڭدىمۇ؟
  دەريادا ئويناقشىغان سۇلار يوق،
  قۇشلار تىنچ ماكانىدىن ئايرىلغان،
  كۈچلۈك ئاپتاپ قىزدۇرغان شېغىل،
  ھەممىلا يەردە ئۈمىدسىزلىككە تولغان كۆزلە،
  ھەممە يامغۇر بۇلۇتىغا تەشنا بولغان.
  ئېتىز قۇشلىرى دېيىشمەكتە:
  قەھەتچىلىك يىللىرى ئېسىڭدىمۇ؟
  ئېتىزلىقتا مايسا يوق،
  تاغ باغرىدا مىۋە پۇرىقى،
  ھاۋادىمۇ يوقتۇر گۈل ھىدى،
  كۆرگىنىمىز پەقەت ئوۋچى تورى،
  ئېچىرقىغان كۆزمۇ بار يەنە.
  مەن قۇشلاردىن سورۇدۇم:
  شۇنچىلىك ئازابلىق كەچمىشلەر باركەن،
  نىمە ئۈچۈن، نىمە ئۈچۈن...
  يەنە قىيماي قايتتىڭلار بۇيان؟
  قۇشلار جاۋاب بەردى:
  شادىمان كۈلكە،
  بىزنىڭ ئەسلىمىلىرىمىز ئۆتمۈشكە تەۋە.
  قارا،
  بۈگۈنكى يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇغا،
  قارا،
  ئاق بۇلۇت، كۆپكۆك ئاسمانغا.
  بىز قايتىپ كەلدۇق،
  ئەمدى قايتقۇمىز يوق.
  مەن قۇشلارنىڭ ئوپچە خورىنى ئاڭلاۋاتىمەن:
  زىمىستان قىشتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن،
  جەنۇبتىن شىمالغا ئۇچماقتىمىز،
  قاقاسلىقتىن يىراقلىشىش ئۈچۈن،
  يازنى قوغلىشىپ ئۇچماقتىمىز،
  چەكسىز دۇنيادا، گۈزەل زىمىندا،
  ئۇ يەردە بار يېشىل كائىنات،
  ئۇ يەردە بار ھايات خۇشلۇقى،
  ئۇ يەردە بار مول تۇپراق،
  ئۇ يەر بىزنىڭ ماكانىمىز.
  شوخ سايرىغىن سۆيۈملۈك قۇشقاچ،
  مەن قەلب سادايىڭنى تىڭشىدىم،
  مەن شادلىقىڭنى چۈشەندىم،
  ياڭراق ناخشا ئېيتقان،
  ئەسلىدە،
  تەبىئەتنى سۆيگەن بىر جۈپلەر ئىكەن.
  چىن قەلبىڭدىن مەدھىيلە، كۈيلە،
  ئېيتقىن ناخشاڭنى سۆيۈملۈك قۇشقاچ! 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى