قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يايلاق

2018-05-14 22:09:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  بۇ قېتىم مەن يايلاقنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. يايلاقنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، ھاۋاسى تېخىمۇ ئوچۇق ھەم ساپ بولۇپ، خۇشاللىقىمدا بۇ يەردە تۇرۇپ ۋارقىراپ ناخشا ئېيتقۇم كېلەتتى. ئالەم چەكسىز بولسىمۇ، ئۇنى چۈشەنمەك ئۇنچە قىيىن ئەمەس ئىدى. يايلاقنىڭ تۆت ئەتراپى دۆڭلۈك بولۇپ، تۈزلەڭ ۋە دۆڭلىرىنىڭ ھەممىسى يېشىللىققا پۈركەنگەن. قويلارنىڭ بىردە دۆڭگە چىقىپ، بىردە دۆڭدىن چۈشۈپ ئوتلاشلىرى يىراقتىن قارىسا خۇددى يېشىل گېلەمنىڭ ئۈستىدە ئېچىلغان ئاق گۈللەرگە ئوخشايتتى.
  يېشىل دۆڭلۈكلەرنىڭ ئايلانما يايلىرى شۇنچىلىك گۈزەل، بەئەينى سىياھ ئىشلىتىلمەي پەقەت يېشىل بوياق بىلەنلا بوياپ قويۇلغان بىر پارچە جۇڭگۇچە رەسىمنىڭ ئۆزى. بۇ مەنزىرە كىشىگە خۇددى يېشىل رەڭلەر بۇلۇتلار ئارىسىغا ئېقىپ كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. 
يايلاقنىڭ ئەنە شۇنداق گۈزەللىكى كىشىنى ھەم ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم ھوزۇرلاندۇرىدۇ. گۈزەللىككە تويمىغان كۆزلىرىم، گۈزەللىك ئىلھاملىرىمغا كۈچ ئاتا قىلىپ، لېرىك ھېس- تۇيغۇلىرىمنى كۈچەيتكەن ئىدى. يايلاقتىكى تۇلپار ۋە كالىلارمۇ تىنچ ھالاتتە يايلاقنىڭ چەكسىزلىكىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.
  بىزنىڭ بارغىنىمىز بولسا ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ خۇلۇمبىر شەھىرىدىكى چىمبارخۇ ئايمىقى ئىدى. ئاپتوموبىل 150 چاقىرىم ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن مەنزىلگە يېتىپ كەلدى. بۇ 150 چاقىرىم يولنىڭ ھەممىسى يايلاق بولۇپ، يەنە 150 چاقىرىم ماڭساقمۇ بۇ يايلاق ئاخىرلىشىپ قالمايتتى. يايلاقتا پەقەت يۆنىلىشنى توغۇرلىيالىسىلا، ئاپتوموبىلنى ناھايىتى ئەركىن ھەيدەپ ماڭغىلى بولاتتى. بىز يايلاققا كەلگەندە، ھېلى ئۆرلەپ ھېلى پەسلەپ ئۇچىۋاتقان قۇشلاردىن باشقا ھېچنىمىنى كۆرمىدۇق ھەم ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىمىدۇق. خېلى ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن يىراقتىن ئەينەكتەك سۈزۈك دەريا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئاستا- ئاستا يەنە كالا- قوي- ئات پادىلىرىنىڭ سىيماسى كۆرۈنۈش بىلەن بىرگە قامچىنىڭ يەڭگىل تاراسلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
  بىز ئاخىرى مەنزىلگە يىتىپ كەلدۇق. تۇيۇقسىز، شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەندەكلا، يىراقتىكى دۆڭدىن- رەڭگارەڭ كىيىنىشكەن چوڭ- كىچىك، ئەر- ئاياللار ئاتلىق بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. بۇ مەنزىرە ئاتلارنىڭ بوينىدىكى لېنتىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ خۇددى ھەسەن- ھۈسەن ئۇچۇپ كېلىۋاتاندەك كۆرۈندى.
  ئەسلىدە ساھىپخانلار نەچچە چاقىرىم يولنى بېسىپ مېھمانلارنى كۈتىۋېلىشقا كەلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ساھىپخان بىزنى كۆرۈپ دەرھال ئاتنىڭ بېشىنى بۇرىدى- دە، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىدا بىزگە يول باشلاپ ماڭدى. ئەمدى بۇ جىمجىت يايلاقلار ئاپتوموبىلنىڭ ئاۋازى، ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازلىرى ۋە كۈلكە ئاۋازلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. ئاپتوموبىل ئاتنىڭ كەينىدىن مېڭىپ دۆڭگە چىققاندا، بىز بىر قانچە مۇڭغۇل كىگىز ئۆيلىرىنى كۆردۇق.
  مۇڭغۇل كىگىز ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ئاتلار يايلاپ يۈرەتتى، يەنە نۇرغۇن ئاپتوموبىللار توختىتىلغان ئىدى. بۇ يەردە نەچچە ئون چاقىرىم يولنى ئاتلىق ياكى ئاپتوموبىل بىلەن يۈرۈپ، بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى.
  ساھىپخان ئاتتىن چۈشۈشى بىلەن بىزمۇ ئاپتوموبىلدىن چۈشتۇق. قىزغىن كۆرۈشۈشلەر ئىچىدە قول- قوللارغا ئىللىق ھارارىتىنى تاراتتى. شۇنچىلىك قىزغىن دىدارلاشتۇقكى، تىللىرىمىز ئوخشىمىسىمۇ، قەلبىمىز سۆيۈنۈپ جىسمىمىز بىرگەۋدىگە ئايلاندى. مېھىر بىلەن قول سىقىشلار، ئىللىق كۈلۈمسىرەشلەر ئىچىدە ئۆز تىلىمىزدا سۆزلىشىۋاتقان بولساقمۇ، مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى مانا مەن دەپ ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
  ئەنە شۇنداق قىزغىن كۆرۈشۈشلەر ئىچىدە مۇڭغۇل كىگىز ئۆيىگە قانداق كىرىپ قالغانلىقىمىزنىمۇ سەزمەي قالدۇق. ھەممىمىز ئەتكەن چاي، سۈت- پۇرچاق ئۇيۇتمىلىرى تىزىلغان شىرە يېنىغا كېلىپ بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشتۇق. ھەممىمىز شۇنچىلىك ئەدەبلىك ۋە قىزغىن، ئارىمىزدا ھىچقانداق سۈننىلىك يوق ئىدى.
  ساھىپخان بىردەمدىلا بىر تاۋاق قوي گۆشى ئېلىپ كىردى، كادىرلا بىزگە قەدەھ تۇتۇشنى باشلىۋەتتى، ھەتتا 70 ياشقا كىرگەن مويسپىت بوۋايلارمۇ بىزگە قەدەھ سۇندى. بىزمۇ ھەم ئۇلارغا جاۋابەن قەدەھ سۇنۇشتۇق. سورۇنغا گۈل بولۇپ قوشۇلغان، ئۇچلۇق قالپاقلىرىنى كىيىشكەن مۇڭغۇل قىزلىرى بىزگە خەلق ناخشىلىرى ئېيتىپ بەردى. بىز ناخشىلارغا جور بولدۇق. ناخشا گۈزەل ھەم تەسىرلىك، ناخشىلار مەيلى قايسى تىلدا ئېيتىلسۇن، يۈرەكلىرىمىزدىكى خۇشاللىق ھەممىمىزگە ئورتاق ئىدى.
  تاماقتىن كېيىن، يىگىتلەر سالغا ئىتىپ ئات تۇتۇش، چېلىشىش نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتسە، قىزلار مىللىيچە ئۇسۇللارنى ئويناپ بەردى. مېھمانلارنىڭمۇ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىرى ئويناپ، ناخشا ئېيتىدىغانلىرى ناخشا ئېيتىشتى، ئات مىنىشنى خالايدىغانلار ئاتقا مىنىپ ئويناشتى.
  قۇياش غەربكە پىتىشقا باشلىغان بولسىمۇ ھېچقايسىمىزنىڭ كەتكۈسى يوق ئىدى. چۈنكى، مۇڭغۇل- خەنزۇ مىللەتلىرىنىڭ رىشتى شۇنچە چىڭ باغلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيسۇن! 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى