قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باھار كېلىپ ئىشىكىڭىزنى چەككەندە

2018-05-14 22:09:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قاتتىق ئۇيقىدىن ئويغانغان قىش ئاچقۇچىنى ئۇنتۇپ قالغان بولغاچقا، ئاستا كېلىپ باھارنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. ئىشىك ئەمدىلا ئېچىلىشىغا ياز غىپپىدە كېلىپ، شوخلۇق بىلەن بوسۇغۇدىن ئاتلىدى. گۈللەر خۇشلۇق ئىلكىدە: «باھار كەلدى، باھار كەلدى...» دەپ توۋلاشتى.
  بۇ يىل باھار بايرىمى ھارپىسىدىكى باش باھاردا، شىمالدىكى نۇرغۇن جايلاردا قار- يامغۇر ئاز ياققاچقا، قىش ئاللىبۇرۇن ھەيۋىسىنى يوقاتقان، باھارنىڭ ئىشىكىنى ئەڭ بالدۇر چەككىنى شامال بولۇپ، يىنىككىنە، ئاستا ئىدى. باھار سۇس گىرىم قىلىپ، سىلىق قەدەملەر بىلەن كىشى قەلبىنى لال قىلىپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. ئىشىك سىرتىدىكى باھار ئاللىبۇرۇن كەنتتىكى ئېتىزلىقلارغا قەدەم ئالغان بولۇپ، يەڭ ۋە پۇشقاقلاردىن سىرغىپ كىرىپ، بەدەنگە يىنىك ئۇرۇلاتتى. كىشىلەر باھارنى تىلەپ، باھارنى چىللاپ، باھاردىن ھۇزۇرلىنىپ، باھاردا ئالدىراش بولۇپ، باھارغا مەدھىيە ئوقۇماقتا. يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بالىلار يۈگۈرۈپ شوخ ئوينىماقتا ئىدى. دېھقانلار ئالدىراش ئېتىز ئىشلىرىنى قىلماقتا. ئۆيدە قالغان كىشىلەر توخۇ، ئىت، غاز- ئۆردەكلىرىنى بېقىۋاتقان بولۇپ، بارچە خۇددى بىر پارچە جۇڭگو يېزا- كەنت مەنزىرىرىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاددىي ۋە يېقىملىق رەسىمگە ئوخشاش نۇر چېچىپ تۇراتتى.
  زىمىندىكى مەۋجۈداتلار قىشلىق ئۇيقىسىدىن ئويغۇنۇشقا باشلىدى. ھەممە يەر باھار شاتلىقىغا تولدى. ئۆرۈك، شاپتۇل، نەشپۈت دەرىخى باھارنىڭ ئىشىك چەككىنىنى ئاڭلاپلا ئالدىراش چېچەكلىرىنى نامايەن قىلىپ، كۈلۈپ باقتى. چۇپۇرشاڭمۇ ئويقىسىدىن ئويغۇنۇپ، يېڭى يۇپۇرماق چىقاردى. كەنتتىكى چىۋەر ئاياللار ئۇنى ئۈزۈپ سىۋەتلىرىگە سېلىشتى. چۇپۇرشاڭ، ھىندى يۇلتۇزگۈلى، تاغ سارچىسى، سۇ كەرەپشىسى، بوزتىكەن، تونا دەرىخى، سېمىز ئوت قاتارلىق تۈرلۈك ياۋا كۆكتاتلار تاماق ئۈستىلىگە ھۆسىن قوشتى. ئەڭ خۇشال بولغانلار يەنىلا بالىلار بولۇپ، سۆگەت شېخىنى سۇندۇرۇپ، ئاستا ئىگىپ، ئاپپاق غولىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئايرىپ چىقىرىۋالغان يۇمران كانايسىمان پوستىدىن نەي ياساپ، يېقىملىق مۇزىكا بىلەن قىشنى ئۇزۇتۇپ قويدى. كوچىلارنى ئوت- چۆپ ۋە تېرىق شوۋگۈرۈچىنىڭ پۇرىقى قاپلىدى.
  ھايۋاناتلار باھار قەدىمىگە ئەگىشىپ جانلىنىشقا باشلىدى. ئىللىق قۇياش نۇرىدا، ھەسەل ھەرىسى گۈل ھېدىنى بويلاپ ئۇچۇپ كەتتى، خوراز پاخال دۆۋىسى ئۈستىدە بوينىنى سوزۇپ چىللاشقا باشلىدى، سېرىق قۇشقاچ دەرەخ شېخىدا خۇشال سايراۋاتاتتى، قارلىغاچ ئاغزىغا دان ئېلىپ، كونا ئۆي تورۇسىدىكى ئۇۋىسىدا قالغان بالىلىرىغا ئېلىپ ماڭدى. يېرىم كېچىلەردە، گاھىدا قارلىغاچ ئۇۋىسىدىن ۋىچىرلاپ سايرىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ قالاتتى. چۈنجياڭ دەرياسى سۇيىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ھەممىدىن ئاۋال ئۆردەك بىلىدۇ. قاراڭ، دەريا بويىدىكى توپ- توپ ئۆردەكلەرگە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى قاناتلىرىنى كېرىپ، سۇغا چۈشكەن ئىدى، قالغان ئۆردەكلەر تەڭلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىر- بىرلەپ سۇغا چۈشۈشكە باشلىدى.
  باھار گۈلدۈرمامىسىمۇ دىمىق ھاۋانى قوغلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە قەدەم تاشلىدى. يەر ئىللىق ۋە يۇمشاق ئىدى. ئارامبەخىش باھار شامىلى يۈزلىرىمنى سىيپاپ ئۆتتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم، بايىقى ھەيۋە قىلىپ جاھاننى بىر ئالغان چاقماقنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. كۆپكۆك ئاسمان ئاپپاق بۇلۇتلار بىلەن قوشۇلۇپ تولىمۇ گۈزەل بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ساپ ھاۋادىن قېنىپ سۈمۈردۈم. دەقىقە ئىچىدە جىسمىم ھاياتىي كۈچكە تولدى. باھار يامغۇرىدىن كېيىنكى بارچە كائىنات جانلانغان ئىدى. نەدىندۇر يېقىملىق «يىمېڭ تېغى قوشىقى» ئاڭلاندى، ئۇنىڭدا، مول ھوسۇلغا بولغان تەشنالىق، ئىشەنچ ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ئىپادىلەنگەن. ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان بىرى تۇماننىڭ ئاسمانغا ئۆرلىشىگە قاراپ كۆزلىرىنى قىسقىنىچە قېتىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن گويا مۇزلارنىڭ پارچىلىنىپ، قارلارنىڭ ئېرىۋاتقان ئاۋازلىرىنى، زىمىننىڭ كۈچلۈك يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاۋاتقاندەك قىلاتتى.
  دوڭ، دوڭ، دوڭ... يېزا- كەنتلەردە باھارنىڭ ئىشىك چەككەن ئاۋازىدىن ئەكس سادا ياڭرىدى. يېڭى دەۋىرنىڭ دۇمباق رىتىمى ئۈمىد ئېتىزلىرىغا تارىدى. باھارنىڭ ئىشىك چەككىنىنى كۆرگەن مەزمۇت ئاق تېرەك يېشىل يوپۇرماقلىرىنى شىلدىرلىتىپ، چاۋاك چالدى. غۇچچىدە ئېچىلغان گۈللەر كۈلۈمسىرەپ ئۇنى قارشى ئالدى. قۇياش ئىللىق نۇرىنى زىمىنغا چاچتى. يۇمشاق زىمىندىن رەڭلىك تەبەسسۇم ۋە ئۈمىد بىخلىنىپ چىقتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى