قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئىستىمالچىلار توردىن مال سېتىۋېلىشتا ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ھوقوقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسپات ساقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك

2018-05-14 22:19:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىئەن لىنتوڭ رايونىدىكى گاۋ خانىم 4- ئايدا «ۋېي پىڭخۇي» تورىدىن 745 يۈەن 8 موغا كورىيەنىڭ بىر توك قازىنىنى سېتىۋالغان. 4- ئاينىڭ 23- كۈنى تېز يوللانما كەلگەن. گاۋ خانىم خىزمەتتە بولغاچقا تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىگە توك قازىنىنى بىنا ئاستىدىكى دورىخانىغا قويۇپ قويۇشنى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئېلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى گاۋ خانىم ئىشتىن چۈشۈپ يەشىكنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتقان. ئوغلى يەشىكنى ئاچقاندا يەشىكتە توك قازىنى بولماستىن، ئەكسىچە بىر پارچە خىش، بىر پارچە تاش چىققان.
  بۇ ۋاقىتتا گاۋ خانىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى كۆرۈپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالغان، ئۇلار بۇنداق ئىشقا تۇنجى قېتىم يولۇققاچقا بەكلا ھەيران قالغان، كېيىن ئۇلار «ۋېيپىڭخۇي» تورىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت ئورنى بىلەن ئالاقىلاشقان، مۇلازىمەت ئورنىدىكىلەر 48 سائەت ئىچىدە جاۋاپ بېرىدىغانلىقى، تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، پۇلنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، كېيىن پۇلنى قايتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، خېلى كۈنلەر ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ھىچقانداق جاۋاپ قايتۇرمىغان.
  شەنشى «يىڭسى» ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى ۋاڭ پىڭشىڭ مۇنداق دىدى: قانۇن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، گاۋ خانىم ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە «ۋېيپىڭخۇي» تورى ۋە تېز يوللانما شېركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنسا بولىدۇ. چۈنكى، گاۋ خانىم يۈز تۇرانە تۇرۇپ مالنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالمىغان، شۇڭا ئۇنىڭمۇ بەلگىلىك ئىسپات كۆرسىتىش جاۋاپكارلىقى بار، ئۇنىڭ مالنى تاپشۇرىۋېلىپ، ئىمزا قويۇپ، يەشىكنى ئاچقاندىن كېيىنكى نەرسىنىڭ ئالغان نەرسىسى بىلەن بىردەك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مال سېتىۋالغۇچىنىڭ بەلگىلىك ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، بولمىسا ئەرز ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
  ۋاڭ پىڭشىڭ ئادۇكات مۇنداق دىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى» نىڭ 157- ماددىسىدىكى مال سېتىۋالغۇچىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش مەجبۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىدە، سېتىۋالغۇچى نىشان قىلىنغان نەرسىنى تاپشۇرىۋالغاندا، بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش مۇددىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش مۇددىتىنى كېلىشمىگەنلەر دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى» نىڭ 142- ماددىسىدا «نىشاندىكى نەرسىنىڭ بۇزىۋېتىلىش، يوقىتىۋېتىلىش خەۋپى بولسا، نىشاندىكى نەرسىنى تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى مەسۇلىيەتنى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مەسۇلىيەتنى سېتىۋالغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىراق قانۇندا باشقىچە بەلگىلەنگەن ياكى دەۋاگەرلەر باشقىچە كېلىشكەن بولۇش بۇنىڭ سىرتىدا» دەپ كۆرسىتىلگەن.
   بۇلتۇر 7- ئايدا گوۋۇيۇەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى يەنە بىر قېتىم «تېز يوللانما ۋاقىتلىق نىزامى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» نى تارقىتىپ  ئاشكارە پىكىر ئېلىش جەريانىدا مالنى تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ قىلىپلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 23-ماددىدا تېز يوللانما كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كارخانىلار تېز يوللانمىنى كېلىشكەن ئورۇنغا، مال تاپشۇرىۋالغۇچى ياكى مال تاپشۇرىۋالغۇچى كۆرسەتكەن ۋاكالىتەن مال تاپشۇرىۋالغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە مال تاپشۇرىۋالغۇچى ياكى ۋاكالىتەن مال تاپشۇرىۋالغۇچىغا يۈز تۇرانە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. مال تاپشۇرىۋالغۇچى ياكى ۋاكالىتەن تاپشۇرىۋالغۇچىنىڭ يۈز تۇرانە تەكشۈرۈش ھوقوقى بار.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى