قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانۇن ئۇچۇرلىرى

2018-05-14 22:21:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نۇرغۇن كىشىلەر يان تېلىفۇن ئارقىلىق توردىن مال سېتىۋالىدۇ، بىراق توردىن مال سېتىۋالغاندا كۆپچىلىك تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. يېقىندا، شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى كۆپلىگەن خېرىدارلار جىڭدوڭ تور سۇپىسىدىن ساختا ماۋتەي ھارىقى سېتىۋالغانلىق خەۋىرى ئالاقە تورىدا كەڭ تارقىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققەت- ئېتىۋارىنى قوزغىدى. 5- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچ، جىڭدوڭ ھاراق مەھسۇلاتلىرى كەسپى بۆلۈمى «جىڭدوڭ تاللا بازىرى» نىڭ باشقۇرغۇچى تەرەپ مىكرو بىلوگى ئارقىلىق بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جىڭدوڭ شېركىتىنىڭ شەندوڭدىكى مەلۇم ئىسكىلاتتىن چىقارغان «500 گىراملىق 43 گىرادوسلۇق ماۋتەي» توشۇش جەريانىدا ئالماشتۇرىۋېتىلگەنلىكى، جىڭدوڭ شېركىتى مال تەمىنلىگۈچى تەرەپ بولغان بېيجىڭ شېكەر، تاماكا، ھاراق گوروھىنىڭ ھاراق تىجارىتى چەكلىك شېركىتى بىرلىكتە دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
  ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە: «خالىغان بىر كىشىنى تېپىپ كۆرسەتسىمۇ بۇ ھاراقنىڭ ساختىلىقىنى بىلەلەيدىكەن». ئۇنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان شەندوڭ رايونىدا جىڭدوڭ شېركىتى ئۆز ئالدىغا تارقاتقان 5 تۈركۈمدىكى 43 گىرادۇسلۇق ماۋتەي ھارىقىنىڭ ھەممىسىدە مەسىلە بار ئىكەن.
  5- ئاينىڭ 11- كۈنى كېچىدە، جىڭدوڭ ھاراق مەھسۇلاتلىرى كەسپىي بۆلۈمى «جىڭدوڭ تاللا بازىرى»نىڭ باشقۇرغۇچى تەرەپ مىكرو بىلوگىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جىڭدوڭ شېركىتىنىڭ شەندوڭ رايونىدىكى مەلۇم ئىسكىلاتىدىن چىققان «500 گىراملىق 43 گىرادۇسلۇق فېيتيەن ماۋتەي ھارىقى»نى بېيجىڭ شېكەر، تاماكا، ھاراق گوروھى ھاراق تىجارىتى چەكلىك شېركىتىنىڭ تەمىنلىگەنلىكى، بۇ شېركەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شېركەت بولۇپ، ماۋتەي ھارىقىنى رەسمىي سېتىش ھوقوقىغا ئىگە شېركەت ئىكەنلىكى، جىڭدوڭ شېركىتى بۇ شېركەت بىلەن بىرلىكتە توشۇش - سېتىش جەريانىدىكى بارىلىق ھالقىلارنى بىر قېتىم ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ئىسكىلاتتىكى شۇ قېتىملىق «500 گىراملىق 43 گىرادوسلۇق جىڭتيەن ماۋتەي ھارىقى» نىڭ توشۇش جەريانىدا ئالماشتۇرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
  جىڭدوڭ ھاراق مەھسۇلاتلىرى كەسپىي بۆلۈمى مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: ھاراق بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن بىرلىشىپ دېلو مەلۇم قىلىپ، ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە دەل ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، بۇ قېتىمقى مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان خېرىدارغا ئاخىرغىچە مەسئۇل بولىمىز، ئىستىمالچىلارغا ئومومىيۈزلۈك تۆلەم بېرىشتەك ھەل قىلىش لاھىيىسىنى تۈزۈپ، ئىستىمالچىلارنى ھىچقانداق زىيانغا ئۇچراتمايمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى