قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمگەك قانۇنىدىكى ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە بەھرىمەن بولىدىغان قانۇنى ھوقوقى

2018-05-14 22:26:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئېمىتىش مەزگىلى ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئېمىتىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. ئېمىتىش مەزگىلدىكى  ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدىنى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئالاھىدە مەزگىلدە قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ.
   ئەمگەك قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن  ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى قانۇنلۇق ھوقوقى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى» نىڭ 63- ماددىسىدا:  ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى بىر ياشقا توشمىغان بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىسمانىي ئەمگەك ۋە ئېمىتىش مەزگىلدە شوغۇللىنىش چەكلەنگەن باشقا ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىدىغان ۋە كەچلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتېمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت تەمىناتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ بىرىنچى ماددىسىدا: ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھامىلدار بولۇپ، 4 ئايغا توشماي تۇرۇپ ھامىلە چۈشۈپ كەتسە، داۋالاش تارماقلىرىنىڭ پىكرى بويىچە 15 كۈندىن 30 كۈنگىچە تۇغۇت دەم ئېلىشى بېرىلىدۇ؛ ھامىلدار بولۇپ 4 ئايدىن ئاشقاندىن كېيىن ھامىلە چۈشۈپ كەتسە 42 كۈنلۈك تۇغۇت دەم ئېلىشى بېرىلىدۇ؛ تۇغۇت دەم ئېلىشى مەزگىلىدە ئىش ھەققى تولۇق بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
  ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ 12 ھەپتىگە يەتمىگەن ھامىلىسى چۈشۈپ كەتسە 15 كۈنلۈك تۇغۇت دەم ئېلىشى بېرىلىدۇ؛ 12 ھەپتىدىن ئاشقان، 16 ھەپتە بولغان ياكى 16 ھەپتىگە توشمىغان ھامىلىسى چۈشۈپ كەتكەن بولسا 30 كۈنلۈك تۇغۇت دەم ئېلىشى بېرىلىدۇ؛ 16 ھەپتىدىن ئاشقان، 28 ھەپتە بولغان ياكى 28 ھەپتىگە توشمىغان ھامىلىسى چۈشۈپ كەتكەن بولسا 42 كۈنلۈك تۇغۇت دەم ئېلىشى بېرىلىدۇ. ھامىلدار بولغىنىغا 28 ھەپتىدىن ئېشىپ ھامىلدارلىقنى ئاياقلاشتۇرغانلار 98 كۈنلۈك نورمال تۇغۇت دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى 15 كۈنلۈك دەم ئېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە: تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ۋاقتىمۇ ئەمگەك ۋاقتىغا كىرىدۇ.
«ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك كاپالەت بەلگىلىمىسى» نىڭ 9- ماددىسىدا: بىر ياشقا توشمىغان بالىسى بار ئايال ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ئىدارىسى كۈندىلىك ئەمگەك ۋاقتىدا ئىككى قېتىم ئېمىتىش ۋاقتى بېرىشى كېرەك. ھەر قېتىملىق ئېمىتىش ۋاقتى 30 مىنۇت بولۇشى كېرەك. كۆپ كېزەك تۇغقانلارنىڭ ھەر ئارتۇق بالىنى ئېمىتىش ۋاقتىغا 30 مىنۇتنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. ئايال خىزمەتچىلەر كۈنلۈك ئەمگەك  ۋاقتىدىكى ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ۋاقتىدىن بىرلەشتۈرۈپ پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. ئېمىتىش ۋاقتى بىلەن ئىدارىغا ئېمىتىش ئۈچۈن بېرىپ كەلگەن ۋاقتى ئەمگەك ۋاقتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
  «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتېمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت تەمىناتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا: ئايال خىزمەتچىلەر ئىدارىسىدىكى داۋالاش تارماقلىرى ۋە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئورگانلىرىدا  تەكشۈرتكەن ۋە تۇغقان ۋاقىتتا، تەكشۈرۈش ھەققى، تۇغدۇرۇش ھەققى، ئوپىراتسىيە ھەققى، بالنىستتا يېتىش ھەققى ۋە دورا پۇلىنى ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، خىراجىتى داۋالاش خىراجىتى چىقىمى يولى بىلەن ئاتچوت قىلىنىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى