قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تالوندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش سېپىدىكى ئىلغار شەخس فېڭ شىڭلوڭ

2018-05-14 22:28:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گەنسۇ ئۆلكىسى ۋېيۋۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىقتىسادى جىنايەتنى تەھقىقلەش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى فېڭ شىڭلوڭ 2006- يىلى 4- ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىگە كىرگەن، 2011- يىلى گەنسۇ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تەرىپىدىن ئۆلكە بويىچە تالوندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتىگە زەربە بېرىش سېپىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2012- يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى پاش قىلىش جېڭىدە نەتىجىسى كۆرىنەرلىك شەخس بولۇپ باھالانغان، 2013- يىلى ئىككىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىنغان ھەمدە مۇنەۋۋەر مەمۇر بولۇپ باھالىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم تەقدىرلەنگەن.
«خىزمەتنى چوقۇم باشقىلاردىن ياخشى ئىشلىشىم كېرەك». بۇ فېڭ شىڭلوڭنىڭ ئادەم بولۇش مىزانى. خىزمەتتە ئۇ كۆپ ئويلىنىشقا ئامراق، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ماھىر، مەردانىلىق بىلەن زىممىسىگە ئالالايدۇ. بىر ئىقتىسادىي رازۋېتكا ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 190 دىن ئارتۇق ئىقتىسادىي دېلونى پاش قىلىپ، 220 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى، جىنايەت گوروھىدىن 15 نى بىتچىت قىلىپ، 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىياننى قايتۇرۇپ كەلدى.
2014-يىلى 3- ئايدا فېڭ شىڭلوڭ بىلەن سەپداشلىرى ئەنئەنىۋى رازۋېتكا ئۇسۇلى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ۋاستىسىدىن  پايدىلىنىپ، مەخپىي رازۋېتكا قىلىپ، ئىككى تاماكا ساقلاش ئۇۋىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، زور مىقداردىكى ساختا داڭلىق ماركىلىق تاماكا ھەمدە زور مىقداردىكى تېز يوللانما تالونىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. فېڭ شىڭلوڭ مەبلەغ ئوبورىتى، ئەشيا ئوبورىتى، ئۇچۇر ئوبورىتىنى گىرەلەشتۈرۈپ باغلاش ئارقىلىق ليۇ فامىلىلىك، جۇ فامىلىلىك، لى فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ توردا ساختا تاماكا ساتقانلىقىدەك جىنايەت پاكىتىنى بايقاپ، 3  جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ دېلونى ئاياقلاشتۇردى. تۇنجى جەڭدە غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ لىنىيە بويىچە ئىز قوغلاپ، جىنايەت گوروھىدىكى توردا مەشغۇلات قىلغان مۇ فامىلىلىكنى تېپىپ چىقىپ، چوڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە كوللىكتىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بۇ جىنايەت تورىنى ئۈزۈل كېسىل بىتچىت قىلدى.
2015- يىلى 6- ئايدا، فېڭ شىڭلوڭ بىلەن سەپداشلىرى بىرلىكتە بىر قېتىملىق توردا شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى. بۇ شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتى ئىچكى موڭغۇل، شەندوڭ، يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق كۆپ جايلاردا ئەزا قوبۇل قىلغان. فېڭ شىڭلوڭ باشقا ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە چېڭ فامىلىلىك، ۋاڭ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىز قوغلاپ، سىرتىدىن قورشاپ، تېخنىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈپ،ئۇلارنىڭ مەبلەغ يۆنىلىشىنى ئومومىيۈزلۈك ئىگىلەپ، توردا شاخلىتىپ سېتىش مۇناسىۋەت خەرىتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىپ چىقىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە باشقا جىنايەت گۇماندارلىرى ھەم شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىلىرىنىمۇ پېچەتلەپ، شاخلىتىپ سېتىش كاتتىبېشىدىن ئوننى قولغا چۈشۈردى.
  فېڭ شىڭلوڭ بىر مۇنەۋۋەر رازۋېتچىك بولۇپلا قالماي يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇلازىمەتچىسى، كارخانىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولدى.
  ئۇ سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ، باج ، سۈپەت نازارەتچىلىكى، دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق، تاماكا شېركىتى قاتارلىق مەمۇرى تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن بازار ئىقتىسادىي تەرتىپىنى تۈزىشىگە ياخشى ماسلىشىپ كەلدى. بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، ساختا مەھسۇلات سېتىش ئۇۋىسىدىن 14 نى بىتچىت قىلىپ، 560 يەشىكتىن ئارتۇق ساختا دېھقانچىلىق دورىسى، 1 مىڭ 100 توننىدىن ئارتۇق ساختا ئۇرۇق، 300 توننىدىن ئارتۇق ساختا ئوغۇت، 110 مىڭ قاپتىن ئارتۇق ساختا تاماكا، 800 يەشىكتىن ئارتۇق ساختا ھاراقنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈپ، بازار تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك تۈزەپ، ھەر تۈرلۈك ئىقتىسادىي دېلولارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
  ئىقتىسادىي رازۋېتكىچى ئىقتىسادىي جىنايەتكە زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ماڭىدۇ. جىنايەتچىلار بىلەن بىر بىرلەپ ئېلىشىش ۋە كۈچ سىنىشىش، ساناقسىز مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر فېڭ شىڭلوڭنىڭ جۈپ كۆزىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردى، ئۇنىڭ جاسارەت ۋە پاراسىتىنى تاۋلاپ چىقتى، ئۇنى بىر ئاددى ساقچىدىن ئىقتىسادىي رازۋېتكا دېلولىرىنى پاش قىلىشتىكى ماھىر كەسپ ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي پارازىنتلارغا زەربە بېرىشتىكى ئۆتكۈر قىلىچقا ئايلاندۇردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى