قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئەل ئارىسىدىكى كىچىك كەشپىياتنىڭ رولى چوڭ بولدى

2018-05-14 22:34:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 سۇيۇق ئوغۇت دېھقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان يېرى شۇكى، سۇيۇق ئوغۇت باكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىش ئىدى. ھازىر بۇ ئىش 67 ياشلىق بىر بوۋاي تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى بىر ھەل قىلىندى. دۆربىلجىن ناھىيەسى شاڭخۇ بازىرىنىڭ سايتېك كەنتىدىكى دېھقان ۋاڭ لوڭئېننىڭ كەشپىياتى ئارقىلىق بۇ سۇيۇق ئوغۇت باكىنىڭ ئېغىزىنى ھىچقانچە كۈچىمەيلا ئېچىۋەتكىلى بولىدىغان بولدى. دېھقان ۋاڭ لوڭئېن بىر ئۆمۈر يەر تېرىپ، سۇيۇق ئوغۇت باكى بىلەن كۆپ يىل ھەپىلەشتى. سۇيۇق ئوغۇت باكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىش بىر خىل كۈچ كېتىدىغان ئەمگەك. قانداق قىلغاندا بۇ سۇيۇق ئوغۇت باكىنىڭ ئېغىزىنى كۈچىمەيلە ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ؟   
  بۇلتۇر ۋاڭ لوڭئېن كۆپ قېتىم تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن پۇلات چىۋىق ئىشلىتىپ، ئاخىرى بۇ سۇيۇق ئوغۇت باكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچىدىغان سىرنى تاپتى. پىشاڭ پىرىنسىدىن پايدىلىنىپ، 5 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، سۇيۇق ئوغۇت باكىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. بۇ سۇيۇق ئوغۇت باكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىش ئۇنىڭ بىردىن- بىر كەشپىياتى ئەمەس. ۋاڭ لوڭئېن بىر ئىرادىلىك دېھقان بولۇپ، قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى بار. ۋاڭ لوڭئېن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سىيالكىنىڭ قىرلاش ئۈسكۈنىسى، سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، بىز دېھقان ۋاڭ لوڭئېنغا بارىكاللا ئېيتايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى