قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇتۇبىي ناھىيەسىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى كالا باققان دېھقانلارنى خەۋپ- خەتەردىن خالاس قىلدى

2018-05-14 22:35:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  بۇ يىل، قۇتۇبىي ناھىيەسى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنى ئازايتىش سسىتېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆزۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك باقمىچىلىق كەسپى سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى داۋاملىق سىلجىتىپ، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ زىيىنىنى بارلىق كۈچ بىلەن ئازايتىپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈردى. 5- ئاينىڭ 10- كۈنى، قۇتۇبىي ناھىيەلىك يۇقۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى قۇتۇبىي ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى 18 تۈتۈن كەنتىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئىنەك سۇغۇرتىسى كېلىشىمى ئىمزالاپ بەردى. دېھقانلارنىڭ ئۇچۇرى، ئېلېكترونلۇق بەلگە سېلىش، تەجرىبە بەلگىسى سېلىش، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش تالۇنى ئىمزالاش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەرتىپلەر تاماملانغاندىن كېيىن، دېھقان ئالنالى ئاسقاننىڭ ئۆيىدىكى 18 سۈت كالىسىغا سۇغۇرتا سېتىۋېلىندى. ئالنالى ئاسقان مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر بىر كالىنى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۆلسە زىيان تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھازىر بىر كالىنى 50 يۈەن خەجلەپ سۇغۇرتىغا قاناشتۇرساق، بىزدەك باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ غېمى تۈگەيدۇ.
  ئۆزلىرى 50 يۈەن چىقارسا، دۆلەت 450 يۈەن پاردەم بەردى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى 10 مىڭ يۈەنلىك سۇغۇرتا سوممىسىدىن بەھرىمەن بولدى. بۇنداق ياخشى سىياسەت باقمچىلىق ئائىلىلىرىگە كۆرىنەرلىك مەنپئەت ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل 1- قېتىم سۈت كالىسى سۇغۇرتىسى سېتىۋالغان دېھقان يېرجانات سېرىك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولدى. بۇ يىل 3- ئاينىڭ بېشىدا، يېرجانات سېرىك 16 سۈت كالىسىغا باقمچىلىق كەسپى سۇغۇرتىسى سېتىۋالدى. 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ بىر سۈت كالىسى تۇغالماي ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن   يېرجانات سېرىك ناھايىتى تېزلا 10 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن يېرجانات سېرىك پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى. نۆۋەتتە، قۇتۇبىي ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرىدىكى مىڭدىن كۆپرەك ئىنەكنىڭ ھەممىسىگە سۇغۇرتا سېتىۋېلىندى.
  ئىگىلىنىشىچە، سىياسەت خاراكتېرلىك باقمىچىلىق كەسپى سۇغۇرتىسى ئاساسلىقى قاراشلىق رايونلار ئىچىدىكى ئىنەك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار، باقمىچىلىق مەيدانلىرى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى تەشكىللەپ سۇغۇرتىغا قانتاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ خېيىم- خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن. سۇغۇرتا مەزگىلىدە، سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان چارۋا ماللار ئەگەر ئېغىر كېسەل، تەبىئىي ئاپەت ياكى كۈتۈلمىگەن ۋەقە قاتارلىق سۇغۇرتا مەسئۇلىيىتى دائىرىسى ئىچىدىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۆلسە، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا سوممىسى بويىچە تۆلەم بېرىدىكەن. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى