قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تولى ناھىيەسى چارۋىچىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشىگە يېقىندىن ياردەمدە بولدى

2018-05-14 22:36:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئەتىگەندە، تولى ناھىيەلىك چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ تولى ناھىيەسى ئاقبېلدىۋ يېزىسى مايلى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتىكىگە ئوخشاش تىكىلگەن ئاددىي چېدىردا ئەتكەن چاي قاينىتىپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان كۆكتات پۆرىسى، نان قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن يايلاق كۆچكەن چارۋىچىلارنى كۈتىۋالدى.
  بۇ بىر نەچچە كۈندە ئاقبېلدىۋ يېزىسى مايلى كەنتىدىكى چارۋىچىلار قىشلىق يايلاقتىن يازلىق يايلاققا كۆچۈشنى باشلىغان بولۇپ، چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ يايلاق كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى يايلاق كۆچۈرۈش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، كۆچۈش يولىنى ئالدىن چارلاپ- تەكشۈرۈپ، يايلاق كۆچۈرۈش خىزمىتىدىكى نۇقتا ۋە ئادەملەرنى ياخشى تاللاپ بېكىتىپ، بارلىق كادىرلارنى ئىككى ئەترەتكە بۆلدى. 1- ئەترەت ئەزالىرى يايلاق كۆچكەن چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ ئۆي بىساتلىرىنى رەتلىسە، يەنە بىر ئەترەت ئەزالىرى مايلى كەنتى قىشلىق يايلىقىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تەسىس قىلىنغان مۇلازىمەت نۇقتىسىدا، مۇلازىمەت ۋە كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، مايلى كەنتىدىكى چارۋىچىلار يايلاق كۆچۈش باشلىنىپ ئىككى كۈن ئىچىدە، تولى ناھىيەلىك چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ مايلى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتتىكى 20 ئائىلىلىك 80 دىن ئارتۇق چارۋىچىنى «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، 4 مىڭ 500 دىن ئارتۇق قوينى قىشلىق يايلاقتىن يازلىق يايلاققا ئوڭۇشلۇق كۆچۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى