قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە ئاق قوناق تېرىلماقتا

2018-05-14 22:37:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىڭتۈەن 10- شى 184- تۈەن 8- لىيەنى بۇ يىل قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىدا، 15 مىڭ مو يەرگە ئاق قوناق تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە 100 دىن كۆپرەك خىزمەتچى ئاق قوناق تېرىش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
  ئىگىلىنىشىچە، 184- تۈەن 8- لىيەنى تېرىيدىغان 15 مىڭ مو يەردىكى ئاق قوناق پۈتۈنلەي زاكازلىق بولۇپ، تېرىقچىلىق ئورنى قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، ئەتراپتىكى ليەندۈي ۋە باشقا يەرلەردىن يىراق بولۇپ، ھېچقانداق بۇلغىنىشقا ئۇچرىمىغان. 3 يىل ئىلگىرى بۇ يەردىكى 31 مىڭ مو يەر ئورگانىك تۇپراق ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن. بۇ قېتىم تېرىلماقچى بولغان ئاق قوناقنىڭ ھەممىسى ئورگانىك ئاق قوناق بولۇپ، گۇيجۇ ماۋتەي ھارىقى، شەنشى فېنجيۇ ھارىقى قاتارلىق شىركەتلەرگە تەمىنلىنىپ ھاراق ئىچىتىشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ يىل تېرىغان ئاق قوناق مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 800 كىلوگرامدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى