قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارنىك ئىچىدە روياپقا چىققان بېيىش ئارزۇسى

2018-05-14 22:38:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، بىڭتۈەن 12- شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 6- لىيەنىدىكى چوڭ پارنىكلىق گۈل- گىياھ بازىسى  ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. گۈل ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياڭ جۈن يېڭى ئېچىلغان تۈرلۈك گۈل- گىياھلارنى غۇلجا شەھىرى، بورتالا ئوبلاسىتى قاتارلىق جايلارغا تارقىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېقىنقى يېرىم ئايدىن بۇيان، بۇ بازىنىڭ گۈل- گىياھ سېتىش كۆلىمى 20 مىڭ تەشتەككە يىتىپ، گۈل- گىياھ بازىسىنىڭ تەشتەك گۈللىرى تەمىنلەش ئېھتىياجنى قامدىيالماسلىقتەك خۇشاللىنارلىق سېتىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. ياڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان ھەر كۈنى نەچچە يۈز تەشتەك گۈل سېتىپ چىقىرىۋاتىمەن، بىر تەشتەك گۈلنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 25 يۈەندىن 30 يۈەنگىچە بولىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنى باغ ئورمان شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، گۈل- گىياھ پارنىكى قۇرۇپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بىيىش يولىغا قاراپ ماڭدىم. نۆۋەتتە، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 6- ليەنى تېرىغان گۈللەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن زاكاز ئالغان ھەمدە سېتىش توختامى ئىمزالىغان، گۈل ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولى مىڭجۇ گۈل- گىياھ بازىرىدىمۇ توپ سېتىش دۇكانلىرى بار ئىكەن. ئۇلار بۇلتۇر 12- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى گۈل- گىياھ مايسىسى يىتىشتۈرۈشكە باشلاپ، بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن تاكى 12- ئايغىچە  گۈل- گىياھ سېتىپ، يىل بويى گۈل سېتىش ئۈزۈلۈپ قالماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، بىڭتۈەن 12- شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى «كەسىپنى تۇتۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىكىر يولىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» بىر گەۋدە قىلىنغان ئەندىزىنى قوللىنىش ئارقىلىق، مېۋە- چېۋە، كۆكتات پارنىكى تېرىقچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىشچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، تۈەن- مەيدان ئىشچىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بېيىش يولى ئېچىپ بەردى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى