قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىككۈچىلىك كەسپى بىلەن بېيىش يولىغا ماڭغان ئاياللار

2018-05-14 22:39:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگوڭ بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتى ئاھالىسى گۈلنۇر لىتىپ ئانا- بالا ئىككىسى ئۆزىنىڭ تىككۈچىلىك دۇككىنىدا، خېرىدارلار بۇيرۇتقان كىيىم- كىچەكلەرنى تىكىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
  يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى، ئۇنىڭ تىككۈچىلىك دۇكىنىغا كېلىپ كىيىم تىكتۈرىدىغان ۋە كىيىم ئالغىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. گۈلنۇر لىتىپ ئانا- بالا تىككەن كىيىملەر مودا ۋە ناھايىتى چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى رەختى ۋە تىكىش ھەققى بىر قەدەر ئەرزان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇكاننىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ئالايىتەن كىيىم تىككۈزۈش ئۈچۈن كېلەتتى. ئانا- بالا ئىككىسى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئالدىراشلىق بىلەن ئىشلىسىمۇ يەنىلا يېتىشەلمەيۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىككۈچىلىك كەسپى بىلەن 30 نەچچە يىل شۇغۇللانغانلىقىدەك تەجرىبىسىگە ئاساسەن بىر نىيەتكە كېلىپ، 2016- يىلى «گۈزەللىك مىللىي كىيىم- كېچەك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى» نى قۇردى ھەمدە كەنتتىكى 10 ئايالنى كوپىراتىپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يىراققا بارماي ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر ئۇلار تەييارلىغان كىيىم- كېچەكلەر ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلارغىچە سېتىلىپ، يىللىق ساپ كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. «جاپانىڭ تېگى راھەت» دېگەندەك ئۇنىڭ ئۇزۇن يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، جاپا- مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ كۆرەش قىلىشى نەتىجىسىدە 2016- يىلى شەرەپ بىلەن «مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى»، «8- مارت قىزىلبايراقدارى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى