قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى تۆت تۈرلۈك سىرلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويدى

2018-05-14 22:45:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كۈسەن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاقسۇ» تېمىسىدا سىرلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويدى. بۇ جەمئىي تۆت لېنىيە بولۇپ، دۇنيا تەبىئىي مىراسلار ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، ئاز سانلىق مىللەت ئۆرپ- ئادىتى ساياھىتى، دۇنيا ئاسارە- ئەتىقە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمىي ئىزلىرى ساياھىتى، ئالتۇن كۈز توغراق فوتو- سۈرەت ساياھىتى قاتارلىقلار.
  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ دۇنيا تەبىئىي مىراسلار ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: تۆت A دەرىجىلىك-- ئاقسۇ شەھىرى- ئونسۇ تۆمۈر چوققا جىلغىسى ساياھىتى؛ تۆت A دەرىجىلىك-- ئاۋات دولان قەبىلىسى بىر كۈنلۈك ساياھىتى؛ تۆت A دەرىجىلىك-- ئاقسۇ مۇزېيى-  ئونسۇ تەڭرىتاغ سىرلىق ئورمان باغچىسى؛ ئىككى A دەرىجىلىك-- ئونسۇ تۆمۈر چوققا جىلغىسى تەكلىماكان چارۋىچىلىق مەيدانى؛ ئاقسۇ شەھىرى دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى. ئاقسۇ ئاز سانلىق مىللەت ئۆرپ- ئادىتى ئۈچ كۈنلۈك ساياھىتى. بۇ ئاقسۇ مۇزېيى-- ئونسۇ تۆمۈر جىلغىسى-- ئاۋات دولان قەبىلىسى-- ئاقسۇ دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى قاتارلىق بىر يۈرۈش ساياھەت لېنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مەنزىرە رايونلىرى: ئۈچ A دەرىجىلىك توقسۇ جايتېرەك مىللىي چالغۇلار كەنتى؛  ئۈچ A دەرىجىلىك كۇچا كونا شەھەر رايونىدىكى كۇچا چوڭ نان شەھىرى؛ تۆت A دەرىجىلىك كۇچا ۋاڭ ئوردىسى قاتارلىقلار. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى