قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سېھىرلىك ماكان-- چوڭچىڭ

2018-05-14 22:47:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىللىق «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا چوڭچىڭنىڭ داڭقى ھەممە جايغا تارالدى. ئۈندىدار دوستلار چەمبىرەكلىرى تۈرلۈك ساياھەتچىلەر تارتقان سۈرەتلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. خوڭيا ئۆڭكۈرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس- بەستە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
  خوڭيا ئۆڭكۈرى 2005- يىلى ياسالغان. «كىچىك ئاققۇ» گۇرۇھى چوڭچىڭ شەھىرى يۈجوڭ رايونى ساڭبەي يولىدىكى تىك يار ئۈستىگە سېلىنغان خوڭيا ئۆڭكۈرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئىگىزلىكى 11 قەۋەت، سودا كۆلىمى 53 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بايۈ مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈردى. بايۈ مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇشى تۆت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل تۈردە چوڭچىڭ شەھەر ساياھىتىدىكى گۈزەل ئىسىم كارتىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. خۇڭيا ئۆڭكۈرى ئەنئەنىۋى ساتما شەكلىدىكى بىنا بولۇپ، ئۆيلىرىنىڭ شەكلى قەدىمىي ئۇسلۇبتا، ئەتراپىنى تاغ ۋە سۇ مەنزىرىسى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، بايۈچە ئالاھىدىلىكنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملىگەن.
  بولۇپمۇ، كەچتىكى چىراق نۇرىدا، بايۈ مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇشىنىڭ بىناسى بىلەن ئەتراپتىكى ئىگىز- پەس جايلار ئۆز- ئارا گىرەلىشىپ، دەريا سۈيى تولغىنىپ ئېقىپ، بۇ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشنىڭ خىيالىي تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. خوڭيا ئۆڭكۈرى مىللىي ئۆرپ- ئادەت رايونى بايۈنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «ساتما شەكىلدىكى بىنا» مەنزىرىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، ھەيۋەتلىك تاغ بىلەن دەريا مەنزىرىسىنى بىرلەشتۈرگەن. قېنى ئېيتىپ بېقىڭە، بۇ ئاسما كۆۋرۈك «چىيەن يۈ بىلەن چىيەن شۈن» ناملىق كىنودىكى ئاق ئەجدىھار چىيەنشۈننى ئېلىپ كەتكەن ھېلىقى كۆۋرۈككە ئوخشامدىكەن؟ خوڭيا ئۆڭكۈرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە چىيەن شۈننىڭ سىماسىنى قوشقاندىكى ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى تونۇشىدىغاندەك تەسىراتقا كەلدىڭىزمۇ؟
  توردا تارقىلىپ يۈرگەن فېڭ تىمۇ قاتارلىقلار رول ئېلىپ تارقاتقان سىندا، خوڭيا ئۆڭكۈرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر بار. بۇنىڭ بىلەن خوڭيا ئۆڭكۈرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ھەممە يەرگە تارىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كېلىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېتىشكە ئىنتىزار قىلدى. ئەمدىلا ئاياقلاشقان ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىشىدا خوڭيا غارىغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە، بېيجىڭنىڭ گۇگۇڭ سارىيىغا بارغان ساياھەتچىلەردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.
  چوڭچىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنچە داڭق قازاندى؟ ئەسلى بۇ سۆزنى چوڭچىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ناھايىتى داڭق قازانغان، دەپ ئالساق تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. چوڭچىڭ «توردا داڭلانغان شەھەر» لەر تىزىملىكىگە ئاساسسىز كىرىپ قالمىغان.
  چوڭچىڭ-- تاغلىق شەھەر بولۇپ، دەريا سۈيى شەھەر مەركىزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. سىترولۇق ۋە سېھىرلىك يەر شەكلى تۈزۈلمىسىگە ئىگە. كىشىلەر تەرىپىدىن 8D لىق شەھەر دەپ ئاتالغان. تاغلىق شەھەرنىڭ غەلىتە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان سۈرەتلىرى توردىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ، ھەر قايسى چوڭ تور بەتلىرى، تورداشلار قىزىقىدىغان ئوبيېكىت بولۇپ قالغان. مەسىلەن، بىنانى كېسىپ ئۆتىدىغان يىنىك تىپتىكى پويىزغا ئولتۇرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تاغ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلىسىز. بۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەرنىڭ بىرسىدىن خاتا مېڭىپ قالسىڭىز چوڭچىڭنى بىر ئايلىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىسىز. «8- قەۋەتكە توختىغان 2- يول ئابتۇبۇسى» پەقەت بىر ناخشا تېكىستى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چوڭچىڭنىڭ ئەينەن خاتىرىسى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭقۇرلۇقتىكى مېترو، ئەڭ ئۇزۇن ئاپتوماتىك شوتا، چاڭجىياڭ دەرياسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش، شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدىغان ئاسما يول قاتارلىقلارمۇ بۇ جاينىڭ داڭقىنى ئاشۇرغان داڭلىق ساياھەت ئامىللىرى.
  چوڭچىڭدىكى شەھەر رىلىسلىق پويىز، ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، ئۆي، يول، ئاسما كۆۋرۈك قاتارلىقلار غايەت زور يەر شەكلى پەرقى تۈپەيلىدىن، ھەممىلا يەردە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرىدۇ. پەلەك كەبى ئىگىز بىنالار، شەھەر بىلەن ئاسمان ئارا ئۆزگىچە چىگرا سىزىقى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ تاغلىق شەھەر-- چوڭچىڭنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى. ئىگىز- پەس كۆرۈنىدىغان شەھەر قىياپەت ئالاھىدىلىكى، ئىككى دەريا ئوتتۇرىسىدا بولۇشتەك ئەۋزەل مۇھىت-- چوڭچىڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن.
  يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاساسىي شەھەرنىڭ سىترولۇق، سېھىرلىك مەنزىرىسىدىن باشقا، چوڭچىڭدا يەنە دازۇ تاش ئويمىسى، ۋۇلۇڭ تەبىئىي ئۈچ چوڭ كۆۋرۈكى ۋە نەنچۈەن جىنفۇشەن تېغى، چوڭچىڭ ئارشىڭى قاتارلىقلار دۇنيا دەرىجىلىك ئالتۇن ساياھەت ئورۇنلىرى بار. بۇ يەردە يەنە، مەملىكەت دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى بولغان، ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم، گۈزەل ۋە تەبىئىي، دۇنياغا داڭلىق چاڭجىياڭ سەنشىيا بوغۇزىمۇ بار.
  يۇقىرىقى بارلىق ئامىللار چوڭچىڭنىڭ نامىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بۇ شەھەرنى پۈتۈن ئېنتىرنىت تورى، ھەتتا پۈتۈن يەر شارى دېققەت قىلىدىغان شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ چوڭچىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. چوڭچىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ساياھەت ژورنىلى ۋە «تەنھا يۇلتۇز» قاتارلىقلار تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئون چوڭ ساياھەت مەنزىلى»، «دۇنيادىكى 10 چوڭ ئەڭ زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ساياھەت ئورنى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.
  ساياھەت ئورۇنلىرىنى باھالاش پائالىيەتلىرىدە، چوڭچىڭنىڭ دەرىجىسى نۇرغۇن قېتىم ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلدى. بۇلتۇر، دۇنيا ساياھەت كېڭىشى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ئون چوڭ ساياھەت شەھىرىنىڭ ھەممىسى ئاسىيادا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭچىڭ يىللىق ساياھەت كىرىمى %14 لىك ئېشىش نىسبىتى بويىچە بىرىنچى رەتكە تىزىلىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىن ئېشىپ كەتتى.
  ئۈچ مىڭ يىللىق جياڭجۇ، 800 يىللىق چوڭچىڭ شەھىرى، 2 مىليون يىل بۇرۇن سەنشىيا ئادەملىرى پەيدا بولغاندىن باشلاپ، 3 مىڭ يىل بۇرۇن يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن تارىخقىچە، ئىلگىرىكى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى باگودىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختكىچە، ھەيۋەتلىك ۋۇشەن تېغىدىن، تەكشىلىكتىكى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىلىرىغىچە-- چوڭچىڭنىڭ داڭلىق شەھەرگە ئايلىنىشىدا، ئۇنىڭ كىشىگە سېھىرلىك تەسىر بېرىدىغان تەبىئىي مەنزىرىلىك شەھەر بولۇشىدىن باشقا، يۇقىرىقىدەك مول، شانلىق تارىخي ئاساسى بولغانلىقىمۇ سەۋەب بولغان. خوڭيا ئۆڭكۈرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىشنى خالايدىغان دوستلار، بۇ يەردە قەدىمىي چوڭچىڭنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى بولغان بايۈ ئەنئەنىۋى ئۆزگىچە رايونى بار. ئالتۇنرەڭ چىراق نۇرىدا، خوڭيا ئۆڭكۈرى قەدىمىي چوڭچىڭنىڭ نەپىسلىكى ۋە سەنئەتلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتىن كېيىنكى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى