قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

موگاۋ ئۆڭكۈرى مەنزىرە رايونى

2018-05-14 22:49:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئالدىنقى ھەپتىدە، بېيجىڭدىكى تيەنچياۋ تىياتىرخانىسىدا، «موگاۋ غارى» ناملىق ئوپىرا تۇنجى مەيدان قويۇلدى. بۇ ئوپىرا تاڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ يىللىرىدىكى يىپەك يولىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارىدا يۈز بەرگەن مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن. ئوپېرادا يىپەك يولىدىكى غەربىي يۇرتنىڭ مول مەزمۇنلۇق، ئەگرى- توقاي تۇرمۇش كارتىنىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىنىڭ سېھرىي كۈچىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلدى. 
  يالغۇز بۇلا ئەمەس، بېيجىڭدا موگاۋ غارى قىزغىنلىقى تېخى بېسىلماي تۇرۇپلا، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا شاڭخەيدە «يىپەك يولىدىكى دۇنخۇاڭ، بەختلىك ياشاش» تېمىسىدا ئېچىلغان مەدەنىيەت- سەنئەت كۆرگەزمىسى كىشىلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. ئون ئاي داۋاملىشىدىغان بۇ كۆگەزمىدە، يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يۈزدىن ئارتۇق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تولۇق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. كۆرگەزمىخانىدا يەنە يۇقىرى پەن- تېخنىكا ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، 220- ۋە 285- نومۇرلۇق ئۆڭكۈر ھەمدە يۈلىن غارىنىڭ 29- نومۇرلۇق ئۆڭكۈرىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تىپىك ۋەكىللىك خارەكتېرىگە ئىگە ئۆڭكۈر شەكلىنىڭ كۆپەيتىلگەن كۆرۈنۈشى بار.
  موگاۋ ئۆڭكۈرى قىزغىنلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۈگۈن بىز دۈنخۇاڭ موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى قايرىپ، جۇڭخۇا سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قېزىشتىن بۇرۇن، مۇنداق مۇھىم بىلىم نۇقتىلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياجلىق بولىشىڭىز مۇمكىن:
  خېشى كارىدۇرىنىڭ ئەڭ غەربىگە توغرا كېلىدىغان دۈنخۇاڭ-- قەدىمىي يېپەك يولىدىكى مەشھۇر جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەدىمىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى بىرلەشتۈرگەن. بۇ جاي نۇرغۇن مىللەتلەر يىغىلغان ھەم تارقاقلاشقان سىرلىق جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەر چەكسىز ئىنتىلىدىغان سېھىرلىك جايغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، دۈنخۇاڭنىڭ شەقى جەنۇبىغا 25 كىلومېتىر كېلىدىغان دۈنخۇاڭ موگاۋ ئۆڭكۈرىدە ئەكس ئەتكەن ئۆزگىچە ھۈنەر- سەنئەت، مەدەنىيەت، تارىخ قاتارلىقلار بۇ يەرنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى «ئۆمرىدە چوقۇم بىر بارىدىغان» مۇقەددەس جايغا ئايلاندۇرغان.
  موگاۋ ئۆڭكۈرى يەنە مىڭئۆي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇرۇندىن «شەرقتىكى لۇۋرى سارىيى» دەيدىغان گۈزەل نامى بار. ئۇ دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ياسالغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، مەزمۇنى ئەڭ مول، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان بۇددا دىنى تاش غار ئىبادەتخانا خارابىسى. قاقاس چۆللۈكتىكى موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەنۇب شىمال يۆنىلىشى بويىچە تەخمىنەن 1 مىڭ 600 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ تىك يار بويلاپ قاتىرىسىغا كولانغان نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىكمىسى. كۆلىمى غايەت زور بولۇپ، مەيلى يىراقتىن قاراڭ، ياكى يېقىن ئارلىقتىن نەزەر سېلىڭ، كىشىنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ.  
    موگاۋ ئۆڭكۈرى-- دۈنخۇاڭدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخى ئۇزۇن، داڭقى يىراق- يېقىنغا تارالغان. ئۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى قۇرۇلۇش تارىخىنى 16 پادىشاھلىق دەۋرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى چىن سۇلالىسى جيەنيۈەننىڭ 2- يىلى، بۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان راھىب لې زۈنتۇ تۇيۇقسىز تۆت ئەتراپقا نۇر چېچىپ تۇرغان تۈمەنلىگەن بۇتلارنى كۆرگەن ۋە بۇ يەردە توختاپ، قىيا بويىغا تۇنجى ئۆڭكۈرنى كولىغان ھەمدە بۇ يەردە تىلاۋەت بىلەن شوغۇللانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، يېپەك يولىدىن ماڭغان راھىبلار ئارقا- ئارقىدىن بۇ يەرگە ئۆڭكۈر كولاپ، چوڭ- كىچىك، قاتار كەتكەن «تام كۇتۇپخانىلىرى» نى بارلىققا كەلتۈرگەن. يېپەك يولىنىڭ بارا- بارا گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ گۈللىنىپ، ۋۇ زېتىيەن دەۋرىگە كەلگەندە يۇقىرى پەللىگە چىققان.
  نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، مۈشكۈل جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان ئۆڭكۈرلەر 700 ئەتراپىدا. بۇ ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن ئويۇپ ياسىغان. بىراق، بۇ ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىلا كۆرۈپ بولۇش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ھەر قېتىم تاش غارغا كىرگەن ۋاقىتتا، غاردىكى كاربۇن تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ۋە نەملىك دەرىجىسى ئۆرلەيدىغان بولۇپ، بۇ تام رەسىملىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. 60 يىل ئىلگىرى، رەڭگى ئوچۇق، كۆركەم تام رەسىملىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، رەڭگى ئۆڭۈپ، ھەتتا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق تەتۈر يۆنىلىشلىك بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.
     مەنزىرە رايونى دۈنخۇاڭ موگاۋ ئۆڭكۈرى ئىچىدىكى تام رەسىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ھەر يىلى تاش ئۆڭكۈرنى ئېكىسكۇرسىيىچىلەرگە نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئېچىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. خىزمەتچى خادىملار تاش ئۆڭكۈرنى دەۋىر، ئۇسلۇب، سەنئەت تېمىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىپ، نەق مەيدانغا كەلگەن ساياھەتچىلەردىن ھەر 30 ئادەمنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللىگەن. ئاندىن، بىر ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ باشلىشىدا، ھەر بىر سۇلالىدىكى ۋەكىل خارەكتېرلىك 8 ياكى 12 غارنى تاللاپ، بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئېكىسكۇرسىيە لېنىيىسى بويىچە ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرغان. شۇڭا، ھەر قايسى غارلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەرنى ئالدىن ئىگەللىۋالغاندا، تېخىمۇ قىممىتى بار بىر قېتىملىق موگاۋ ئۆڭكۈرى ساياھىتى ھوسۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
   جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، موگاۋ ئۆڭكۈرىگە بولغان قوغداشنى ھەرگىزمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. گەرچە، بىر قېتىمدا نەق مەيداندىكى بارلىق تاش ئۆڭكۈرلەرنى كۆرۈپ بولۇش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما، موگاۋ ئۆڭكۈرىدىن ھوزۇرلىنىشتا يەنە نۇرغۇن باشقا ئۇسۇللارمۇ بار.
  ھەر يىلى موگاۋ ئۆڭكۈرىگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى موگاۋ ئۆڭكۈرى سىفىرلىق كۆرگەزمە مەركىزىدە بىلەت تەكشۈرتۈپ، ئاپتۇبۇس ساقلايدۇ. ئاندىن ھەقىقىي موگاۋ ئۆڭكۈرىگە بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ. رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزىدە ساياھەتچىلەر «مىڭ يىللىق موگاۋ» ۋە «غايىۋى بۇددا سارىيى» قاتارلىق ئىككى قىسقا رەقەملىك كىنونى كۆرەلەيدۇ. «مىڭ يىللىق موگاۋ» فىلىمى موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيەت- سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. گەرچە ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆڭكۈر توغرىلىق ھېچقانداق چۈشەنچىسى بولمىسىمۇ، بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە دائىر بىلىملەردىن ئاز- تولا خەۋەردار بولۇپ قالىدۇ.
«غايىۋى بۇددا سارىيى» فىلىمىدە بولسا، شار ئىكرانلىق كىنو شەكلى ئارقىلىق، موگاۋ ئۆڭكۈرىدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان تام رەسىمى ۋە ھەيكەللەر ئەتراپلىق، ئەينەن نامايان قىلىنغان. فىلىمىدە، يەنە ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۆڭكۈرنىڭمۇ كۆرۈنۈشى بار. كىنودا ھازىرقى زامان رەقەملىك ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق، موگاۋ ئۆڭكۈرى ۋە يۈكسەك مەدەنىيەت- سەنئەتكە قارىتا ئومۇمىي كۆرۈنۈش شەكلىدىكى يەشمە ۋە نامايەن قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. بارلىق جەريانلار خۇددى ھازىر يۈز بېرىۋاتقاندەك، خۇددى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
     نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، دۇنخۇاڭ موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ نامى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تارالغان بولۇپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغىنى ئۇنىڭدىكى ئۆلمەس ھۈنەر- سەنئەت، گۈزەللىك تۈسى. موگاۋ ئۆڭكۈرى رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزىدە، كىشىلەر ھازىرقى زامان رەقەملىك دۈنخۇاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ موگاۋ ئۆڭكۈرى گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىش، قۇتقۇزۇش، قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ.
  دۈنخۇاڭ ساياھىتىدە، ئۆزى بىۋاستە موگاۋ ئۆڭكۈرىگە بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كېلىشتىن باشقا، يەنە موگاۋ ئۆڭكۈرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىشلەنگەن «يەنە دۈنخۇاڭنى كۆردۈم» ناملىق سەھنە تىياتىرىنى كۆرسىمۇ بولىدۇ. بۇ سەھنە تىياتىرىدا، تاماشىبىنلار چۆكمە ئەندىزە شەكلىدە ئۆزى بىۋاسىتە تىياتىرغا قاتنىشىپ، سىرلىق ئوردىغا ئوخشايدىغان تىياتىرخانىدا، سەھنىدىكى ئارتىسلار بىلەن بىرلىكتە، مىڭ يىللىق زاڭچىڭ غارى، 2 مىڭ يىللىق موگاۋ ئۆڭكۈرى، 7 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېپەك يولى ۋە دۇنخۇاڭشۇناسلىق ئىلمى قاتارلىق مەنزىللەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تاماشىبىنلار بۇ ئويۇننى كۆرۈش جەريانىدا پەقەت 50 قەدەملا ماڭسىمۇ، ئەمما، نەچچە مىڭ يىلنى ھالقىپ ئۆتكەندەك تەسىراتقا كېلىدۇ.
    موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ بېلىتى ئادەتتىكى بېلەت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بېلىتى ۋە ئالاھىدە بىلەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، بېلەت ئېلىش ئۈچۈن ئالدىن كېلىشىشكە توغرا كىلىدۇ.
  ئادەتتىكى بېلەت: موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ ئادەتتىكى بېلىتى كۈنىگە 6 مىڭ تال سېتىلىدۇ. ئادەتتىكى مەزگىل ۋە بېسىق مەزگىلىدە ئېكىسكۇرسىيە مەزمۇنىغا ئاساسەن بىلەت باھاسىدا پەرق بولىدۇ. بېلەت سانى چەكلىك بولغاچقا، ساياھەتچىلەر كۆپ چاغدا بىلەت تېپىشمۇ ناھايىتى تەس. ھەتتا، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر يولغا چىقىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئالدىن كېلىشىپ بېلەت زاكاس قىلىدۇ.
  (1) ساياھەتچىلەر ئاز مەزگىلدە، يەنى، ھەر يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە: بېلەت باھاسى 100 يۈەن، رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزىدىن باشقا، موگاۋ ئۆڭكۈرىدىكى 12 ئەمەلىي غار ۋە تاش غار يېنىدىكى ئېكىسكۇرسىيە مۇزېيىغا كىرەلەيدۇ.
(2) ساياھەتچىلەر كۆپ مەزگىلدە، يەنى، ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە: بېلەت باھاسى 200 يۈەن، رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزىدىن باشقا، موگاۋ ئۆڭكۈرىدىكى 8 ئەمەلىي غار ۋە تاش غار يېنىدىكى ئېكىسكۇرسىيە مۇزېيىغا كىرەلەيدۇ.
    دۈنخۇاڭغا ساياھەتكە كېلىپ، ئالدىن كېلىشىپ قويمىغانلىق سەۋەبىدىن بېلەت ئالالمىغان ساياھەتچىلەرگە قارىتا مەنزىرە رايۇنى يەنە بىر خىل جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشىك بېلىتى ساتىدۇ. ئادەتتىكى بېلەتتىن پەرقى شۇكى، بۇ بېلەتكە پەقەت 4 تاش غارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى بولىدۇ. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىدە، كۈنىگە 12 مىڭ بىلەت سېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىلەتنى بىر كۈن بۇرۇن كېلىشىپ سېتىۋالسا بولىدۇ.
     بۇ يىل، موگاۋ ئۆڭكۈرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئالاھىدە دەرىجىلىك ئۆڭكۈرىدىن ئونى بولۇپ، بۇ ئۆڭكۈردىكى تام رەسىملىرىنىڭ قوغدىلىشى بىر قەدەر مۇكەممەل، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى پەن- تەتقىقات ۋە ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە. ھەر بىر ئۆڭكۈرگە ئايرىم بېلەت ئالسا ئاندىن كىرگىلى بولىدۇ. يەككە بېلەت باھاسى 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە.
     ئېكىسكۇرسىيە قىلىشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر:
1. موگاۋ ئۆڭكۈرى مەنزىرە رايونىدا، ھەر بىر ساياھەتچىنى مەخسۇس ساياھەت يېتەكچىسى مەسئۇل بولۇپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ئېكىسكۇرسىيە لېنىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما، بىر لېنىيەدە ھەر قايسى سۇلالىلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان، چوڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك تاش ئۆڭكۈرلەرنى تاللاپ ئۇنىۋېرسال ئېكىسكۇرسىيە قىلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ؛
2. ھەر قانداق تاش ئۆڭكۈردە رەسىم تارتىش چەكلىنىدۇ. تاش ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىنى رەسىم تارتىش چەكلەنمەيدۇ؛
3. سەھەر ۋاقتى موگاۋ ئۆڭكىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت. چۈنكى، پۈتۈن ئۆڭكۈر ئېغىزى شەرققە قارىغاچقا، چۈشتىن بۇرۇن تاش ئۆڭكۈر ئىچىگە تەبىئىي يورۇقلۇق چۈشۇپ، ئېكسكۇرسىيە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
4. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى ئىچىدە ئىچىملىك سېتىلمايدۇ، ئۆڭكۈر ئەتراپىدا يېمەك- ئىچمەك ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى