قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ۋە ئانىسى

2018-05-15 11:32:18     مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىتاب جاھازىسىغا مۇنداق بىر پارچە سۈرەت قويۇلغان. ئۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ سەيلى قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ ئانىسى چى شىننىڭ قولىنى تۇتۇپ، باغچىدا سەيلى قىلدۇرغان.
ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق-تۇغقانلىققا ئېتىبار بېرىش... شى جىنپىڭنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئائىلە مۇھەببىتى بار.
 
ئانا قەلبى
شى جىنپىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى پېشقەدەم كادىر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى. دادىسى شى جۇڭشۈن 1962-يىلى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان، ئانىسى چى شىن تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك ئوغلى شى يۈەنپىڭنى ئېلىپ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭفەن رايونىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئەمگەك قىلغان، ئىككى ئاچىسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چۈشۈرۈلگەن، شى جىنپىڭمۇ شىمالىي شەنشىگە بېرىپ چېنىققان.
بىر ئائىلە كىشىلىرى تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن تۇرسا، ئانىسى قانداقمۇ بالىلىرىدىن ئەنسىرىمەي تۇرالىسۇن، شىمالىي شەنشى يېزىلىرىدا جاپا تارتىۋاتقان ئوغلىدىن ئەنسىرىمەي تۇرالىسۇن؟ ئۇ ئوغلى شى جىنپىڭغا ئۆز قولى بىلەن بىر يىپ-يىڭنە خالتىسى تىكىپ بېرىپ، ئۈستىگە قىزىل يىپتا «ئانا قەلبى» دەپ كەشتىلەپ قويغان.
 

2015-يىلىدىكى چاغانلىق كوللېكتىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر مېڭ جيانىڭ «مۇساپىرنىڭ نىداسى» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، بۇ شېئىر جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر ئائىلە تۇيغۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دېگەن. شى جىنپىڭ لياڭجياخېدىكى كۈنلىرىدە ئانىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەن. شۇ يىللىرى يەر تېرىش، كۆمۈر توشۇش، توسما ياساش، گەندە توشۇش... دېگەندەك ھەممە ئىشنى قىلغان، ھەممە جاپانى بېشىدىن كەچۈرگەن. يەتتە يىللىق يېزا تۇرمۇشى ئۇنىڭ بىلەن شىمالىي شەنشىدىكى يۇرتداشلار ئارىسىدا چوڭقۇر مۇھەببەت پەيدا قىلغان. 1975-يىلى، شى جىنپىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كۆرسىتىلگەن. ئايرىلىدىغان كۈنى، كەنتتىكىلەر ئۇزۇن سەپ بولۇپ ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي كۆز يېشى قىلغان، نۇرغۇن دېھقانلار خېلى بىر يەرگىچە بېرىپ خوشلاشقان.

شى جىنپىڭ لياڭ جياخېدىن ئايرىلغاندا، ئانىسى كەشتىلىگەن يىپ-يىڭنە خالتىسىنى قوشنىسى جاڭ ۋېيپاڭنىڭ خاتىرە قىلىپ ساقلىشىغا سوۋغا قىلىپ، «مەن كېتىمەن، ئەمما مەن قەلبىمنى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويىمەن» دېگەن.
ئانىنىڭ تاپشۇرۇقى
ۋەتەنگە سادىق بولۇپ ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش
ئائىلىدە سۆز ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، بىلىم ئۆگىتىش، ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەش، پەرزەنتلەرنىڭ ھاياتلىقنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ياخشى باشلىشىغا، ھاياتلىقنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ياخشى قەدەم تاشلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تەسىراتى چوڭقۇر، ئۇنىڭ دۆلەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بالىلىق چېغىدىلا ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەمدە تەدرىجىي شەكىللەنگەن.
 

شى جىنپىڭ كىچىك چېغىدا ئانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى دائىم ئەسلەيدۇ. ئۇ «مېنىڭ ئەدەبىيات تۇيغۇم» دېگەن كىتابىدا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: بەش ئالتە ياش چېغىمدا ئانام مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە خىزمەت قىلاتتى، يولدا بىر شىنخۇا كىتابخانىسى بار ئىدى مەن ھۇرۇنلۇق قىلىپ ماڭغۇم كەلمىگەن چاغدا، ئانام مېنى شۇ كىتابخانىغا يۈدۈپ ئاپىرىپ يۆفېينىڭ كىتابىنى ئېلىپ بېرەتتى، كىتابنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئانام ماڭا ۋەتەنگە سادىق بولۇپ ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش، يۆفېينىڭ ئانىسىنىڭ خەت چېكىش ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەتتى.
مەن خەتنى چەكسە ئاغرىمامدۇ دەپ سورىسام ئانام: «ئاغرىيدۇ، لېكىن قەلبتە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ» دەيتتى، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش دېگەن تۆت خەتنى شى جىنپىڭ شۇ چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مەھكەم ئېسىدە ساقلاپ كەلدى، بۇ ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىدىغان نىشانىغا ئايلاندى.

ئانىنىڭ نەسىھەتى
ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش
ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان چى شىن شى جىنپىڭنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا تەسىر كۆرسەتكەن، چى شىن ئۇستا ۋە ماھىر يېتەكچى بولۇپ، ئۇ دائىم ئائىلە قائىدىسى بويىچە سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان، رەھبەرلىك ئىش ئورنىغا چىققان شى جىنپىڭغا خەت يازاتتى، ئۇنى ئېگىزگە چىقىۋېلىپ يالغۇز قېلىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇراتتى ھەمدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشنى تاپىلايتتى. شى جىنپىڭ رەھبەرلىك ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، چى شىن يەنە مەخسۇس ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، باشقا پەرزەنتلىرىدىن شى جىنپىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ساھەدە سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

ئاتا ئانىسىنىڭ تەسىرىدە، شى جىنپىڭ ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويدى. ئۇ رەھبىرى كادىر بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر جايغا خىزمەتكە بارغاندا، ئۇرۇق-تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىگە «مەن خىزمەت قىلىۋاتقان جايدا ھەر قانداق سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماڭلار، مېنىڭ بايرىقىمنى كۆتۈرۈپ ئىش بېجىرمەڭلار، بولمىسا مېنى يۈز خاتىرە قىلمىدى دەپ رەنجىمەڭلار!» دېدى. مەيلى فۇجيەندە بولسۇن ۋە ياكى جېجياڭ، شاڭخەيدە بولسۇن، شى جىنپىڭ كادىرلار يىغىنىدا ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ: ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ مېنىڭ بايرىقىمنى كۆتۈرۈپ شەخسىي نەپسىگە چوغ تارتىشىغا يول قويمايمەن، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمەن دېگەن.
ئانىنىڭ چۈشىنىشى
خىزمەتنىڭ ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ ۋاپادارلىق
شى جىنپىڭ ئانىسىغا ئىنتايىن ۋاپادار. ئۇ ھەر قېتىم ئانىسى بىلەن بىللە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ سەيلە قىلىدۇ، پاراڭلىشىدۇ. لېكىن رەھبىرىي كادىر بولغانلىقى ئۈچۈن، بايراملاردا ئۆيىگە قايتىپ ئانىسى بىلەن جەم بولىدىغان پۇرسەت ئاز ئىدى. چۇڭچىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى «ساداقەتلىك - شى جۇڭشۈننىڭ رەپىقىسى چى شىن»دا مۇنداق بىر پەيت خاتىرىلەنگەن: 2001-يىلى چاغاندا، چى شىن شۇ ۋاقىتتىكى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يەنى ئوغلى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلىشىدۇ، شۇ يىلدىكى چاغاندا شى جىنپىڭ ئۆيىگە قايتىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولالمايدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ ئانىسى تېلېفوندا مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئالدىراشلىقىڭنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدۇم، سېنىڭ كېلىشىڭ ياكى كەلمەسلىكىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى خىزمەتنى ياخشى ئىشلە، بۇ سېنىڭ بىزگە بولغان ئەڭ زور ۋاپادارلىقىڭ، بۇ ئائىلىگە بولغان شۇنداقلا ئۆزۈڭگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق. ئوغلىنىڭ خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ ئۆيىگە قايتالمىغانلىقىنى ئاڭلىغان چى شىن ئەكسىچە خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن چى شىننىڭ شى جىنپىڭنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى قوللايدىغانلىقىنى، جەم بولالمىغان سەۋەبنى ناھايىتى چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ياخشى ئىنقىلاب ئەنئەنىسىگە ئىگە ئائىلىگە نىسبەتەن، دۆلەت ۋە خەلق ئىزچىل بىرىنچى ئورۇندا، ئۆزىنىڭ كىچىك ئائىلىسى بولسا ئۇنىڭ ئارقىدا. ئەمەلىيەتتە شۇ بر يىللا ئەمەس، 1985-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، شى جىنپىڭ فۇجيەندە 17 يىل خىزمەت قىلغان، شيامىننىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغۇچە بولغان 17 يىلدا، شى جىنپىڭ چاغاندا ئۆيىدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن جەم بولالمىدى.

ئائىلە كىچىك دۆلەت، دۆلەت مىليونلىغان ئائىلە، ئائىلە بىلەن دۆلەت بىر-بىرىگە تايىنىدۇ. ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىش شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەنئەنىسى، بۇ ھەم شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىگە سىڭگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان شى جىنپىڭ ئانىسىنىڭ «خەلقنىڭ ئازابىنى ئۇنۇتما» دېگەن تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتىدە چىڭ تۇردى. شى جىنپىڭ باش شۇجى بولغان ئالتە يىلدىن بۇيانقى چاغاننى ئەسلىسەك، ئۇ «كونا ئىنقىلابى تايانچ رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار»غا بېرىپ، ۋەتەن يولىدا ساداقەتمەنلىك بىلەن جان پىدا قىلىشنى دۆلەت ۋە خەلقنى كۆزلەشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇردى.
شى جىنپىڭنىڭ تۇغقانلىق مېھرى ۋە ئائىلە ئىستىلى
بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەت تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، كىشىلەر ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا خىزمەت قىلىپ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قاترايدۇ، بىراق كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ كېتىشكە، ئارىلىق يىراق دەپ ھەقىقىي مېھىردىن ۋاز كېچىشكە، كۈندىلىك ھەلەكچىلىكتە ھەقىقىي مېھىرنى يوقىتىپ قويۇشقا، كېچە-كۈندۈز جان تىكىپ ئېلىشقاندا ھەقىقىي مېھىرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ـــــــ 2017-يىلى 26-يانۋار، شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ ھېيتلاش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزى.
«ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى ئائىلىدە»، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئايال چېۋەر بولسا، ئەر خاتىرجەم بولۇر، ئانا مېھرىبان بولسا بالا ۋاپادار بولۇر، جاھاندارچىلىقنىمۇ، ئادىمىيلىكنىمۇ ئۆگىنىش، ئۆينى تېجەشلىك باشقۇرۇش، بىلىملىك-ئەخلاقلىق بولۇش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئائىلە ئىناق بولسا روناق تاپۇر قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئائىلە ئەخلاقى جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، جۇڭگولۇقلارنىڭ قان تومۇرىغا سىڭگەن، بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تىرەك بولىدىغان مەنىۋى كۈچ، ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.
ـــــــ 2016-يىلى 12-دېكابىر، شى جىنپىڭنىڭ 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك ئائىلىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى.
رەھبىرىي كادىرلار پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ئۈلگىلىرى بولۇشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەۋىلىكنى تەكىتلەپ، ئىستىلغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئائىلە، ئائىلە ئەخلاقى، ئائىلە ئىستىلىغا باشلامچىلىق بىلەن ئەھمىيەت بېرىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاخلاققا، ياخشىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ـــــــ 2016-يىلى 9-دېكابىر، شى جىنپىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 37-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە سۆز قىلغاندا تەكىتلىگەن.
دەۋردە، تۇرمۇش قېلىپىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز ئائىلە قۇرۇلۇشىغا، ئائىلە، ئائىلە ئەخلاقى، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاقىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئائىلە ئىناقلىقىنى، تۇغقانلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا بېقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنى دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ مۇھىم ئاساسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.
ـــــــ 2015-يىلى 17-فېۋرال، شى جىنپىڭنىڭ چاغانلىق كوللېكتىپ ھېيتلاش پائالىيىتىدە قىلغان سۆزى.
ھەر بىر رەھبىرىي كادىر ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزى پاك بولۇپ، ئائىلىنى پاك تۇتۇشى كېرەك.
ـــــــ 2015-يىلى 13-يانۋار، شى جىنپىڭنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى.
ئاياللارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل ئائىلە ئەخلاقىنى نۇرلاندۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تىكلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئائىلە ئىناقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، مىڭىلغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىستىلى ياخشى بولسا، پەرزەنتلىرى ياخشى تەربىيەلەنسە، جەمئىيەت كەيپىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ.
ـــــــ 2013-يىلى 31-ئۆكتەبىر، شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە تەكىتلەپ قىلغان سۆزى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى