قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماركسىزمنى تارقاتقۇچى--- يۈەن يۈبىڭ

2018-05-15 11:40:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۈەن يۈبىڭ 1899- يىلى تۇغۇلغان، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ تەيخې ناھىيەسىدىن. ئۇ 1922- يىلى بېيجىڭ داشۆسىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان ھەمدە ناھايىتى تېزلا جۇڭگو كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى لى داجاۋ بىلەن تونۇشقان. كېيىن لى داجاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان.

1923- يىلى ئەتىيازدا، يۈەن يۈبىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن بېيجىڭ داشۆسىدىن نەنچاڭغا قايتىپ، خىزمەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسپىي ئىنقىلابچى يولىدا مېڭىشقا باشلىغان.

1924- يىلى 3- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يۈەن يۈبىڭنى شاڭخەيگە بېرىپ، خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن. شۇ يىلى 8- ئايدا، ئۇ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىنىڭ جېجياڭ رايونىغا غەلبىلىك كىرىشى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

1926- يىلى 10- ئايدا، يۈەن يۈبىڭ شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ 1- قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. يىل ئاخىرىدا، بۇيرۇققا بىنائەن جياڭشىغا قايتىپ خىزمەت قىلىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جياڭشى رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان ھەمدە ئىتتىپاق ھەپتىلىك ژۇرنىلى «قىزىل چىراغ» نى نەشىر قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، بۇ ژورنالنىڭ ئىنقىلاب نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، گومىنداڭ يېڭى ئوڭچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بېرىدىغان مۇھىم جامائەت پىكرى بازىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.

1927- يىلى «12- ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنى ئاق تېررورلۇق قاپلىغان، زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار ۋە ئىنقىلابىي ئىشچى- دېھقانلار پاجىئەلىك زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان.

1927- يىلى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى، يۈەن يۈبىڭ نەنچاڭغا كىلىپ ئۆلكىلىك پارتكومغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغىلى كەلگەندە، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن، بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر ئۇنىڭغا ھەيۋە كۆرسىىتىش، ئالداش ۋاستىلىرىنى ئىشقا سالغان ۋە تۈرلۈك رەھىمسىز جازالارنى قوللانغان بولسىمۇ ئۇ باشتىن- ئاخىر تىز پۈكمەي، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرغان. 1927- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، يۈەن يۈبىڭ نەنچاڭ شياشاۋودىكى جازا مەيدانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ چاغدا ئۇ 28 ياشتا ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى