قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «ئەسلى قىياپىتى»

2018-05-15 11:54:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۇگۇڭ سارىيىغا ساياھەتكە كەلگەن كۆپ قىسىم ساياھەتچىلەر بەلكىم گۇگۇڭنىڭ ئەڭ جەلپ قىلارلىق مەزگىلىنىڭ بارچە گۈللەر ئېچىلغان ۋاقتى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان بولسا كېرەك. گۈللەر ئېچىلغاندا بۇ قەدىمى قورا ئىچىدە باھار پەسلى شەك- شۈبھىسىز بىر چوڭ بايرامغا ئايلىنىدۇ.

بەزىلەر، تۇنجى باھار شامىلى شەرقى جەنۇپتىكى بىنانىڭ يېنىدىن زىجىڭچېن شەھىرىگە كىرىدۇ دەيدۇ. ئۇنداقتا ئوخشاش ۋاقىتتا گۈللەر شەرقتىن غەرپكە قاراپ، قاتمۇ- قات ئېچىلىپ، زىجىڭچېن شەھىرىنى قاپلىغان بولسا كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە نىڭشوۋ سارىيىدىكى ئورىخوفراگمۇس گۈلى، شياڭ شۆ سارىيى ئالدىدىكى فىلادېلفۇش ئوتى، ۋېنخۇا سارىيى ئالدىدىكى ئۇششاق تاشئالما، جىيەنفۇگۇڭ سارىيىتىدىكى لىخۇا گۈللىرى ئوردا ئىچىدىكى يىللار ئۆزگىرىشى، ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. يەنە ئىسمىنىمۇ دەپ بېرەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان گۈل- گىياھلار، ئوت- چۆپلەر شامالنىڭ ئايىقى تەگكەنلا يەرلەر، تام تۈۋى، خىشنىڭ ئارىلىقى، كاھىش يانلىرى، ھەتتا شەھەر سېپىلى ئۈستىدىكى شەبنەم چۈشكەن جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆسۈپ چىقىپ، كىشىلەرگە باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر گۇگۇڭدا ئىچىدە گۈل- گىياھ يوق دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا ئۇقۇم، ئۇ خۇددى گۇگۇڭ مۇزىيىدا ساقالانغان كۆپلىگەن گۈل- گىياھلارنىڭ رەسىملىرىگە ئوخشاش، ھەر بىر خاندانلىقنىڭ گۈزەللىك قارىشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. يېقىندا كۆرگەزمە قىلىنىدىغان گۇگۇڭ موزىيىدا ساقلانغان ۋۇ چاڭشونىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ 74 يېشىدا سىزغان «مودەن گۈلى» ناملىق رەسىمى، قىزىل ئەڭلىكنى بوياق قىلىپ سىزىلغان بولۇپ، رەڭگى قەدىمى پۇراققا ئىگە، ئارقا كۆرۈنىشىگە قوپال، ئاددى تاشنى ئىشلەتكەن بولغاچقا رەڭلەر تەڭپۇڭلىقى ماسلىشىپ، ئۆزگىچە تەسىرچانلىق پەيدا قىلغان.

فەن تىيەنشو: «ۋۇ چاڭشونىڭ كەسكىن ھالدا توق قىزىل، قېنىق يېشىل رەڭنى ئىشلىتىپ، قەدىمقىلەر ئىپادىلىيەلمىگەن مۇرەككەپ رەڭ ئۆزگۈرۈشىنى ئىپادىلىگەنلىكى، ئۇنىڭ رەڭ ئىشىلىتىش جەھەتتىكى ماھىرلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ» دەيدۇ.

رەڭگارەڭ، ئالا- يېشىل رەڭلەر، بۇ جۇڭگو خەلقى ئارىسىدىكى رەڭ شەجەرىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ ۋە نەپىس چوڭقۇر، مول پەلسەپە تۈسىنى ئالغان ئەدىبلەر بىلەن ئېنىق چېگرا ئايرىپ تۇرىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پاك، ئالىجاناپلىق بىلەن شىمالى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇ شى ئاساس سالغان «ئاددىيلىق» تىن ئىبارەت سەنئەت ئۇسلۇبى جۇڭگو رەسىمچىلىكىنى شەكىلداشلىق باسقۇچىدىن ئايرىپ، تېنچلىق ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىگە ئېلىپ بارغان. لېكىن، بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغىنى يوق. رەسىم سىزىش تېخىمۇ شۇنداق. ئەدىپلەر رەسىمچىلىق بارغانسېرى سىرلىقلىشىپ كەتكەنسېرى، رىيال گۈزەللىك رەسساملارنىڭ تولۇقلىشىغا جىددى ئېھتىياجلىق بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئەدىپلەر ئۇنىڭ رەسىملىرىدىكى بوياقلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە توختالغاندا: «ۋۇ چاڭشو دائىم ئالا- يېشىل، مۇرەككەپ بوياقلىق رەسىملەرنى سىزاتتى. ئىنچىكە رەڭ ئۆزگۈرۈشى ئارقىلىق روشەن ھەم قېنىق، ئالا ھەم گۇڭگا قەدىمىي پۇراق ئىپادىلىنەتتى. ئۇ ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا شەپەقتەك قىزىل رەڭنى تولا ئىشلەتكەن. بۇ خىل رەڭ غەرپتىن ئېقىپ كىرگەن بولۇپ، ئالاھىدىلىكى قېنىق، توقرەڭ بولۇپ، ئەڭلىكنىڭ سۇسلىقىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىغان. بۇ ۋۇ چاڭشونىڭ قەدىمىي پۇراققا ئىگە، تۈز، ئاددى رەسىمىگە پۈتمەس- تۈگىمەس ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان. بۇ ھاياتلىق، ئۇنىڭ تەبىئەت بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلاشقانلىقىدىن كەلگەن» دېگەن.

«دېھقانلار كالدىندارى بويىچە ئىككىنجى ئاي، رەڭگا- رەڭ گۈل چىچەكلەر ئېچىلغان، ھاۋا تولىمۇ ياخشى چاغ». بۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىگە بەرگەن مۇكاپاتى. گۈل تەبىئەتتىكى ساھىپجامال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللىقاچان شېئىر ۋە رەسىملەردىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ خىل تەبىئى گۈزەللىككە بولغان ئىنكاسى. «نەزمىنامە» دە مۇنداق مىسرالار بار: «قاتمۇ- قات ئېچىلغان شاپتۇل گۈللىرى، چاقنار ئۇنىڭ گۈزەللىكى» دەپ يېزىلغان. بۇ شېئىردا شاپتۇل گۈلىنىڭ تولىمۇ باراقسان ئېچىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق قىزلارنىڭ گۈزەللىكىگە سىمۋۇل قىلىنغان.

ئالتە سۇلالىلەر دەۋرىگە كەلگەندە، ئىجتىمائى داۋالغۇش تۈپەيلى، ئىنسان قىممىتىنىڭ تېرىقچىلىك ئەتىۋارى بولمىغاچقا، ئادەملەر ھاياتقا بەكلا سەزگۈر بولۇپ كەتكەن. ئالتە سۇلالىلەر دەۋرىدىكى كىشىلەر گۈل- چىچەكلەرنى تەسۋىرلەشكە ھەددىدىن زىيادە ئىنچىكە بولۇپ، خۇ شياۋمىن ئەپەندى ئېيقاندەك، ئالتە سۇلالىسىدىكى كىشىلەر گۈلنىڭ جەزبىدارلىقى، سۇنىڭ رەڭگى، ئورمانلىق، قىيا تاشلارنى تەسۋىرلەشتە بەكلا ئىنچىكە بولغان. مەسىلەن گۈلنىڭ چىرايلىقلىقىنى تەسۋىرلەشتە «يامغۇر سۇيى بىلەن يۇيۇلغان» دىسە، سۇنىڭ گۈزەللىكىنى «بۇلاق تاشقىنىدەك» دەپ سۈرەتلىگەن. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئەت مەنزىرىسىگە بولغان ئىنچىكە كۈزىتىشى، تولۇق ھوزۇرلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل كەيپيىات ئىچىدە ئۇلارنىڭ تەبىئىەت، ھاياتقا بولغان مۇھەببىتىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.

گۈلنى يېزىش تەس، گۈلنى سىزىش تېخىمۇ تەس. چۈنكى، گۈلنىڭ مۇقىم شەكلى بولمايدۇ. گۈلنى سىزىشتا، ئۇنىڭ شەكلىگىلا ئەھمىيەت بەرمەستىن، يەنە گۈلنىڭ تۇرقى، گۈلنىڭ روھىنى سىزىپ چىقىش كېرەك.

ئەمەلىيەتتە مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ گۈللىرنى سىزىش تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرىلا بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە شاپتۇل، نەشپۈت، قارا ئۈرۈك، ئۈرۈك قاتارلىقلار بار. سۇڭ خۇيزۇڭ دەۋرىدە تۈزۈلگەن «شۈەنخې رەسىملەر تىزىملىكى» دە «مىۋە- چىۋە ۋە كۆكتات ھەققىدە» ناملىق ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئەتىگەندە كۈدە، كەچتە ئوسما، بولدى كىشىلەر تىلىدا داستان، مىۋە- چىۋە ۋە كۆكتالارنى بولدى مۇشكۈل سىزماق» دەپ يازغان. سىزىلغان رەسىملەر ئىچىدە تاش ئالما، نەشپۈت چېچىكى، شاپتۇل چېچىكى، كەركىدان گۈلى، شاتارى، ئەتىرگۈل، نەرگىس گۈلى قاتارلىق سەككىز خىل گۈل- گىياھ بار، سىزىش ئۇسۇلىدا سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ سىزىش ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىنغان. سىزىشتا يۇمشاق، ئىنچىكە، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كىشىگە زاماندىن ھالقىغان بىر خىل گۈزەللىكنى ھىس قىلدۇرىدۇ.

بىر دەۋرىنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى بولىدۇ. لېكىن، سەنئەت بولسا، ئادەم بىلەن دەۋرنى تۇتاشتۇرىدۇ. قانداق دەۋرگە ئۇچرىسا، شۇخىل ئەسەر مەيدانغا كېلىدۇ. مەسىلەن: ئالتە سۇلالىلەر دەۋرى سىرلىق، گۈزەل، تاڭ سۇلالىسى دەۋرى قىزغىن، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرى خۇددى ئوتتۇرا ياش دەۋرىگە قەدەم قويغان كىشىلەردەك ئېغىر- بېسىق، مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارىخى مۇھىت ئۆزگۈرۈپ، سودا- سانائەت تەرەققىي قىلغان، سىنىپ شەكىللەنگەن، بۇ دەۋردە لى زەن، دەي جېن ۋەكىللىكىدىكى ئاقارتىش ئىدىيەسى بىخ سۈرۈشكە باشلىغان، قىسسە، ئەلنەغمە تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. رەسسامنىڭ دۇنياغا بولغان كۆز قارىشىدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولغان. سۇڭ، يۈەن سۇلالىرىدىكى گۈل- گىياھ رەسىملىرىدە سۇسلاپ كەتكەن رەڭلەر قايتىدىن قېنىقلىشىپ، توق قىزىل، قېنىق يېشىل رەڭلەر ئىشلىتىلگەن.

رەسىمچىلىكنىڭ ئامىمىۋىلىشىشى شېن جۇ، تاڭ يەننىڭ رەسىملىرىدىن باشلانغان. ئۇلار كۆپىنچە تۇرمۇشلۇق تېمىلارنى تاللاپ، ئۇسلۇپ جەھەتتە ئەركىن بىمالال بولغان. لى زېخۇ ئەپەندى بۇنى «ئەدەبىيات ئىچىدىكى شەھەر ئاھالىسى ئەدەبىيات- سەنئىتى ۋە رومانتىزم» دەپ چۈشەندۈرگەن.

سەنئەت تەرەققى قىلىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ۋۇ چاڭشو دەۋرىگە كەلگەندە ئالا- يېشىل بىلەنلا چەكلەنمەي، يەنە بۇ خىل قېنىق رەڭلەرنى كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مېيخۇا گۈلىگە ئىشلەتكەن. ئۇ يالغۇز قارا مىېيخۇا گۈلىنى سىزماستىن، قىزىل مېيخۇا گۈلى، يېشىل مېيخۇا گۈلىنى سىزغان، ھەتتا قىزىل ۋە يېشىل مېيخۇا گۈللىرىنى بىر يەرگە قويۇپ سىزغان بۇمۇ بىر خىل ئۆزگىچە جەلپكارلىقنى ئىپادە قىلغان.

رەڭگارەڭ دۇنيا ئەزەلدىنلا ماسلاشقان بولىدۇ. روھنى، قىياپەتنى، غورۇرنى سىزىش بىر دەۋرنى سىزىش بولۇپ، ماسلاشقان ئەسلى ھالىتىنى سىزغاندا دۇنيانىڭ ئەسلى رەڭگىنى سىزىپ چىققىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى