قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بىر شەھەرنىڭ چوڭقۇر ھىسسياتى»

2018-05-15 11:59:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۇاڭيۈەندىن ئايرىلدىم، بىر پارچە قومۇشلۇق قەلب ئېكرانىمدىن ھىچ كەتمەيتتى. سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭيۈەن شەھىرى داڭلىق تارىخى مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا جيەنمېن، جاۋخۇا قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق قەدىمكى يادىكارلىقلار بار. يەنە زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ ئاۋاتلىقىمۇ بار. لېكىن مېنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يەنىلا پايانسىز كەتكەن قومۇشزارلىق. ئۇلارنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان جايى ــ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان گۇاڭيۈەن شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى جىيالىنجياڭ دەرياسى بويىدا.

بۇ ھەيۋەتلىك ھەم ئېگىز جيەنمېنگۇەندىن گۇاڭيۈەن شەھەر رايونىغا قايتىپ كەلدۇق. كەچلىك تاماقتىن كېيىن دوستلار ئەڭ ئاۋات كونا كوچىنى ئايلانماقچى بولدۇق. بىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئون مىنۇتتىلا يېتىپ كەلدۇق. شوپۇر ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بۇ جاينىڭ شاڭشىياخې كوچىسى دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، گۇاڭيۈەن شەھىرىنىڭ سودا مەركىزىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ھازىر ئەمدىلا 8 بولغان بولۇپ، تازا ئاۋات ۋاقتى ئىكەن.

ئادەملەر كېلىپ- كېتىپ تۇرغان، نىئون لامپىلار چاقناپ تۇرغان. گۇاڭيۈەننىڭ بۇ كونا شەھەر رايونى تازا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى. بىر نەچچە كوچىنى ئايلانغاندىن كېيىن ئازراق ئۇيقىمىز كېلىپ، ياتقاققا قايتماقچى بولدۇق. بۇ چاغدا بىر دوستىمىز، ئالدىنى كۆرسىتىپ: «قاراڭلاڭ لىنجاڭ دەرياسىنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇق، يۈرۈڭلار بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى دىدى. بىز خوشياقمىغان ھالدا كوچىدىن ئۆتۈپ، دەريا توسمىسىنىڭ تاش پەلەمپىيىدىن پەسكە چۈشتۇق. كەڭرى كەتكەن جىيالىنجياڭ دەرياسى دولقۇنلاپ ئېقىۋاتاتتى. لېكىن، ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزىمىزگە چېلىققىنى كۆز يەتكۈسىز قومۇشزارلىق بولدى. كېچىدە بۇ قومۇشزارلىق قارا سىياھ چېچىۋەتكەندەك كۆرۈنەتتى. بىز ھەيران بولۇپ ۋارقىرىۋەتتۇق.

بۇ قومۇشلار تولىمۇ ئېگىز ئۆسكەن بولۇپ، ئادەم بويىدىن ئېگىز ئىدى. بىر ئىككى كىلومېتىرغىچە سوزۇلغان قومۇشزارلىق جىيالىنجياڭ دەرياسىنى بويلاپ سوزۇلغان ئىدى. قارىماققا ئىنچىكە لاھىيىلەنگەندەك قىلاتتى. بىر تال ئەگىر- توقاي ياغاچ ئەگمە يول قومۇشزارلىقنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر كۆرۈنۈپ، بىر كۆرۈنمەي تۇراتتى. كۈز كەلگەندە، ياكى گۈللەر ئېچىلغاندا بۇ قومۇشلۇق ئارىسىدا قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ گۈللەردىن ھوزۇرلىنىپ، دېڭىز سۈيىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولاتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىزدە سوئال تۇغۇلدى: بۇنداق ياخشى قومۇشزارلىق، ئەسلىدە شەھەر سىرتىدا ياكى يېزىلاردىكى كۆل بويىدا، يىراق تاغ باغرىدا، ياكى ئىنسان ئايىقى تەگمەيدىغان قاقاس دالىلاردا ئۆسۈشى كېرەكقۇ؟ شەھەر مەركىزىدە، شۇنچە ئاۋات كوچىدا بۇنداق قومۇشزارلىقنى كۆرۈش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

لېكىن يەنە ئويلاپ باقساق، شەھەردىكى قومۇشزارلىق، بۇ جىيالىنجياڭ دەرياسىنىڭ قوشۇمچە مەنزىرە رايونىدەك ئاددىي ئىش بولمىسا كېرەك.

شەھەردىكى ھىسسيات دېگەن نىمە؟ مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى شۇ.

بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئوخشاش شەھەرلەر، ھەممىلا يەردە ئاۋاتلىق بار. لېكىن، كۆپ كۆرگەنسېرى ئۇنىڭدىن زېرىكىدۇ. كىشىلەر «باۋما» ماركىلىق پىكاپ، ئېگىز ئىمارەتلەرگە ئانچە قىزىقمايدىغان بولدى. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ھازىر كىشىلەر ئىنتىلىدىغىنى پولات چىۋىق ۋە سىموت ئاستىدىكى بىر خىل كۆيۈمچانلىق، بىر خىل كۈلۈمسىرەش بۇنى ھازىرچە شەھەرنىڭ ھىسسياتى دەپ تۇرايلى. ئۇ خۇددى بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ چىرايلىق ياسىنىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇسا، ئۇنىڭ قانداقمۇ جەلىپكارلىقى بولسۇن؟

شەھەرنىڭ ھىسسياتىنى ئىپادە قىلىشتا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچلۈك بولىشى ناتايىن، لېكىن چوقۇم يېقىشلىق، مۇلايىم، كىشلەرنى ئارام ئالدۇرىدىغان بولىشى كېرەك. ھىسسياتلىق شەھەردە شۇنىڭغا ماسلاشقان شەھەر قۇرۇلىشى بولۇشى كېرەك. ھىسسىياتلىق شەھەردە چوڭقۇم ئادىمىگەرچىلىك بولىشى لازىم. شەھەر ۋەزىيىتىنى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىرىكىش كۈچى، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، باشقىلارنى قوبۇل قىلىش، ئاتا قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. شەھەردە ھىسسيات بولسا، تۇرمۇش كۈندىن كۈنگە مەنىلىك ئۆتۈۋاتقاندەك قەلبىدە قۇياش پارلاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. شۇڭا شەھەردە ھىسسياتنىڭ بولۇش بولماسلىقى مۇھىم مەسىلە.

يۇرتقا قايتىپ ماتىرىيال كۆرۈش ئارقىلىق بىز كۆرگەن ئۇ قومۇشلۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە باماۋ ئوتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، قومۇش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدىم. بۇ ئاددىي ئوتنىڭ شەھەرنىڭ گۈزەل بىر مەنزىرىسى بولۇپ قالغانلىقىغا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. 2014- يىلى 5- ئايدا ئۇزۇن كارىدۇر قۇرۇلۇشى پۈتۈش ئالدىدا ئۇ يەر ئەسلى ياۋا ئوتلار ئۈنۈپ كەتكەن، يەر ئەخلەت بىلەن تولغان قاقاس ساي ئىكەن. دېڭىز يېنىدا بىر كارىدورنى ياساش ئۈچۈن ئەسلى گۈزەل گۈللەر، غەيرى دەرەخلەرنى تاللىسا، تېخىمۇ كۆركەم، تېخىمۇ ھەشەمەت بولاتتى. لېكىن، ئۇلار تاغ جىلغىسىدا ئۆسىدىغان باماۋ ئوتىنى تاللىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇلار شېئىرنى، يىراقنى تاللىغان. مانا بۇ « ئاددىيلىق» ھىسسياتقا تېخىمۇ باي بولغان.

بىر شەھەرنىڭ ئىللىقلىقىدىن تەسىرلەنگىنىمىزنىڭ سەۋەبى، مەلۇم بىر جايدىكى مەنزىرە، ياكى قايتىدىن گۈللەنگەن بىر خىل مىللى ئۆرۈپ- ئادەت بولىشى مۇمكىن. پەقەت كۆڭۈل قويساقلا شەھەردە ھىسسياتنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىيەن شەھىرىدە كىتاپ ئوقۇش پائالىيتى 2000- يىلىدىن تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىتاپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بەختلىك تۇيغۇدا ئىتتىپاقلاشتۇرماقتا. بەلكىم، بۇ شەھەردىكىلەر ئويلىمىغان يەردىن ئۆزلىرىنىڭ شەھەرنىڭ ھىسسياتىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك.

شەھەرنى ئىللىق قىلىش ئۈچۈن داغ- دۇغا كېرەك ئەمەس، ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئائىلنىڭ ئىللىقلىقى بولسا، كىشىلەرنى ئىللىق تەبەسسۇم قىلدۇرالىسا، مەيلى كۈندۈز ياكى كىچىدە بولسۇن، كىشى قەلبى ئىللىقلىققا تولسا، خۇددى قومۇشزارلىق ۋە باماۋ ئوتىغا ئوخشاش ئېگىز تاغلاردا ئۆسۈپ يېتىلسە بۇ ئۇنىڭ خاسلىقى، ئەگەر ئۇ ئاۋات شەھەردە يىلتىز تارتسا ئۇ بىر خىل قىياپەت بولۇپ، ناخشا ئيتالايدۇ، ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ. بىر شەھەرنىڭ چوڭقۇر ھىسسياتىنى نامايان قىلالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى