قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، ئۆزىنى قەدىرلەش- ئەڭ ياخشى ۋاپادارلىقتۇر

2018-05-15 14:28:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپامنىڭ سۆزىنى ھەر قېتىم ئويلىسام يىغلىغۇم كېلىدۇ. ئۇ چاغلاردا مېنىڭ سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، دائىم دۇختۇرخانىدا يېتىپ قالاتتىم. مەن ھالسىز ھالدا ئۇكۇل ئۇرغۇزۇۋاتقان ئىدىم، ئانام يېنىمدا ئولتۇرۇپ توختىماي سۆزلەيتتى:
 ــ ساڭا سالامەتلىكىڭنى ئاسرا دەپ نەچچە قېتىم دېدىم، ئەمدى بولدىمۇ، يەنە بىر مۇنچە ئۇكۇل ئۇرغۇزۇپ، دورا يەيدىغان بولدۇڭ، جاننى قىيناپ!
 مەن ئۇنىڭ توختىماي كوتۇلدىشىدىن زېرىكىپ گەپ ياندۇردۇم:
 ــ ئۇكۇل ئۇرغۇزۇۋاتقان ئادەم مەن تۇرسام، سىز نېمانداق كوتۇلداۋېرىسىز؟
 ــ سېنىڭ بىر يېرىڭ ئاغرىسا، مېنىڭمۇ ئاغرىيدۇ،ـــ دىدى ئۇ خۇرسىنىپ قويۇپ،ـــ ياكى ساڭا تارتىشىپ بەرگىلى بولمىسا.
 مېنىڭ بۇرۇنلىرىم ئىچىشىپ كەتتى- دە، باشقا ياققا قارىۋالدىم. سۆزلىرىم بوغۇزۇمدا توسۇلۇپ قالدى. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان ئاشۇنداق بىر رىشتە بار. ئۇ مېنىڭ ھەر خىل بىئاراملىقىم ۋە ئاغرىقلىرىمنى ئۈزۈلدۇرمەي ئانامغا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.
 شۇڭا ئۇ دائىم:
 ــ سەن ساق- سالامەت بولساڭ، مەن خۇشال بولىمەن، ــ دەيتتى. دۇنيادىكى بارلىق ئاتا- ئانىلار شۇنداق بولسا كېرەك.
قوشنىمىزنىڭ يىراقتا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئوغلى بولۇپ، ئۆيگە ئانچە كۆپ كەلمەيدىكەن. ئوغلى بىغەم بولغاچقا، ئاتا- ئانىسى ئەنسىرەپلا يۈرىدىكەن. ئۇنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىپ، تۈزۈكرەك تاماق يىيەلمەيۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوغلى زىياپەتكە قاتناشسا، ئۇنىڭ ھاراقنى كۆپ ئىچىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن، ھاۋارايى مەلۇماتىدا يامغۇر ياغىدۇ دېسە، ئالدىراپ ئوغلىغا تېلېفون بىرىپ، كۈنلۈك ئېلىۋېلىشىنى ئەسكەرتىدىكەن.
باشقىلار ئۇلارغا ئوغلىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرىمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلسا، ئۇلار:
 ــ ئامال يوق، ئۇ بالا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ـــ دەيدىكەن.
بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئاتا- ئانىلارنىڭ خۇشاللىق- قايغۇسىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، پەرزەنت بولغۇچى ـــ ئۆزىڭىزگە كۆپرەك كۆيۈنسىڭىز، يىراقتىكى ئاتا- ئانىڭىز سىز ئۈچۈن ئازراق غەم قىلىدۇ.
 بىر ياشانغان ئاتا- ئانا ئۇندىدار ئىشلىتىشنى بىلگەندىن باشلاپ، ئوغلى ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە تۇرمۇش ئەھۋالىنى يوللىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بىر قانچە كۈن كەچ سائەت ئىككى، ئۈچلەرگىچە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپتۇ، ئادىتى بويىچە دوستلار چەمبىرىكىدە سالام يوللاپتۇ ھەمدە بىر قاچا ھورى چىقىپ تۇرغان تەييار چۆپنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويۇپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە، ئاتا- ئانىسىنىڭ تېلېفونى ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپتۇ، ئۇ ئۇيقۇلۇقتا تېلېفوننى ئالسا، ئاپىسى تېلېفوندا جىددىيلەشكەن ھالدا:
 ــ قوزام، سېنىڭ ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىسا، يەنە تەييار چۆپ يەپسەنغۇ، دائىم ئۇخلىماي، ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسەڭ بولمايدۇ، سالامەتلىككە تەسىر قىلىدۇ، ــ دەپتۇ.
 ئوغلى ئاچچىق كۈلۈپ:
 ـــ ئانا، خىزمەتتە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىمەيمەن دېگىلى بولامدۇ؟ مېنىڭ شۇنچە كۈچەپ خىزمەت قىلىشىم، سىلەرنى بالدۇرراق شەھەرگە ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ــ دەپتۇ.
كىشىلىك ھاياتنىڭ تۆت خىل ئازابى بار: ئانىسى بالدۇر تۈگەپ كېتىش، ياش ۋاقتىدا دادىسى ئۆلۈپ كېتىش، ئوتتۇرا يېشىدا ئايالىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قېلىش. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ ئازاپلايدىغىنى ئاق چاچلىق كىشىلەرنىڭ قارا چاچلىقلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇشى. بالىلارنىڭ ۋاقىتسىز ئايرىلىشى كىشىنىڭ ھاياتىدىكى ئاخىرقى بىر تۆۋرۈكنى سۇندۇرىۋەتكەندەك بىر ئىش. جېنىمىزنى تىكىپ تۇرۇپ پۇل تاپىمىز، ئاندىن شۇ پۇل بىلەن ئاتا- ئانىلىرىمىزغا ۋاپادارلىقىمىزنى يەتكۈزىمىز. بەلكىم بىز ۋاپادارلىقنىڭ، بۇرچنىڭ مەنىسىنى خاتا چۈشەنگەن بولىشىمىز مۇمكىن. ھەقىقى ۋاپادارلىقنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، ئۇنى ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرۈش ۋە كۆپرەك ھەمراھ بولۇش بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
مۇنداق بىر ھەقىقى ھىكايە بار:
يېشى ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان دادا، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوغلىغا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى بېرىپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان بالىسىنى قۇتقۇزماقچى بوپتۇ، بىر بۆرەكتىن ئايرىلسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلىشقىمۇ رازى ئىدى.
ئوپىراتسىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپتۇ، ئاتىنىڭ بۆرىكى ئوغلىنىڭ بەدىنىدە نورمال خىزمەت قىلىشقا باشلاپتۇ. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بالا مەكتەپكە قايتىپتۇ. ئاتا- ئانىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدىن قۇتۇلغان بالا، خالىغانچە ئويۇن ئويناپ، كېچىلىرى ئۇخلىماي، ھەر خىل كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈتۈنمەپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي دادىسى تەقدىم قىلغان بۆرەكمۇ كاردىن چىقىپتۇ.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بالىنى ئەيىپلەپ، دادىسى ئاتا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ياشاش پۇرسىتىنى قەدىرلىمىدى دەپتۇ. كېسەل چاپلاشقىچە، بىز ھاياتنىڭ قەدرىنى بىلمەيمىز. ئۆزىمىزنى ئاسرىماسلىقىمىز ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرىنى يەردە قويغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلىمايمىز.
ئاتا- ئانىمىز ھاياتلىقىمىزنى بەرگەنىكەن، پەرزەنتلەر بەدىندىكى ھەر بىر ئەزادا ئاتا- ئانىنىڭ ھەققى بار. ئۇنى زەخمىلەندۈرمەسلىك ۋاپادارلىقنىڭ باشلىنىشى. ئەمەلىيەتتە ئاتا- ئانىلىرىمىز بىزگە ئاتا قىلغان بۇ تېنىمىزنى قوغداش دەل ئەڭ ئەقەللىي ۋاپادارلىق. ئۇنىڭغا ئاتا- ئانىلارنىڭ قان- تەرى ۋە مۇھەببىتى سىڭگەن تۇرسا، ئۇنى خالىغانچە كاردىن چىقىرىشقا يۈرىكىڭىز قانداق چىدايدۇ؟
بىر ئەدىپ مۇنداق دەيدۇ: ئوغلىنىڭ بەختسىزلىكى ئانا ئالدىدا ھەسسىلىنىدۇ. ئوخشاشلا قىزىنىڭ ئاغرىقى دادىغىمۇ ھەسسىلەپ بىلىنىدۇ. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاكام دوستلار چەمبىرىكىگە مۇنداق دەپ يازدى:
«قىزىمغا تۇنجى قېتىم ئۇكۇل ئۇرغۇزغاندا، يۈرىكىم پارە- پارە بولۇپ كەتتى». كېيىن سوراپ، ئەھۋالنى بىلدۇق، بىر ياشقا كىرمىگەن جىيەن قىزىم يۇقۇملۇق زۇكام بولۇپ قېلىپ، بىر قانچە كۈن يۆتۈلۈپتۇ، ئاخىرى ئامال يوق ئۇكۇل ئۇرغۇزۇپتۇ. بالىنىڭ تومۇرى بەك ئىنچىگە بولغاچقا، ئۇكۇلنى بېشىغا سېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ، جىيەن قىزىمنىڭ يىغىسىغا چىدىمىغان ئىنىمنىڭمۇ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ.
ئاتا- ئانا بولغۇچى ئەلۋەتتە پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق بولىشىنى، بالىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىگە ئىشەنچ نۇرلىرى ئاتا قىلىشنى ئۈمىت قىلىدۇ. لېكىن، ئادەمگە ھاياتلىقنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم نىسىپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، ھەر قانداق تەلەپ ۋە ئارزۇمۇ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسم ئاتا- ئانىلار مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش سىزنىڭ قانچىلىك ئېگىزگە ئۇچالايدىغانلىقىڭىزغا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئۇچۇپ ھارغان- ھارمىغانلىقىڭىزغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى شۇ ھاياتنى سىزگە تەقدىم قىلغان كىشى بەكرەك چۈشىنىدۇ.
ئۇنداقتا ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە كېلەيلى، ۋاپادارلىق دېگەن نىمە؟
بەزىلەر پۇل تېپىپ، ئاتا- ئانىلارغا داچا ئېلىپ بېرىش، ئۆي خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ يېرىم ئۆمۈر جاپا چەككىنىگە جاۋاپ قايتۇرماقچى بولىدۇ. بەزىلەر مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىپ، نام چىقىرىپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش ئارقىلىق، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىشىنى ئويلايدۇ. 
يەنە بەزىلەر ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى ئەڭ چوڭ ۋاپادارلىق دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممسى ۋاپادارلىقنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولالايدۇ. لېكىن، يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى سالامەت ياخشى ياشاشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئاغرىقچان ئادەم قانداق ۋاپادارلىق يەتكۈزەلىسۇن؟ پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ئائىلە يەنە قانداق بەختكە ئېرىشەلىسۇن؟
سىزنىڭ تېنىڭىز يالغۇز ئۆزۈڭىزگىلا تەۋە ئەمەس، ئۇ گۆدەك بالىنىڭ بارلىق ئۈمىدى، ھەمراھىڭىزنىڭ ئارزۇسى، ئاتا- ئانىلىرىڭىزنىڭ ياشانغاندىكى يۆلەنچۈكى.
ئاتا- ئانىلارنى نىمە بىلەن رازى قىلىش كېرەك؟ ئالدى بىلەن ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، سالامەتلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلايلى، ئۆزىمىزنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى