قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانداق قىلغاندا يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن تەلتۆكۈس خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

2018-05-15 14:30:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خام يېگىلى بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر خام يېيىش: يېشىل كۆكتاتلارنى خام يەپ بەرسە ۋىتامىنلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدىكەن، مەسىلەن: تۇرۇپ، سەۋزە، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى خام يېسە ھەم تەمىنى تېتىغىلى بولىدۇ ھەم تەركىبىدىكى ۋىتامىن C بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئەمما، تازىلىقىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تاماق يېگەندە، ئالدى بىلەن كۆكتات يېيىش: قورساق ئاچقاندا ئىشتىھا كۈچىيىدىغان گەپ، ئەمما داستىخاندا ھەرقانچە گۆشلۈك ئېسىل غىزالار بولغان تەقدىردىمۇ ئاۋۋال كۆكتات يېيىش كېرەك. چۈنكى كۆكتات ئورگانىزىمنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم غىزالارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ئانچە مېۋە يېمەيدىغانلار كۆكتات يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
كۆكتاتقا قوشۇمچە خۇرۇچلارنى قوشماسلىق. يېشىل كۆكتاتلارنى يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قايناق سۇدا قاينىتىش، قوشۇمچە خۇرۇچلارنى قوشماسلىق، ئىمكانقەدەر ياغسىز، سۇيۇق قىلىپ يېيىش كېرەك.
 كۆكتاتتىن ئىچىملىك ياسىماسلىق: كۆكتاتتىن ئىچىملىك (شەربەت) ياساپ ئىچكەندە، شۆلگەي تەركىبىدىكى ھەزىم فېرمىنتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى چايناشتىكى مەقسەت تاماقنى پارچىلاش ئەمەس بەلكى چايناش ئارقىلىق شۆلگەيدىكى ھەزىم فېرمىنتىنى ئىچىملىك، يېمەكلىك بىلەن تولۇق ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
ياۋا كۆكتاتقا بەك ۋاي دەپ كەتمەسلىك. بىر قىسىم كىشىلەر ياۋا كۆكتاتنى بۇلغانمىغان، ساپ ھەم ئوزۇقلۇق مول دەپ قارىغاچقا، ياۋا كۆكتات بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرگە توغرا ياۋا كۆكتات قارىشى تۇرغۇزۇش لازىملىقىنى ياۋا  كۆكتاتنىڭ  ئادەتتىكى كۆكتاتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىنى  ئەسكەرتتى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى