قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇت- قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمەسلىكى سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس

2018-05-15 14:32:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بىر تەرەپتىكى قول ۋە بارماقلارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇيۇشۇش ئاستا خاراكتېرلىك بولۇپ كۆپ قوزغىلىدۇ، بۇنىڭغا بويۇن ۋە بەل تېلىپ ئاغرىش، قېتىۋېلىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
پۇت - قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى بەل ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتى پۇت - قوللار تارقاق ئۇيۇشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى بەل ئومۇرتقا كېسەللىكى ۋە بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەرىكەتلىنىش قولايسىز بولۇش ھەتتا چوڭ - كىچىك تەرەت توسۇلۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
قول بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ كۈچسىزلىنىش، بېغىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بېغىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى دېگىنىمىز، سۆڭەك سۇنۇش، سۆڭەك بوغۇملىرى چىقىپ كېتىش، قايرىلىپ كېتىش ياكى زورۇقۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان بېغىش پەيلىرى قېلىنلاپ قېلىش، پەي ياللۇغى ياكى بېغىش سۆڭىكىنىڭ چېكىنىپ ئۆسۈپ قېلىشى، تومۇر ئىچكى دىۋارى تارىيىش سەۋەبىدىن نېرۋىلار بېسىلىپ، پۇت - قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ كۈچسىزلىنىپ قېلىش كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر تەرەپ پۇت - قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى مېڭە توسۇلۇشنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئادەمنىڭ بىر تەرىپىدىكى پۇت - قول ئۇيۇشۇپ يەنە بىر تەرىپىدىكى پۇت - قول نورمال بولسا، مېڭە توسۇلۇشنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. مېڭە توسۇلۇشتىن پەيدا بولغان پۇت - قولنىڭ ئۇيۇشۇشى ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك بولۇش بىلەن بىللە، گەپ - سۆز توسالغۇغا ئۇچراش ۋە يېرىم بەدەننىڭ ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، جىددىي داۋالىتىشقا توغرا كېلىدۇ.
سىممېتىرىك ئۇيۇشۇش قەنت كېسىلىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. قەنت كېسىلىدىن پەيدا بولغان ئەتراپ نېرۋىلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىدە، پۇتنىڭ سىممېتىرىك ئاغرىشى ۋە بىئارام بولۇشى قولغا قارىغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ. دائىم ئۇيۇشۇش، قىزىش ۋە توك سوققاندەك بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بىئارام بولۇش پۇت بارماقلىرىدىن باشلىنىپ تىزغا چىقىدۇ، ئاغرىقتا پايپاق ۋە پەلەي كىيىۋالغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى