قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇستەقىل داڭلىق ماركىلار كۆرگەزمىسى شاڭخەي شەھىرىدە ئاخىرىلاشتى

2018-05-15 15:50:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇستەقىل داڭلىق ماركىلار كۆرگەزمىسى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى شاڭخەي شەھىرىدە ئاخىرىلاشتى، خاس ماركىلار ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق دۆلەتلىك كاتتا مەرىكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، 800گە يېقىن ئاپپارات ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىشى پۈتۈن دۇنياغا دۆلىتىمىزنىڭ خاس داڭلىق ماركىلىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ تولۇق تەييارلىق بىلەن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىپ بەردى.
يەرمەنكىدە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ خاس ماركىلىرى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى دەرىجە، يۇقىرى قىممەتلىك «جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ يارقىن جۇلاسى»نى نامايەن قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭنىڭ 35 خىل داڭلىق ماركىسى كۈچلۈك رىقابەت بىلەن يەرمەنكىگە قاتناشتى، داڭلىق كونا ماركا ھېسابلىنىدىغان «تۇڭرېنتاڭ»، «يۆ شېڭزەي»، ئىگىلىك تىكلەش شىركەتلىرىدىن «شياۋمى ئېلېكترون شېركىتى»، «چيەنفاڭ پەن- تېخنىكا شېركىتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق خاس ماركىلار كۆرگەزمىگە قاتناشتى.
ئادەملەر بىلەن تولغان شاڭخەي كۆرگەزمە مەركىزىدە، شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ ئەپەندى قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان تەشمە نەقىشلىك شياڭيۈن تەسۋىرلەنگەن بېيجىڭنىڭ كونا داڭلىق ماركىسى «يىدېگې»نىڭ كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا، ئالتە ياشلىق ئوغلىغا قەدىمكىلەرنىڭ «خوڭيەن چۈەنشۇ» يەنى ياۋا غازنىڭ خەۋەر يەتكۈزۈشى ناملىق ماقال تەمسىللىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى، «كومپيۇتېر، يان تېلېفوننى ئاساسلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قىلىشتىن بۇرۇن، قەدىمكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر تال موي قەلەم بىلەن جاھان كېزىدىغان بولۇپ، ئەنە شۇ دۆۋەت يېزىقچىلىقىنىڭ تۆت گۆھىرىنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.» ۋاڭ ئەپەندى يەنە مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دېدى: «ھازىرقى بالىلار قەدىمكى يېزىق ۋە خەتتاتلىق، رەسساملىق ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، بۇلار ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھەقىقىي قىممەتلىك بايلىقلار ھېسابلىنىدۇ!»  تونۇشتۇرۇلىشىچە، سىياھ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭقى چىققان قەدىمكى داڭلىق ماركا --- بېيجىڭنىڭ «يىدېگې» سىياھچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شېركىتى ھازىرغىچە تاقىلىپ قالمىغان، ئەكسىچە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ مېڭىۋېتىپتۇ، مەسىلەن، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئەرزان باھالىق سۈپەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۈرۈشلۈك ئوقۇش قوراللىرىنى، شەخسلەر ۋە ئاپپاراتلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەخسۇس سىياھلارنى ئىشلەپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەھسۇلاتلىرى چەتئەل بازارلىرىغا سېتىلىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئەلچىسىگە ئايلانغان.  
پايتەخت بېيجىڭنىڭ سىياھتىن ئىبارەت خەتتاتلىق بايلىقىدىن باشقا يەنە قارشى ئېلىنىدىغىنى بېيجىڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەكلىرىدۇر. «يۆشېڭزەي»نىڭ قىيمىلىق كالا گۆشى، «ۋاڭ جىخېنىڭ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قىيامى»، «ليۇبىجۈنىڭ جياڭيۇغا چىلانغان سېيى» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى بېيجىڭ يېمەك- ئىچمەكلىرى ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى جەلپ قىلدى.
«يېڭى پارچە سېتىش» دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، «شىمالىي مۇز ئوكيان»، «داۋشياڭ كەنتى»، «يۆشېڭزەي»، «تيەنفۇخاۋ»، «ۋۇ يۈتەي» قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق كونا ماركىلار قايتا جۇلالىنىپلا قالماي، يەنە بىر قېتىم ياشلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر بېيجىڭ رايونىدىكى داڭلىق ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 2016- يىلىدىكىدىن 71.8 پىرسەنت ئېشىپ، بېيجىڭنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنئەنىۋى داڭلىق ماركىلىرى «بارغانسېرى ياشىرىش» بىلەن بىرگە، ئادەمسىز ئاپتوموبىل، بيو تېببىي دورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى 2000- يىلىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن خاس ماركىلار،  يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى يېڭى ماركىلارمۇ ھەر ساھەدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ كەلدى.
ئادەمسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىل ئاپتوماتىك ھالدا ئالدى تەرەپتىكى قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە بۆسۈپ كىرگەن پىيادىلەرنى سېزەلەيدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىددىي تورمۇز قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولدى؛ ئادەمسىز ئۆلچەش تېخنىكىسىنى قوللىنىش نەتىجىسىدە، يولغا ياتقۇزۇلغان سىنزور ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا ئاپتوموبىل سۈرئىتى ۋە يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنداق ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش ھازىر رېئاللىققا ئايلانماقتا. دۇنيا بويىچە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە ئاپتوموبىل سىناق يولى بۇلتۇر بېيجىڭ يىجۇاڭدا ياسالدى. رۇڭخۇا ئوتتۇرا يولىدىن بودا سارىيىغىچە بولغان 12 كىلومېترلىق يولدا، ئاپتوموبىل ئالاقە تورى ئىقتىدارىغا ئىگە تاشيولدا كۆرۈنمەس بۆلەكلەرنى ئەسكەرتىش، جىددىي كەلگەن ئاپتوموبىللارنى ئالدىن سېزىش، پىيادىلەر بۆسۈپ كىرىش ئەھۋالىغا ئىنكاس قايتۇرۇش، يېشىل چىراغ شارائىتىدا سۈرئەت كۆرسەتمە ئەسكەرتىشى بېرىش، ئالدىن ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئاپتوموبىللارغا ئاپتوماتىك يول بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخىمۇ بىخەتەرلىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىندى. ماشىنا بىلەن ماشىنا، ماشىنا بىلەن يول، ماشىنا بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى «تىلنىڭ سىرى»نى ئاچقان پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمان دەل بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى «چيەنفاڭ» پەن- تېخنىكا شېركىتىدۇر.
«چيەنفاڭ» پەن- تېخنىكا شېركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە يىجۇاڭ ئېچىۋېتىلگەن سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تاماملاش بىلەن بىرگە يەنە، بېيجىڭ- جاڭجياگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، يېڭى ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، بېيجىڭ- خېبېي بىرلەشمە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا تورلاشتۇرۇش ئەسلىھەسى ئورنىتىلىپ، بېيجىڭ- خېبېي ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا تۇتاشما مۇلازىمەت ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ ھەمدە ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىشىنى ئاساسىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچىدىكى توك قاچىلىغىلى بولىدىغان تۇنجى ئېلېكترون مېڭىلىق يۈرەك قوزغاتقۇچ، ئومۇرتقا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسىدىكى «چەكلەنگەن رايون»لارغا بۆسۈپ كىرەلەيدىغان سۆڭەك بۆلۈمى ئوپېراتسىيەسى ماشىنا ئادىمى، دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۈستەل يۈزىسىمان ئۆتكۈزۈشچان گېن تەرتىپى ئۆلچىگۈچ، ھەرخىل ماشىنا ئادەملەر، يۇقىرى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ساھەلەردىكى يېڭى مۇنەۋۋەر كارخانىلارمۇ كۆرگەزمىدە ئۆزىنى نامايەن قىلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرى نەچچە يىلدىن بۇيانقى «ئىچكى ماھارىتىنى قاتتىق چېنىقتۇرۇش»قا تايىنىپ چەت ئەللىك ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، «جۇڭگودا ياسالغان» دىن «جۇڭگو ئاقىل ياسىمىچىلىقى»غا قاراپ ئۆزگىرىشنى تاماملىدى.
«نۇرغۇن ساھەلەردە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى چەت ئەل ماركىلىرىنىڭ ئىگىلەش نىسبىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، مەسىلەن، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، يانفون قاتارلىقلار، ئىلگىرى بۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ ئىلكىدە بولغان بولسا، ھازىر جۇڭگونىڭ ماركىلىرى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولدى.» جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا سودا تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاۋ پىڭنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان داڭلىق ماركىلارنىڭ سۈپىتى، لايىھىلەش ئىقتىدارى ۋە پەن- تېخنىكا تەركىۋى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا پۇقرالارنىڭ يۇقىرى سۈپەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا باشلىدى.
 ئالى تەتقىقات يۇرتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ ماركا تەرەققىيات دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى 71 پىرسەنتتىن ئاشقان بولۇپ، توردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلاردا جۇڭگو ماركىلىرىنىڭ ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، بازار ئىگىلەش نىسبىتى 2016- يىلىدىكىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈپ، سېتىش سوممىسىنىڭ ئۈچ يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى جەمئىي % 51.3كە يەتكەن. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى پارچە سېتىش، مەدەنىيەت جەھەتتە زىممىسىگە ئېلىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جۇڭگو ماركىلىرىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىيات مەزگىلىنى بارلىققا كەلتۈردى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى