تەڭرىتاغ تورى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شيې شېمىن خەۋىرى، فوتوسى. قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزارلىق 5-ئايدىكى باش يازدا يېشىل شاخلىرىنى، يۇمران يوپۇرماقلىرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن نامايان قىلدى. قېيىنزارلىقتا سەيلە قىلغاندا يىراققا نەزەر سالساق قېيىنزارلىقنىڭ يېشىللىققا پۈركىنىپ، دەرەخ شاخلىرىنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلەشكەنلىكىنى كۆرىمىز، بۇ قېيىنزارلىقتا ئوت-چۆپلەر خۇددىي يەرگە سېلىنغان گىلەمدەك پۈتۈن يەرنى قاپلىغان بولۇپ، قۇشلار شاختىن-شاخقا ئۇچۇپ، كالىلار ئوزۇق ئىزدەپ يۈرەتتى. قۇياش نۇرى دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىن «يېشىل گىلەم» گە ئۈستىگە چۈشۈپ جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. قېيىنزارلىقتىكى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ، قۇشقاچلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلىغاندا، كەيپىيات بۆلەكچىلا ئازادىلىككە تولاتتى.
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2019-12-31 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-15 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-14 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-13 |
يوللىرىڭىزدا بىز ھەمراھ 2019-02-12 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى |