قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

2018-05-16 17:52:32     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ئوسلۇ داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بەرسە تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ھامىلىدارلار تۆۋەن دەرىجىدىكى ھەرىكەتنى 10 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، چوڭ مېڭە ئىچكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭى ئالاقە قۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدىكەن. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا «ھېسسىيات توسالغۇسى» دېگەن ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان.

تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق دېگىنىمىز، ئادەتتە تۇغۇتلۇق ئاياللاردا تۇغۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈلىدىغان تەشۋىشلىنىش، يىغلاشتەك پىسىخىكىلىق توسالغۇنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، بۇ ھەمدە ئانا-بالىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىگە پايدىسىز بولۇپ، بالا ئۇزاققىچە پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.


تەتقىقاتچىلار ھامىلىدار بولغىنىغا 28 ھەپتە بولغان 643 ئايالنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ھەمدە ئۇلارنى: پۈتۈنلەي ھەرىكەت قىلمايدىغان، ھەپتىدە 1 سائەتتىن 74 مىنۇتقىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، ھەپتىدە75 مىنۇتتىن 149 مىنۇتقىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، 150 مىنۇتقىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىدىغان، دەپ تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىغان.

نەتىجىدە، ھەپتىدە پۈتۈنلەي ھەرىكەت قىلمايدىغان ھامىلدارلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %14.9 كە يېتىدىغانلىقى بايقالغان، ھەپتىدە ئوتتۇراھال دەرىجىدە ياكى كۈچلۈك دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى 150 مىنۇتقا يېتىدىغان 127 ھامىلىدار ئىچىدە تۆتى تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، بۇنىڭدا كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %3.1 بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قانچە جانلىق ھەم ساغلام بولسا، بەدەن ئۆزگىرىشىگە شۇنچە ئاسان ماسلىشالايدىكەن.

ھەرىكەت چوڭ مېڭىنىڭ ئىچكى پېپىتىد ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تېزلىتىپ، خۇشال كەيپىياتنى ساقلايدىغان بولۇپ، ھەرىكەت قىلىش خامۇشلۇققا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى ھەرىكەت تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇقنىڭ بۇ پىرىنسىپ بىلەن ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ، يەنى ھەرىكەت چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ چوڭ مېڭىدە يېڭى ئالاقە قۇرۇپ، چوڭ مېڭە سەقەنقۇر رايونىنى غىدىقلىشىغا پايدىلىق. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھامىلىدارلارغا سىجىللىقى تۆۋەن ھەرىكەتلەر ئەڭ ماس كېلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى