قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا سەمىرىپ كېتىدۇ

2018-05-16 17:55:30     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىكى سېمىزلىك بىلەن  ئۇيقۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ۋارۋىك داشۆسىدىكى ئالىملار بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 42 تۈرلۈك تەجرىبە نەتىجىسىنى رەتلەپ، بۇلار ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان. بۇ تەجرىبىلەر 18 ياشتىن تۆۋەن 75 مىڭ بالا ۋە ئۆسمۈرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە زىيارەت قىلىش ۋاقتى ئۈچ يىل ئىكەن.
    تەتقىقاتچىلار سوئال-جاۋاب قەغىزى ۋە تاقىغىلى بولىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئوخشاش ياشتىكى ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولغان بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىش ياكى سەمىرىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلارنىڭكىدىن %58 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. 
    كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 11-4 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى 12 سائەتكە يەتمىسە، سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %40 ئېشىپ كېتىدىكەن. 5-3 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى 10 سائەتكە يەتمىسە سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %57 ئېشىپ كېتىدىكەن، 13-6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى 9 سائەتكە يەتمىسە سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %123 ئېشىپ كېتىدىكەن، 17-14 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى 8 سائەتكە يەتمىسە، سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %30  ئېشىپ كېتىدىكەن.
    ئامېرىكا «ئۇيقۇ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىش يۈرەك كېسىلى ۋە Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، ھازىرقى زامان بالىلىرىدا ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كېسەللىكلەرمۇ ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، دېيىلگەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئۇزارتىش بالىلاردىكى سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاددى ھەم ئاسان ئۇسۇللارنىڭ بىرى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى