قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سودا سۈيى ئىچىش رېماتىزم كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ

2018-05-16 18:24:23     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئامېرىكا «ئىممۇنولوگىيە ژۇرنىلى»دا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈنىگە ئازراقتىن سودا سۈيى ئىچىپ بەرسە رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدىكەن.
    ئامېرىكا ئاۋگۇستا داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور پاۋلو ئوكونا ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى تاماملىغان چوڭ ئۆي چاشقىنى ۋە ئادەم بەدىنى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىنىڭ نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، چوڭ ئۆي چاشقىنى، ياكى ساغلام كىشىلەر سودا سۈيى ئىچىپ بەرسە ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپ ئاجرىتىپ، تاماقنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، تالنىڭ ئىممۇنىتېتىلىق ئىنكاسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ جەرياندا تالغا جايلاشقان ئارىلىق تېرە ھۈجەيرىسى ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان، چۈنكى سودا سۈيى ئارىلىق تېرە ھۈجەيرىسىگە «قوغداش خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى قوزغاش ھاجەتسىز» دېگەن سىگنالنى بۇيرۇق قىلىدىكەن.
    سودا سۈيى ئىچىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى M1 تىپلىق چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە M2 تىپلىق چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىگە ئۆزگىرىشكە باشلايدىكەن، بۇ خىل ئۆزگىرىش تال، جىگەر ۋە ئەتراپ قان تومۇرلىرىدا كۆرۈلىدىكەن ھەمدە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولغان چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرگە ئەگىشىدىكەن. يۇقىرىقى جەريان بەدەندىكى ياللۇغنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولۇپ، رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالامىتىنى ياخشىلايدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى