قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نېمە ئۈچۈن ئانا بىلەن بالىنىڭ بىرلىكتە كىتاب ئوقۇشى تەكىتلىنىدۇ؟

2018-05-16 18:41:48     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

بالىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتىكى تەربىيەگە ئەھمىيەت بەرسە، بالا بىر يېرىم يېشىدىلا «بىللە ئوقۇش»ياكى«ئاڭلاش» قا قىزىقىپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىتاب ئوقۇشمۇ بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كۆرمىگەن-بىلمىگەننى بىلىۋالغىلى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئانا بولغۇچى چوقۇم كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق، ئېنىق چۈشەندۈرۈشى، بالىلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان كىتاب مەزمۇنى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ئۇلار ياقتۇرىدۇ ھەم ئاسان چۈشىنەلەيدۇ.
بالىنىڭ ھەرپلەرنى تونۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ (ئەلۋەتتە ئۆزى ئۆگىنىۋالسا تېخىمۇ ياخشى). ئەمما، بالىغا ئوقۇپ بېرىۋاتقان مەزمۇنغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تاپتۇرۇش كېرەك. مۇشۇ بويىچە كۆپ قېتىم تەكرارلاتقاندا بالىنىڭ چۈشىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ئوبرازنىڭ ياردىمىدە ئابستراكىت نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئانا -بالا تەڭ ئوقۇشتا بىر قەدەر ياخشى دەپ قارالغان ئۇسۇل بالىلار ناخشىسىنى بىللە ئوقۇشتىن ئىبارەت. بالىلار ناخشىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى جۈملىسى قىسقا، رىتىملىق، ئېغىزغا ئاسان كېلىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ رىتىم، قاپىيىنى ياقتۇرىدىغان پىسىخىكىسى بىلەن ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ناخشا ئوقۇلۇۋاتقاندا يەنە بالىلارنى پاس چىقىرىشقا، كىچىك ماھارەتلەرنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى