قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باش نىشاننى ھەرىكىتىمدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

2018-05-16 13:39:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر مۇختار مەمتىمىن

ھازىر، ئېلىمىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەممىلا جايدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد يۈكسەلگەن، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولماقتا. بىراق، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى مالىمان قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قىلمىشى ھېچقانداق مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ھەرقانداق بىر دىنغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. 

 پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشەنچىمنى چىڭىتىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، زەربىدارلاردىن، باشلامچىلاردىن بولىمەن، باشتىن- ئاخىر سىياسىيدا قەتئىي بولىمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن، ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، بۇزغۇنچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى، يول باشلىغۇچىسى ۋە ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن. 

 مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرىمەن. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق نەمۇنىچىلاردىن بولىمەن. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى قاتتىق ساقلاپ، دىلى بىلەن تىلى بىردەك بولۇش، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم- كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمەن. 

 ئاممىغا تايىنىمەن، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشان ئاساسىدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكىمەن، چىڭ تۇتىمەن، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ئاممىغا پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا پوزىتسىيەنى، ئەمەلىيەتنى، پاكىتنى، سىياسەتنى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى سۆزلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى، يامان نىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، باشلامچى بولۇپ ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تونۇش، ئېنىق ئايرىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىشقا، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، ئەتراپىمىزدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش ۋە پاش قىلىشقا يېتەكلەيمەن، باشتىن- ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. 

 ئىستىلنى ياخشىلايمەن، مەڭگۈ پاكلىقنى ساقلايمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ رېئال خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن نەمۇنە بولۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»قا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىستىلنى داۋاملىق ياخشىلايمەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. پارتىيە قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشتىكى قەتئىيلىكنى، بىردەكلىكنى ساقلاپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قاپتۇ، دېگەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ، بۇ «مۇناپىق»لارنى، «يامان سۈپەتلىك ئۆسمە»لەرنى قەتئىي تازىلاپ چىقىرىۋېتىمەن.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى