قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇتىمىز

2018-05-16 13:39:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جىڭ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى تۇرسۇن توختى

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. لېكىن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، مىللەت، دىننى دەستەك قىلىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىۋېتىش سۇيىقەستىدە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. 

 شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بىز باشتىن- ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشان بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى تېخىمۇ ئەمەلىي يولغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇشىمىز، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشىمىز كېرەك.

 پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن، يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي ھالدا قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن. تارىخ شۇنى قايتا- قايتا ئىسپاتلىدىكى، «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت». كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىناق تۇرمۇشىمىزغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ، خاتىرجەم مۇھىتىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، شۇ بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، بىز چوقۇم ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز.

 مەن تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇپ، قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولىمەن. مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئەۋزەللىكىم ۋە رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەشتە باشلامچى بولىمەن. يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدىكى تەشۋىق- تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق كادىرلار، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغداشقا يېتەكلەپ، جەمئىيەتتە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىمەن. 

 شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى بوشاشتۇرماي، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىسلىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوبرازىنى باشتىن- ئاخىر قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ كەسكىن سىنىقى ئالدىدا، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى