قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا سەمىرىپ كېتىدۇ»

2018-05-16 13:14:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىكى سېمىزلىك بىلەن ئۇيقۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئالىملار بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەجرىبە نەتىجىسىنى رەتلەپ، بۇلار ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارغان. بۇ تەجرىبىلەر 18 ياشتىن تۆۋەن 75 مىڭ بالا ۋە ئۆسمۈرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە زىيارەت قىلىش ۋاقتى ئۈچ يىل ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئوخشاش ياشتىكى ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولغان بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىش ياكى سەمىرىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بالىلارنىڭكىدىن %58 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 4- 11 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى 12 سائەتكە يەتمىسە، سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %40؛ 3- 5 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى 10 سائەتكە يەتمىسە سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %57؛ 6- 13 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى 9 سائەتكە يەتمىسە سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %123؛ 14- 17 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسى 8 سائەتكە يەتمىسە، سەمىرىپ كېتىش خەۋپى %30 ئېشىپ كېتىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى