قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ئىرادىلىك ئىنقىلابچى ـــ يۈ فاڭجۇۋ

2018-05-16 13:28:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۈگۈن بۇ سەھىپىمىزدە قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان ئىرادىلىك ئىنقىلابچى ـــ يۈ فاڭجۇۋنى تونۇشتۇرىمىز.

يۈ فاڭجۇۋنىڭ ئەسلىي ئىسمى يۈ لەنشېن، 1900- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى ھازىرقى تيەنجىن شەھىرىنىڭ نىڭخې رايونى بياۋكۇ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

1919- يىلى «4- ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندا، يۈ فاڭجۇۋ دەرھال جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىنىڭ ئىنقىلابىي ئېقىمىغا ئاتلانغان. ئۇ «ئوقۇغۇچىلار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىتتىپاقى» تەشكىللىگەن. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «يېڭى ھايات» ناملىق ئىلغار تەشكىلات تەشكىللىنىپ، «يېڭى ھايات» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنغان.

1992- يىلى، يۈ فاڭجۇۋ لى داجاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. لى داجاۋنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇ سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تيەنجىن رايونلۇق ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇپ، كومىتېت باشلىقى بولغان. شۇ يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تيەنجىن يەرلىك ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

1927- يىلى بۈيۈك ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پارتىيە يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش فاڭجېنىنى بېكىتكەن. بۇنىڭ بىلەن، جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 10- ئايدا، شىمال بيۇروسى «شىمالدىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانى» نى تۈزۈپ، بېيجىڭ- تيەنجىن رايونىدا چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. يۈ فاڭجۇۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تىيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقىلىق سالاھىيىتى بىلەن خېبىينىڭ شەرقىدىكى 2- قېتىملىق يۈتيەن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇرۇشتا قوزغىلاڭچى قوشۇن ئەكسىيەتچى قوشۇننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، تارقىلىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقماقچى بولغاندا، يۈ فاڭجۇۋ فېڭرۈن ناھىيەسى خېليۇشا رايونىدا دۈشمەننىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قېلىپ، بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. 1927- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە، يۈ فاڭجۇۋ دۈشمەن تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغان. شۇ يىلى ئۇ ئاران 27 ياشتا ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى