قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لياڭ يىڭ بىلەن غوجائابدۇللا روزى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغقانلىق مېھرى

2018-05-16 13:36:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

كېرىيە ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى لياڭ يىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان تۇققىنى غوجائابدۇللا روزىنىڭ بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ياردەملەشتى، غوجائابدۇللا روزىنىڭ بالىسىمۇ ئۇنىڭغا خېلىلا كۆنۈپ قالدى.

ھەر ھەپتە ئاخىرى لياڭ يىڭ ئوغلى ۋاڭ گوگونى ئېلىپ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى كۆكمەت كەنتىدىكى تۇققىنى غۇجابدۇللا روزىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ يەنە بىر «ئوغلى» مەمەتجان غوجائابدۇللانى ئېلىپ ناھىيە بازىرىدىكى ئۆيىگە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئويناشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىر- بىرىگە ناھايىتى ئامراق بولۇپ، كۆرۈشۈپلا خۇشاللىقىدا قۇچاقلىشىپ كېتىشىدۇ. مەمەتجان غوجائابدۇللا مۇنداق دېدى:- ۋاڭ گوگو ھازىر مېنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھىم بولۇپ قالدى. بىز بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئويۇنچۇق ئويناپ، بىللە تاماق يەپلا قالماي يەنە بىرلىكتە ئۆگىنىش قىلىمىز. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك.

بۇلتۇر 10- ئايدا، لياڭ يىڭ بىلەن غوجائابدۇللا روزى ئائىلىسىدىكىلەر قوشماقلىشىپ تۇققان بولدى. تۇققىنى غوجائابدۇللا روزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغاچقا، ئەڭ كىچىك ئوغلى مەمەتجان غوجائابدۇللاغا تاغىسىنىڭ قارايدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان لياڭ يىڭ مۇنداق دېدى:- غوجائابدۇللا روزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بار بولۇپ، چوڭى ئالىي مەكتەپتە، ئوتتۇرانچىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، كەنجىسى يەسلىدە ئوقۇيدىكەن. ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى ئوغلۇم بىلەن تەڭ ياشتا بولۇپ، ئىككىسى بەكلا چىقىشىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز قوشماقلىشىپ تۇققان بولغاندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىردەك بولۇپ قالدۇق. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ھالىدىن چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىشىم كېرەك.

لىياڭ يىڭ دائىم ئوغلىنى ئېلىپ بىرلىكتە مەمەتجان غوجائابدۇللانى كۆرگىلى بارىدۇ. ھەپتە ئاخىرىدا، لياڭ يىڭ مەمەتجان غوجائابدۇللانى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ئوغلى بىلەن ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە تەڭ يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مەمەتجان غوجائابدۇللامۇ لىياڭ يىڭنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:- مەن لىياڭ يىڭ ئاپامنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ھەر ھەپتىدە ئۆيىمىزگە كەلگەندە ماڭا مەن يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە مېنىڭ كىيىملىرىمنى يۇيۇشۇمغا ياردەملىشىپ، مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.

مەمەتجان غوجائابدۇللانىڭ ئاكىسى ئەرشىدىن غوجائابدۇللا مۇنداق دېدى:- مەن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيمەن. ئۆيۈم بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەر يىراق بولغاچقا، لىياڭ يىڭ ھەدەم مېنى ماشىنىسى ئارقىلىق مەكتىپىمگە ئاپىرىپ قويۇپلا قالماي ماڭا يەنە تۇرمۇش خىراجىتى بېرىدۇ. ئۇ يەنە ھەر ھەپتىدە ئىنىم ئىككىمىزنى بازارغا ئېلىپ بېرىپ بىزگە نۇرغۇن تاماق ۋە نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ.

يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لياڭ يىڭ چىن دىل ۋە ھەقىقىي سەمىمىيىتى ئارقىلىق بۇ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى. بۇ ئىككى ئائىلىلىمۇ ھەقىقىي بىر ئائىلە كشىلىرىگە ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بىز بىر- بىرىمىزنىڭ ھالىگە يېتىش، بىر-بىرىمىزگە ياردەملىشىش ئارقىلىق مىللەتلەر گۈلىنىڭ داۋاملىق پۇرەكلەپ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى