قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«كۆڭۈلدىكىدەك يول»

2018-05-16 16:58:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاراڭ- چۇرۇڭغا تولغان يولۇچىلار بېكىتى، مەن كۈچەپ ئاپتۇبۇس ئۈستىگە چىقتىم- دە، قولۇمدىكى يوتقان- كۆرپىلەرنى يۈكتاق جازىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. ئاندىن، يەنە ئاپتۇبۇس ئىچىگە قىستىلىپ كىردىم. ئۆتۈدىغان يولمۇ ئادەملەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئاران دېگەندە ئەڭ ئاخىرقى رەتكە بېرىپ، ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم. بېلەتنى ئۈچ كۈن بۇرۇن ئالغان ئىدىم. ئورنۇم سەل ئارقىدىراق بولسىمۇ، لېكىن، ئولتۇرىدىغان جايىم بار ئىدى. ئورۇن يوق ئۆرە تۇرىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا مەن يەنىلا تەلەيلىك ئىدىم. بېلەت ساتقۇچىنىڭ ئاۋازىمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، ئادەملەرنى، پۇلنى سانايتتى.

ئاپتۇبۇس قوزغالدى. بۇ بورتالادىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ئاپتۇبۇس بولۇپ، كۈندە بىر قېتىم قاتنايتتى. بېكەت بىر قاتار كېسەكلىك ئۆيلەر بولۇپ، سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن تامنىڭ سىرتىغا بىر نەچچە تاختاي مىخلاپ ئۈستىگە بېكەت نامى يېزىلغان ئىدى. ئۇزاق يىل ئاپتاپتا تۇرغاچقا تاختاي يېرىلىپ كەتكەن، يىراقتىن قارىسا، بېكەت ناملىرى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، ھەپشىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

مەن قوينۇمدىن ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ يەنە بىر قېتىم تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. خاتا ئەمەس، بۇ مېنىڭ ئىسمىم. قىپ- قىزىل تامغا شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى مەكتىپىنىڭ نامى ئۈستىدە چاقناپ تۇرۇپتۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى: 1985- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى. ئۆزۈمنىڭ 18 ياشلىق تەقدىرىمنىڭ قولۇمدىكى بۇ قەغەزگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم، ئۇ چاغدا كەيپيياتىم بەكلا ياخشى بولغاچقا، 9- ئايدىكى قۇياش نۇرى بىلەن خۇشال كەيپىياتىم بىرلىشىپ، ئاپتوبۇسنىڭ كونا ۋە مەينەتلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنىدىم.

دۆلەت يولى 312 لىنىيەسىگە كىرگەندىن كېيىن ئاپتۇبۇس قاتتىق چايقىلىشقا باشلىدى، تېنىمىز خۇددى شامالدا ئۇچۇۋاتقان بۇغداي دانچىلىرىدەك بىردە كۆتۈرۈلۈپ بىر چۈشەتتۇق، ئاپتۇبۇستىكى ئادەملەر توختىماي چىقىرايتتى. پەقەت شوپۇرلا تەمكىن بولۇپ، بەزىدە بېشىنى كەينىگە بۇراپ: بولدى ۋاقىرىماڭلار، يولنىڭ ناچارلىقى، بۇ ئەبجەخ ئاپتۇبۇس بىلەن ئۈرۈمچىگە ساق- سالامەت بېرىۋالساقلا خۇشال بولساق بولىدۇ» دەيتتى.

قۇياش نۇرى تېرىنى چاقاتتى. ئەينەككە چاپلاپ قويۇلغان گېزىتمۇ قۇياش نۇرىنى توسۇپ قالالمايتتى. دىمىق ئىسسىق بىلەن تەر پۇرىقى بىرلىشىپ، ئەتراپنى بىر ئالغان ئىدى. توختىماي قۇيۇلىۋاتقان تەر يۈزدىن، بويۇنلاردىن ئېقىپ چۈشۈپ، دۈمبىلەرنى ھۆل قىلۋاتقان ئىدى. بالىلارنىڭ چىقىراپ يىغلىغان ئاۋازى، ياشانغان كىشىلەرنىڭ يۆتىلىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاپتوبۇس خۇددى پارتلاتقۇچ بومبا بىلەن ھۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئۇرۇش كىنولىرىدىكى ئاپتوبۇسلارغا ئوخشاش، چاقلىرىمۇ ئېگىز- پەس يولدا قاڭقىپ كېتىپ باراتتى.

بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆيدىن چىقىشىم ئىدى. ئون نەچچە سائەتلىك يولدا پەقەت ئىككى ئىشنى قىلىۋاتاتتىم، بىرى تەر سۈرتۈش ۋە كېيىنكى قېتىم تەر سۈرتۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش. يەنە بىرى، قاڭقىش ۋە قايتا قاڭقىشقا كۆڭۈلدە تەييارلىق قىلىش.

قەلبىمدە ھىس قىلغان گۈزەللىكلەر دەسلەپتە قاڭقىپ كېيىن پۇراقنىڭ دەستىدىن پۈتۈنلەي يوقالدى. ھالىمىزدىن كېتەي دېگەندە ئاپتۇبۇس ئاخىرى بىر ئاپتوموبىل توختاش مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. ھە نىمە بولسا ئاخىرى كەپتۇقتە، شوپۇر ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ تەرىنى ئېيتقان لۆڭگە بىلەن ئۈستى بېشىنى ئېيتتىدە، يۇقۇرى ئاۋازدا: «بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونۇپ قالىمىز، ئەتە سائەت توققۇزدا يولغا چىقىمىز» دىدى.

ئەتىسى سەھەردە شوپۇر رۇكوياتكا بىلەن ئاپتۇبۇسنى ئوتئالدۇرمەن دەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ، ئاپتۇبۇستا ھىچ قانداق ئىنكاس بولمىدى. ئۇ يەنە ئاپتۇبۇستىكى بىر قانچە تەمبەل ئەرلەرنى ياردەمگە چاقىردى يېرىم سائەتلەر ھەپىلەشكەندىن كېيىن ئاپتۇبۇس ئاخىر تەستە ئوت ئالدى. ماتور ئاۋازى بەئەينى زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئېغىر كېسلەدەك چىقاتتى. ئۇنىڭ يەنە ئۆچۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شوپۇر توختىماي سىگنال بەردى. كىشىلەر بىر- بىرلەپ ئاپتۇبۇسقا چىقىشقا باشلىدى. بېلەت ساتقۇچى ئادەم توشتى دىيىشىگە ئاپتوبۇسنى قوزغىدى، تۈنۈگۈنكى جەريانلار يەنە قايتىلاندى.

تۆت سائەتلىك ئازاپلىق كەچۈرمىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى نىيەنزىگو بېكىتىگە كەلدۈق، يەنە مىڭ بىر جاپادا مەكتەپنى تاپتىم. مەكتەپتە پەقەت ئوچ- تۆتلا ئىمارەت، كۆمۈر ئۇۋىقى يېيىتىلغان بىر تەنتەربىيە مەيدانى بار ئىدى. ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكىدىن شەرققە نەزەر سالسا، ياۋا ئوت چۆپلەر بىلەن قاپلانغان قاقاس سايلىق كۆرۈنەتتى. ئېگىز- پەس دۆڭلۈكلەردە چوڭ- كىچىك قەۋرىلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ياتاققا ئەڭ يېقىنلىرى يۈز مېتىرغا يەتمەيتتى. ئۇقۇغۇچىلار چەت- ياقا يېزىلاردىن ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ، بىر ساقچى بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، قەلبى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان مىننەتدارلىق ھىسسياتىغا چۆمگەن ئىدى. بۇنداق ئۆگىنىش مۇھىتى ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلىپ كەتمەيتتى.

بىرىنجى سائەتلىك دەرس تەنتەربىيە دەرىسى بولۇپ، مۇئەللىم: «سىلەر كەلگۈسىدە قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار، شۇڭا ساغلام بەدەن بولۇشتىن سىرت يەنە قورقماس روھىڭلار بولىشى كېرەك. بۈگۈنكى دەرس تاغقا يامىشىش» دېدى، قولى بىلەن شەرق تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. «قېنى كىم ئالدى بىلەن شەرقتىكى تاغ چوڭققىسىغا چىقالايدىكىن، ئالدىنقى ئون نەپەر مۇنەۋۋەر، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەپەر ياخشى، ئاخىرىدىكى بەشەيلەن لاياقەتسىز. ئۇنىڭ سۆزى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشغا ساۋاقداشلار توپ- توپ بولۇشۇپ تاغقا ياماشتى. ئەسلىدە جىمجىت شەرقىي تاغ، بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى.

ئۇچ يىللىق چېنىقىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك مەيلى خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، تەمكىن ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى. ئۇلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانۇنچىلىق سېپىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

25 يىلدىن كېيىن مەن بورتالادىن ئۈرۈمچىگە خىزمەتكە باردىم. يەنىلا تومۇز ئىسسىق ياز كۈنى، يەنىلا شۇ بېكەت. لېكىن ھەممە نەرسە ئۆزگۈرگەن، ئاپتۇبۇس كۈتۈش ئۆيى ئازادە، يورۇق بولۇپ، ئورۇندۇقلىرى يۇمشاق، راھەت ئىدى. LED لىق چوڭ ئېكراندا يەر نامى ۋە بېكەتلەر ئىنىق كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. مۇلازىمنىڭ ئاۋازى يېقىملىق ۋە ياڭراق بولۇپ، «بېنز» ماركىلىق چوڭ ئاپتوبۇس ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم قاتناپ تۇرىدىكەن. ئاپتۇبۇسقا چىقتىم، ئورۇندۇقلىرى رەتلىك، پاكىزە، ئازادە بولۇپ، ھاۋا سالقىن، خۇشپۇراقلىق ئىدى. ئاپتۇبۇس مېڭىۋاتقان ۋاقتىدىمۇ خۇددى ئۆيدىكى سافادا ئولتۇرغاندەك راھەت بىلىنەتتى. كەڭرى كەتكەن ئاسفالىت يوللار تۈپ- تۈز، ئاسمانغا تۇتىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.

ئاپتۇبۇس گاۋچۈەندىن ئۆتكەندە تۇيۇقسىز يىراقتىن بىر رەت كونا كېسەكلىك ئۆيلەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئۆيلەر يېڭى سېلىنغان بىنالارنىڭ يېنىدا بېلىنى ئېگىپ تۇراتتى. ئالىچىپار تامدا «تەملىك ئاشخانا» دېگەن خەتلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەينى يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ماڭغان چېغىمدا بۇ يەردىن ئۆتكىنىم، بۇ ئاشخانىدا تاماق يىگىنىمنى ئەسكە ئالدىم. توساتتىن خۇددى نەچچە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم.

كىشىلەرنىڭ يولغا بولغان بەخت تۇيغۇسى ئۇنىڭ تېز ۋە راۋانلىقىغا قارىتىلىدۇ. ئوخشاش بىر يول، بۇ يەردە بولغان ئۆزگۈرۈشلەر بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ تېز بولغان.

«تاماق يەڭلار» بېلەت ساتقۇچىنىڭ ياڭراق ئاۋازى مېنى ئۆتمۈش يىللاردىن قايتۇرۇپ كەلدى. ھەر بىر ئادەمگە بىر قاچا پولو، ھازىرلا ئىسسىقلىق ساقلاش ئىشكابىدىن ئېلىپ چىققان بولۇپ، يەنىلا ئىسسىق تۇراتتى. تاماقتىن كېيىن ئازراق ئۇخلىۋالدىم. بۇ چاغدا ئاپتۇبۇس نىيەنزىگو بېكەتكە كېلىپ بولغان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت ئالتە سائەتلا ۋاقىت كەتكەنىدى.

شەنبە كۈنى مەكتەپكە بېرىپ كۆرۈپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم. ئەينى يىللىرى تىككەن سۆگەتلەر ئۆسۈپ ئېگىز بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ تۆت ئەتراپقا قاراپ مەكتەپنىڭ قارىسىنىمۇ تاپالمىدىم. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دۆڭلۈك، شەرق تاغدىكى قەۋرىستانلىق نەگە كەتكەندۇ؟ بىرتاللا يولى بار مەكتەپ قورۇسى نەگە كەتكەندۇ؟ بېكەت نامىدىن باشقا كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىلەر خاتىرەمدىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايۋاتاتتى. تۆت ئەتراپقا تۇتاشقان يوللار، قەد كۆتۈرگەن ئېگىز ئولتۇراق ئۆيلەر، پاكار مەكتەپ تېمى، دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھلار بىلەن ئورالغان. ئاخىرى دەرەخلەر ئارىسىدا توسۇلۇپ قالغان مەكتەپ نامى يىزىلغان تاختىنى تاپتىم. ئاخىرى خاتىرجەم بولدۇم. مەكتەپ يەنە بار ئىكەن.

ئەينى يىللاردا بىز تىككەن كۆچەتلەر ئاللىقاچان بۈككىدە ئورمانلىققا ئايلانغان بولۇپ، دەرەخلەرگە ئادەملەرنىڭ غۇلىچى يەتمەيتتى. مەكتەپ قورۇسى پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتكەن، ئورمان بىلەن قاپلانغان چىغىر يول، شىپاڭلار جىمجىت ۋە رومانتىك كۆرۈنەتتى. ئوقۇتۇش بىناسى، تەنتەربىيە مەيدانى ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. ئەينى يىللىرى كۆمۈر ئۇۋىندىلىرى يېيىتىلغان يۈگۈرۈش مەيدانى ھازىر رەتلىك، كەڭ ئازادە بولۇپ، ياپ يېشىل كاۋچۈك يېيىتىلغان ئىدى.

بېشىمنى كۆتۈرۈپ شەرققە قارىدىم، ئەينى يىللاردىكى قەۋرىلەرنىڭ ئورنىنى ئاللىبۇرۇن ياپ- يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئىگىلىگەن بولۇپ، ھەممە يەر بۈك باراقسان كۆرۈنەتتى. ئاران يىگىرمە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغان ئىدى.

مەن دەرەخلەرنى ئاستا سىلىدىم، خۇددى ئون سەككىز ياشتىكى خاتىرەمنى تاپقاندەك بولدۇم. بۇ دەرەخزارلىقتا ئوقۇغان شېئىرلار تېخى يوقاپ كەتكىنى يوق. ئۇنى ھەر بىر يوپۇرماق ساقلاپ قويغان. كۈز يامغۇرى ۋە قار بۇ شېئىرلارغا ئوزۇقلۇق ئاتا قىلغان. ئۇنى يىلتىزدا ساقلىغان. ھەر يىلى باھاردا ئۇلار ئاستا ئۆسۈپ چىقىپ، بىخ بولۇپ يېتىلگەن.

خىياللار بىلەن ئاپامنىڭ تېلېفونىنى ئالدىم. يەتمىش بەش ياشقا كىرگەن بۇ موماي جاراڭلىق ئاۋازدا ماڭا، ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ پۈتكەنلىكىنى كەنتتىن شەھەر رايونىغا پەقەت يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدىغانلىقى، ئەمىن ئۆيلەرنىڭمۇ پۈتۈشكە ئاز قالغانلىقى، كېيىنكى ئايدا كۆچۈپ كىرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ تۇرمۇشتىكى ئۆزگۈرۈشنىڭ بۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇخلاپمۇ چۈشىگە كىرمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئاپام شات كۈلكىسى بىلەن ئۆزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلۋاتقان ئىدى.

ئون يىل ئىلگىرى كەنتتە ئاسفالىت يول ياسالدى. بەش يىل ئالدىدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىندى. ھازىر يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولمۇ پۈتۈپتۇ. يېڭى بىنالارمۇ پۈتۈش ئالدىدا ئىكەن. تۇرمۇشتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدىغان، ھىس قىلغىلى بولىدىغان بولدى. قەلبدىكى ئىنتىلىشلەرنىڭ نىشانى، مەقسىتى بولدى.

بىر يولنىڭ ئۆزگۈرىشىنى كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە قىلغان، تۇرمۇشنى ياخشى يولغا يېتەكلىگىنى بىز قەتئى تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغان ئاشۇ يول، جۇڭگو خەلقى ئېتىراپ قىلغان، چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان جۇڭگو يولى. يولنىڭ توغرىلىقى خەلقنىڭ بەختى. دۆلەتنىڭ ئاساسى. ئۇ مىليونلىغان ئائىلىلەرنى باغلاپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى