قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېكىست «بىر جۇڭگولۇق بالىنىڭ خىتابى»

2018-05-16 17:07:59     新疆电视台   

ھۆرمەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى غالى ئەپەندى:

ياخشىمۇ سىز،

بىز گەرچە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ، مەن ۋە ئانام سىزنىڭ سالىمىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئىككى يىل ئىلگىرى مېنىڭ قەدىرلىك دادام بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي تەكشۈرۈش خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. سىز ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقۇرى باھا بېرىپ، ئۇنى «بىر قابىلىيەتلىك تەكشۇرۇش خادىمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېنچلىقنى ساقلاش ھەركىتىدە ئىنسانپەرۋەر روھى ۋە يۇقۇرى ساپاسىنى نامايان قىلدى» دەپ ماختىغان ئىكەنسىز. شۇ سەۋەپلىك ئانام ئىكىمىز سىزگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز.

ئىككى يىلدىن بۇيان پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر قېرىنداشتىن ئايرىلىپ قېلىشتەك قاتتىق ئازاپنى بېشىمىزدىن كەچۈردۇق. مەن ھازىرغىچە دادامنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش ئالدىدا مەن ۋە ئانامغا قارىغان چاغدىكى مېھىرلىك كۆزلىرىنى ئۇنتالمايمەن. ئۇ ماڭا: «بالام، قايتىپ كەلگەندە ساڭا چوقۇم «كۆك قالپاق» سوغا قىلىمەن» دېگەن ئىدى. مەن دادام بىلەن ئۇ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە ئەڭ چىرايلىق گۈللەرنى ئېلىپ ئۇنى ئالغىلى چىقىشقا ۋەدىلەشكەن ئىدىم. ھازىر، بۇ كۆك قالپاق قايتىپ كەلدى، لېكىن ئۇ دادامنىڭ جەسەت ساندۇقىغا مىخلىنىپ قايتىپ كەلدى. بىز ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىپ، گۈلنى كۆتۈرۈپ بارغىنىمىزدا كۆرگىنىمىز دادامنىڭ دۆلەت بايرىغى يېپىلغان جەسىتى بولدى. دادامنىڭ كىيىمى ئىسسق قان بىلەن بويۇلۇپتۇ، قول بېغىشىدىكى سائىتىگە قان قېتىپ قاپتۇ. دادامنىڭ ئاغزى خۇددى بىر نەرسە دىمەكچى بولغاندەك ئېچىقلىق تۇرۇپتۇ. ھە، مەن ئاڭلىدىم، ئاناممۇ ئاڭلىدى. مەيداندىكى تاغا، ھەدىلىرىممۇ ئاڭلىدى. پۈتۈن دۇنيا ئاڭلىدى. ئۇ: «تېنچلىق، تېنچلىق، تېنچلىق» دەپ چاقىرىق قىلىۋېتىپتۇ.

مېنىڭ دادام 4 دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىدىغان كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىسادشۇناسلىق ماگىستىرى ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ئىنسانلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشالايتتى. لېكىن، رەھىمسىز ئۇرۇش ئۇنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆلىمى شەرەپلىك، ئۇ تېنچلىق ئۈچۈن يىقىلدى، ئۇ دۇنيا تېنچلىقنى قوغدايدىغان مۇقەددەس جايغا يىقىلدى. بۈگۈن مەن دادامغا ئەڭ چىرايلىق بىر دەستە گۈلنى سوغا قىلىمەن. چۈنكى، ئۇ دۇنيا تېنچلىقىنى قوغدىغان بىر شەرەپلىك جەڭچى.

51 يىل ئىلگىرى، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ھاياتى ۋە قېنى بەدلىگە فاشىزىمغا قارىش كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. لېكىن 51 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە تېنچلىق تېخى ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مەڭگۈلۈك ئورۇن تۇتقىنى يوق.

بۈگۈن بىز جۇڭگو بالىلىرى گەرچە تېنچ مۇھىتتا ياشاۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن دۇنيا تېخى تېنچ ئەمەس، نۇرغۇلىغان جايلاردا يەنە ئۇرۇشنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى يامراپ تۇرماقتا، رەزىل ئوقلار يەنە يۈمران تېنچلىق گۈللىرىگە تەھدىت سالماقتا. بىز چوقۇم دادامغا ئوخشاش تېنچلىقنى سۆيىمىز، باتۇرلۇق بىلەن ھاياتىمىز ئارقىلىق تېنچلىقنى قوغدايمىز.

ھۆرمەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى غالى ئەپەندى، بۇ يەردە مەن مېنىڭ ئائىلەم، بارلىق جۇڭگو بالىلىرىغا ۋاكالىتەن، سىز ئارقىلىق، خەلقارا جەمىيەتكە چاقىرىق قىلىمىز. «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، بىزگە ئۇرۇش ئەمەس، تېنچىلىق كېرەك»، ئانىنىڭ ئەمدى پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، خوتۇنىنىڭ ئېرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، بالىنىڭ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيا بىرلىكتە ھەركەتلىنىشى كېرەك. تېنچىلىقنى قوغداپ، ئۇرۇشنى توسايلى! بىزگە قەدەملىرى ئاڭلىنىپ كېلىۋاتقان 21 ئەسىر ئۇرۇش ئۈچۈن ماتەم قوڭغۇرىقى چالسۇن، ئەتىكى دۇنيا ھەقىقى تۈردە قۇياش نۇرى، خۇشپۇراق گۈللەر ۋە مۇھەببەتكە تولغان ماكانغا ئايلانسۇن.

سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

دادىسىدىن ئايرىلغان بىر بالىدىن.

1996- يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى