قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«تاغ ئارىسىدىكى ئۈزۈم»

2018-05-16 17:08:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باشقىلاردىن ئارپا بازىرىنىڭ پۇلۇڭغا يۆتكەلگەنلىكى، يەنە تېخى كەڭ كۆلەمدە ئۈزۈم تىكىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بىر ئىشىنىپ بىر ئىشكەنمەي بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. مەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى بىر قانچەيلەننى باشلاپ پۇلۇڭغا باردۇق. ماشىنا تېخى پۇلۇڭغا كەلمەي تۇرۇپلا، لۈجىجىياڭ دەرياسىنى بويلاپ سوزۇلغان رەت- رەت، ئۆلچەملىك ئاق جازىلىق يەرلەر بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزگە كىردى.

ـــ ئاۋۇ نىمە؟ ھەجەپ چىرايلىقكەنا، كەشتىگىلا ئوخشايدىكەن،ـــ سورىدى كەسپداشلىرىم.

ــ ئۇزۇمزارلىقمۇ نىمە؟ ــ ئاغزىمدا شۇنداق دېگىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە جەزىم قىلالمايۋاتاتتىم.

ماشىنا يېقىنلاشقاندا، ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۈزۈمزارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. سانسىز تاللار ئوسۈۋاتاتتى.

بۇ چەت جايدىكى تاغدا بۇنچە كۆپ ئۈزۈم تاللىرىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئايرىلغۇسى كەلمەي قالدى.

مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇرۇن بىزنىڭ يۈننەندىكى تاغلار ئارىسىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈلمەيتتى. يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۈزۈمگە بولغان تونۇشىمۇ داڭلىق مىۋە، ياكى داڭلىق ئۈزۈم ھارىقى ئەمەس، بەلكى بۇ تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل ياۋا ئۈزۈمدىن كەلگەن ئىدى.

ئۇنداق ياۋا ئۈزۈم يوپۇرماق تاشلايدىغان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، كۈزدە بىخ سۈرۈپ يۇپۇرماق چىقىرىدۇ، ئاندىن چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ، يازدا مىۋىسىنى يىيەلەيسىز، لېكىن بۇ خىل ئۈزۈم، ھازىر بىز بازارغا ياكى تاللا بازىرىدا كۆرگەن ئۈزۈمگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ دانىسى كىچىك بولىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق ، يەنە ئازراق قىرتاق تەمى بار. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، يەر تاللىمايدۇ، ئۇ خۇددى چىرايلىق ۋە شوخ ئوماق يىزۇ قىزلىرىدەك، تاغنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئەدەبىيات كىتابىدىن ئۈزۈمنى تونىغان. لېكىن ئۇ چاغلاردا مېنىڭ خاتىرەمدىكى ئۈزۈم يۇرتۇمدىكى تاغ باغرىدا ئۆسىدىغان ئەشۇ ياۋا ئۈزۈملەر ئىدى. كېيىن شەھەردىكى سىفەن مەكتەپكە ئوقۇشقا باردىم. ئۇ يەردە ھەم چوڭ ھەم سۇلۇق ئۈزۈمنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ، قىزىل، سۈزۈك ئۈزۈمنى يەپ، ئىلگىرىكى ئۈزۈمگە بولغان تونۇشۈمنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

كېيىن بىزنىڭ ناھىيە بازىرىمىزدىمۇ ئۈزۈم ساتىدىغانلار پەيدا بولدى. لېكىن ئاڭلىساق بۇ ئۈزۈملەرنى باشقا جايدىن يۆتكەپ كېلىدىكەن. باھاسىنىڭ قىممەت بولغىنىنى ئاز دەپ، يىگەن چېغىڭىزدا ئاللىبۇرۇن سۈيى تۈگەپ، قۇرۇق ئۈزۈمگە ئوخشاپ قالاتتى. بىر قانچە يىللار ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە ئوقۇغان بىرى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، قورۇسىدا ئۈزۈم تىكىپتۇ. ئۇ ئايالى بىلەن يېڭى ۋە سۈزۈك ئۈزۈملەرنى بازارغا ئاپىرىپ ساتقان ئىدى. بىز ھەممىمىز ئالدۇق.

مانا ئەمدى بۇ چەت تاغلىق رايوندىكى ئۈزۈملەر مېنى ھەيران قالدۇردى. دامەيدى بازىرىنىڭ يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورنى پۇلۇڭدا بولۇپ، ئۇ لۈجىياڭ دەرياسىنىڭ بويىدا ئىدى. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، يېرى مۇنبەت. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا سىغىمى ناھايىتى چوڭ بولغان سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇپ، سۇ ئىشلىرى شارائىتى ياخشىلانغاچقا، بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە ئۈزۈم بازىسى بۇ يەردە ماكانلاشتى. بۇ تاغلىق رايوندا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىندى.

دامەيدى بازىرىدىكى كادىر ۋە ئامما بىزگە مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: «ئىلگىرى دامەيدى بازىرىنىڭ تەبىئى شارائىتى ناچار، كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەسى قالاق بولغاچقا ئامما ئۈمىتنى ئۈزگەن. ھازىر ئەھۋال ئۆزگۈرۈپتۇ. ياش رەھبەلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيىسى ئازات، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالىغاچقا،ئۇلار ئۇنىۋېرسال ئېچىش ۋە يەر ئوبوروتىنى يولغا قويۇپ، ئۈزۈملەر تېخى پىشماي تۇرۇپلا دېھقانلار نەپكە ئېرىشىپتۇ. بۇ ئۈزۈمزارلىققا قاراپ دېھقانلارنىڭ قەلبى شادلىققا تولۇپتۇ».

بازاردىكى رەھبەرلەر بىزنى باشلاپ ئۈزۈمزارلىقنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. ئۇلار تونۇشتۇرۇپ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئون تۆت يېزا -ئىگىلىك كارخانىسى كىرگۈزۈپ، 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلدۈق، ئون مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە قىزىل ئۈزۈم تېرىدۇق، ھەر يىلى 60 مىڭ توننا سۈپەتلىك ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى. ئالاھىدە كۈن نۇرى، تۇپراق، كېلىمات شارائىتى بولغاچقا دامەيدى بازىرىنىڭ ئۈزۈملىرى تاتلىق، سورتى ئەلا بولۇپ، باشقا جايلارنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. ئۇ مەملىكەت ئىچىدە ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان ئۈزۈم بولۇپ، ھەر يىلى يېڭى يىلدىلا بازارغا سالغىلى بولىدىكەن.

بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەر ئىكەن. تاغ ئىچىگە ئۈزۈم ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن، كۆلىمىمۇ كىچىك ئەمەسكەن. كىشىلەرنىڭ خۇشال ھالدا ئۈزۈم شاخلىرىنى پۈتاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نەچچە ئەۋلات نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلغان بۇ كىشىلەر ئۈچۈن شادلاندىم.

ئېكىسكۇرسىيە ئاياغلاشقاندا بىر قانچە باغۋەن بىزگە: «ئۈزۈمزارلىق پۈتۈنلەي قۇرۇلۇپ بولغاندا، يەنە بىر ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتى قۇرىمىز. شۇ چاغدا سىلەرنى ھاراقنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېدى. بىز كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتۇق، بۇ چاغدا بىز بۇ تاغدا تەملىك ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى