قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ يىل 6 مىڭ 600 يۈرۈشتىن كۆپرەك خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيى سېلىشنى پىلانلىدى

2018-05-16 17:13:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئۇششاقتېرەك كەنتى 1- گۇرۇپپىدىكى دېھقان ئەخمەت سەمەتنىڭ قورۇسىدا خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنىۋاتقان ئىدى، ئىشچىلار ئۆي سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قۇرۇلۇش ئورنىدا بىر قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرىسى چىقىپ تۇراتتى.

دېھقان ئەخمەت سەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشىكەن، ھۆكۈمەت ماڭا ياردەم قىلىپ خىزمەت تېپىپ بېرىپلا قالماي، يەنە تېخى يېڭى ئۆيمۇ سېلىپ بەردى. 2007- يىلى بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسى تۈپەيلىدىن پۇتۇم مېيىپ بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي مەنبەيىم ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇلتۇر 11- ئايدا، مەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يېزا كادىرلىرى ماڭا ياردەم قىلىپ 10 مىڭ يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈر مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلىپ بەردى. يەنە ماڭا ياردەم قىلىپ خىزمەت تېپىپ بەردى، ھازىر مېنىڭ ئايلىق كىرىمىم 2 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىدۇ. ھازىر مەن 10 مىڭ يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى يېزىدىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشتۇم، شۇنداق بولغاندا ھەر يىلى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 1 مىڭ 400 يۈەن پايدا ئالالايمەن.

خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي سىياسىتى بويىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 2 سىگە 40 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي ھەقسىز سېلىپ بېرىلدى. دېھقان ئەخمەت سەمەت بۇ سىياسەتكە ئۇيغۇن كەلدى. ئۇنىڭغا ئۇششاقتېرەك كەنتىنىڭ كەنت كوللېكتىپ كىرىمىدىن باشقا يەنە ئەخمەت سەمەتكە 13 مىڭ 500 يۈەن ياردەم بېرىلدى، بۇ پۇللارنى قوشقاندا ئۇنىڭغا 60 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي سېلىپ بەرسە بولىدىغان بولدى. ھازىرقى قۇرۇلۇش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، دېھقان ئەخمەت سەمەت مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلەيدۇ. ئاۋات يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياسىنجان ئابلا مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزىمىز 2012- يىلىدىن باشلاپلا خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيى سېلىشنى يولغا قويغان، ھازىر 1 مىڭ 987 يۈرۈش خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيى سېلىپ بولدۇق. بۇ يىل 120 يۈرۈش خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيى سېلىشنى پىلانلىغانتۇق، ھازىرغىچە 55 يۈرۈش خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى.

خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ئىشلاشنى كۆپرەك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى غەم- ئەندىشىلەرنى كۆپرەك تۈگىتىش كېرەك. بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 6 مىڭ 600 يۈرۈشتىن كۆپرەك خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيى سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھازىر 600 يۈرۈشتىن كۆپرەك خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان.

بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 2004- يىلىدىن باشلاپ، «ئىككى تۈرلۈك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى» نى باشلىغان. بۇ يىل 3- ئايغىچە، سېلىنىپ بولغان كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي 204 مىڭ 400 يۈرۈشكە، نەپ يەتكۈزۈلگەن شەھەر- بازار ئاھالىسى 423 مىڭغا، سېلىنىپ بولغان يېزا ئەمىن ئۆيى 103 مىڭ يۈرۈشكە، نەپ يەتكۈزۈلگەن دېھقان- چارۋىچى 400 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى