قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇچۇڭ ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى

2018-05-16 17:13:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى شىبېيۋەن بازىرىنىڭ ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى دېھقان جۇ جيا ئۆزىنىڭ بۇغدايلىقىدا بۇغدايغا ئورگانىك ئوغۇت بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. جۇ جيا مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر باشقا دېھقانلارنىڭ يېشىل، ئورگانىك، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ.

بۇ يىل، جۇ جيا 3 مىڭ مودىن كۆپرەك يەرگە ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىدى. تېرىلغان كۆلەم كۆپ، سۈپەت ياخشى بولغانلىقتىن ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى بالدۇرلا جۇ جيا بىلەن بۇغداي سېتىۋېلىش- سېتىش توختىمى ئىمزالىدى ھەمدە سېتىۋېلىش باھاسىمۇ يۇقىرى بولدى، بۇ جۇ جيانى تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى نىشانىغا ئىگە قىلدى.

گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «تيەنخۇي» يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاڭ دوڭ مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېددى: 2015- يىلى، مىڭ مو يەرگە ئورگانىك بۇغداينى سىناق تەرىقىسىدە تېرىغان ئىدۇق، ئۇ چاغدا ھەر كىلوگرام بۇغداينىڭ سېتىلىش باھاسى بىر يۈەن بولۇپ، ئۈنۈمى ياخشى بولدى. 2016- يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز مەبلەغ سېلىپ ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى قۇردى، ئورگانىك ئۇننىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا ئەگشىپ، ئورگانىك بۇغداينىڭ سېتىلىش باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ نەچچە قاتلاندى. بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز يەنە ئورگانىك بۇغداي تېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 60 مىڭ يەرنى ھۆددىگە ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئورگانىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 6 مىڭ موغا يەتتى. شىنجاڭ «تيەنخۇي» يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاڭ دوڭ مۇخبىرغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېددى: ھازىر «گۇچۇڭ ئۇنى» داڭلىق ماركىسى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلاپ، تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالماي قالدى، كېلەر يىلى بىز ئورگانىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز.

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ناھىيەسى بولغان گۇچۇڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق زورايتىپ، ئورگانىك ۋە ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا سۈپەت ۋە دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى بىر مىليون مودىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورگانىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىڭ موغا يەتكەن. باشقا بۇغدايلارغا «شىندۇڭ 22- نومۇرلۇق» سورتى، «شىندۇڭ 18- نومۇرلۇق» سورتى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتى ئاساس قىلىنغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى