قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى باغ- ئورمان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-05-16 17:14:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرىنىڭ يەڭگەبويى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق جېلىل ئەمەت بۇ بىر نەچچە كۈندە ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كۈندە ياڭاقلىق بېغىغا باراتتى. ئەسلىدە جېلىلنى خۇشال قىلىپ ھاياجانغا سالغان ئىش بولسا، يېقىندا ياڭاقلىق ئارىسىغا تېرىغان قارا قېرىنقۇلاقنىڭ زەمبۇرۇغ چىقارغانلىقى ئىدى. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا، تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئۇ 3 مو ياڭاقلىق ئارىسىغا 3 مىڭ تال قارا قېرىنقۇلاق زەمبۇرۇغ تاياقچىسى تېرىغان ئىدى. بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى، جېلىل ئەمەت ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا ياڭاقلىقىغا كېلىپ، دەرەخ ئاستىغا رەتلىك تىزىلغان قارا قېرىنقۇلاقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىنچىكلىك بىلەن تەكشۈردى ھەمدە زەمبۇرۇغ خالتىسىنىڭ ئۈستىگە ئۈنگەن قارا قوڭۇر رەڭلىك كىچىك گۈلنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇشال بولدى. جېلىل ئەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ جېجياڭدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن «ئالتۇن تەدبىرى». كەنتىمىزدە بۇلتۇر قارا قېرىنقۇلاقنى ياڭاق دەرىخىنىڭ ئاستىغا تىكىپ پەرۋىش قىلىۋىدۇق ئۇزاق ئۆتمەيلا چېچەكلەشكە باشلىدى.

بىر مو ياڭاقلىق ئاستىغا تېرىغان قارا قېرىنقۇلاقتىنلا 8 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن.

ئۇزۇندىن بۇيانقى، ياڭاقلىق ئارىسىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىمۇ ئاخىرى ھەل بولدى. بىر مو يەردىن ھازىر دېھقانلار قوش كىرىم قىلالايدۇ. بۇنداق ياخشى ئىش دېھقانلارغا تازا ياقتى. بۇ يىلدىن باشلاپ يەڭگەبويى كەنتىدىكى 365 نامرات ئائىلە جېلىل ئەمەتكە ئوخشاش ئورمانلىق ئارىسىدا قاراقېرىنقۇلاق ئۆستۈرۈشكە باشلىدى.

ئەمەلىيەتتە يەڭگەبويى كەنتىدىكى دېھقانلارنى ئورمانلىق ئارىسىغا قارا قېرىنقۇلاق تېرىشقا يېتەكلەش ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ كارتىنىسى ھېسابلىنىدۇ.

ھازىرغا قەدەر، ئونسۇ ناھىيەسى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەركەزلىك يېتىشتۈرۈش، زەمبۇرۇغ تارقىتىش، دېھقان ئائىلىلىرى تارقاق يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر تۇتاش سېتىۋېلىپ سېتىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ناھىيە بويىچە ئەمگەك ئىقتىدارى بار، قارا قېرىنقۇلاق تېرىش ئارزۇسى بار 300 نامرات ئائىلىگە 300 مىڭ تال قارا قېرىنقۇلاق زەمبۇرۇغ تاياقچىسى تارقىتىپ بەردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە نامرات ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەم تېرىقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەخسۇس تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، قېرىنقۇلاقلارنى يىغىۋېلىپ جېجياڭغا ئاپىرىپ ساتماقچى بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئونسۇ ناھىيەسى 2 مىليون زەمبۇرۇغ تاياقچىسى يېتىشتۈرۈپ، 200 توننا قېرىنقۇلاق ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 16 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى