قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«خۇش پۇراق ئەتىرگۈل خوتەن ۋىلايىتىنىڭ دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى»

2018-05-16 17:14:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خوتەن ۋىلايىتى ئەتىرگۈل كەسپىگە زور كۈچ بىلەن يار- يۆلەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى بېيىتماقتا. بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق 10 ئورۇن كېرىيە ناھىيەسىدە «كېرىيە ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» ئېچىپ، 41 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كېرىيە ناھىيەسىدە 183 كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ كېرىيە «گۈيمى» بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك پاي شىركىتى ئىمزالىغان ئەتىرگۈلنى كېپىللىك سېتىۋېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى بولۇپ، ھەر كىلوگىرام ئەتىرگۈلنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 170 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىندى. كېرىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شاۋ گاڭ مۇنداق دېدى: ئاساسلىق مەقسىتىمىز پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا بازار ئەھۋالى ياخشى بولغاندىمۇ پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرگىلى، بازار ئەھۋالى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نىسبەتەن مۇقىم كىرىمى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

كېرىيە ناھىيەسى ئەتىرگۈل كەسپى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «باشلامچى كارخانا، ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات ئاپپاراتى، بازا، دېھقانلار ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن» يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلدى. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى تۆۋەن يەتتە باش كەنتىدىكى «قۇياش نۇرى» تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى «گۈيمى» شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئەتىرگۈل سېتىپ بېرىدىغان 20 شېرىكىنىڭ بىرى. بۇ يىل يېڭىدىن 1 مىڭ 500 كىلوگرام زاكاز تالونى كۆپەيگەنلىكتىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ھاۋاخان ياقۇپنىڭ بۇ يىللىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئەتىرگۈلنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئۆتكۈزىمىز. ھەمكارلىق كوپىراتىپى كارخانىغا سېتىپ بېرىدۇ. سېتىش يوللىرىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ. كارخانا يەنە بىزگە تېخنىك خادىم ئەۋەتىپ، بىزنىڭ ئوت ئوتاش، چاتاش، ئوغۇتلاش ئىشلىرىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى. تۆت مو يەرگە تېرىغان ئەتىرگۈلدىن بۇ يىل 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدىكەنمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تەرەققىيات نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنىڭ ئومۇمىي چارىسى. نامرات رايونلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نېمە تېرىش، نېمە بېقىش، قەيەردىن كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئۈچۈن ياخشى يول تېپىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدە ئەتىرگۈل تېرىش كۆلىمى 65 مىڭ موغا يېقىنلىشىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەتىرگۈل كەسپىگە بىۋاستە قاتنىشىپ، ئەتىرگۈل كەسپىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 150 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئەتىرگۈل كەسپى خوتەندىكى «گۈزەل ھەم خۇش پۇراق» ئالاھىدە كەسىپ بولۇپ، نۆۋەتتە ئەتىرگۈل تېرىش، سېتىۋېلىشتىن پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە مۇكەممەل كەسپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى