قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «ئېلېكترونلۇق سودا بېيىش يولىنى كەڭ ئېچىپ بەرگەنلىكتىن، ئاتۇش شەھىرى «نامراتلىق» قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا ئالدىرىماقتا»

2018-05-16 17:15:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 3- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرىشىدە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بولغان ئاتۇش شەھىرى «ئالاقە تورى +» سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردا ئېلېكترونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇردى.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسىدىكى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدا، كىچىك بىر دۇكان ئىچىگە بىر نەچچە كومپيۇتېر، پرىنتېر قويۇلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى پات- پات بۇ يەرگە كېلىپ توردا نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىش- سېتىش ھەققىدە مەسلىھەت سورايتتى ياكى ھەق تاپشۇراتتى. دۇكان باشلىقى گۈلزىرە كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېزىدا توك ھەققى تاپشۇرۇش، بېلەت سېتىۋېلىش دېگەندەك ئىشلار ئانچە قولاي ئەمەس. ئىلگىرى بۇ يەردە بىرەر تېز يەتكۈزۈش ئورنىمۇ يوق ئىدى. كىشىلەر بىرەر يوللانمىنى تاپشۇرىۋىلىش ياكى ئەۋەتىش ئۈچۈن 80 كىلومېتىردىن 100 كىلومېتىرغىچە يول يۈرۈشكە مەجبۇر بولاتتى. بېرىپ- كېلىشكە 70 يۈەن كېتەتتى. ھازىر ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى بارلىققا كېلىپ كىشىلەرگە كۆپ قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

گۈلزىرەنىڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. ئاتۇش شەھىرى بۇلتۇر 9- ئايدىن بۇيان، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 1 ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا تەقسىملەش مەركىزىي ئسىكىلاتى، 7 يېزا دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، «10 مىڭ كەنت، مىڭ يېزا- بازار قۇرۇلۇشى» دا قۇرۇلغان بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى، دېھقانلار دۇكىنى، پوچتا، تەمىنات- سودا قاتارلىق ئاساسى ئەۋزەللىكى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، يېزا- بازار ۋە كەنت دەرىجىلىك خەلققە قۇلاي دۇكان قاتارلىق ئورۇنلاردا 55 ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى توردا نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىش ۋە سېتىش، ھەق تاپشۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، يېزىدا ئىگىلىك تىكلەش، يەرلىك تۇرمۇش قاتارلىق ئىلىكترونلۇق سودا تېرمىنال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. گۈلزىرە مۇنداق دېدى: يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى بىلەن ساتالايدىغان بولدى. قاراجول يېزىسىنىڭ بۇ يىلقى قىرغىزچە كەشتىچىلىك ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ توردا سېتىلىش سوممىسى 300 مىڭ يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن. بۇ شۇ جايدىكى تەخمىنەن 100 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. گۈلزىرە مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت ۋە سۇپا يارىتىپ بەرگىنىگە رەھمەت. بىز بۇ سۇپا ئارقىلىق تېخىمۇ تىرىشىپ، ياخشى لايىھە ۋە پىلانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، نامرات ئائىلىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىمىز.

ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزىلارغا كىرگۈزۈلۈشى بىلەن، توردا مال سېتىۋېلىش ئەمدى يالغۇز شەھەرلىكلەرگىلا خاس ئىش بولماي قالدى. بۇ كەنت كارخانىلىرىنىڭ تور بازىرىنى ئاچتى. ئاتۇش شەھىرى غەربىي دىيار «رىۋايەت» تور پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى بۇ يەردە ماكانلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. غەربىي دىيار «رىۋايەت» تور پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى ئاقبادى دىلمۇرات مۇنداق دېدى: ئۈندىدار دۇكىنى، تاۋباۋ قاتارلىق 3- تەرەپ تىجارەت سۇپىسى ئارقىلىق يەرلىك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىمىز. يەرلىك ئېلىكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ۋەكالىتەن سېتىشقا دەۋەت قىلىمىز. بۇلتۇرقى توردا سېتىش سوممىمىز 4 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولدى. بۇ يىل بىز داۋاملىق ئېلىكترونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلىكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمىز.

نۆۋەتتە، ئاتۇش شەھىرىدە 12 كارخانىنىڭ تور دۇكىنى بار بولۇپ، 10 مىڭ 400 دىن ئارتۇق ئادەم ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى بويىچە تەربىيەلەندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى