قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۈننەن تېخىمۇ كۆپ «شۈ شياكې ساياھەت لېنىيەسى» نى ئاچماقچى

2018-05-16 17:43:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈمدە «شۈ شياكې ساياھەت لىنىيىسى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، جىننىڭ، سوڭمىڭ، يىلياڭ، داياۋ، تېڭچوڭ قاتارلىق بەش ناھىيە شەھەر 4- تۈركۈمدىكى «شۈ شياكې ساياھەت لىنىيىسى»گە كېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. «شۈ شياكې ساياھەت لىنىيىسى» نى ئىزدەپ تېپىش ۋە دەلىللەش، شۈ شياكې ساياھەت لىنىيەسىنىڭ ساياھەت ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى قېزىپ چىقىشنىڭ ئاساسى. بۇلتۇر، يۈننەندە لىجياڭنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونى، دالىنىڭ بىنچۇەن ناھىيەسى، خۇڭخېنىڭ لۇشى ناھىيەسى، چۈجىڭنىڭ جەنيى رايونى، كۈنمىڭنىڭ فۇمىڭ ناھىيەسى ۋە شىشەن رايونى قاتارلىق جايلار «شۈ شياكې ساياھەت لىنىيىسى» دىكى «ئالاھىدە خاتىرە جاي» بولۇپ قالدى.

شۈشياكې مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق ساياھەتچى. ئۇ ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى جايلارنى نەچچە ئون يىل ساياھەت قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تاغ- دەريالىرى تونۇشتۇرۇلغان «شۈ شياكې ساياھەت خاتىرىسى» نى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ يۈننەندە 630 كۈن ساياھەت قىلىپ، يۈننەندىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ھەققىدە 250 مىڭ خەتلىك ساياھەت خاتىرىسى يازغان. بۇلار «شۈ شياكې ساياھەت خاتىرىسى» دىكى مەزمۇنلارنىڭ %20 نى ئىگىلىگەن. يۈننەن بولسا شۈ شىياكېنىڭ ساياھەتچىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىكەت. ئۇ ماڭغان لىنىيە ۋە بارغان جايلارنىڭ كۆپىنچىسى ساياھەت لىنيەسى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ئايلانغان ياكى ئايلىنىش ئالدىدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

يۈننەن ئۆلكىسى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە «شۈ شىياكې ساياھەت لىنىيەسى» نى ئىچىپ، شۈ شىياكې ساياھەت لىنىيەسىنى ئۆز ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى، ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھىتى، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، سەيلە قىلىش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قوشتى.

توردا يولۇچى چاقىرىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى كېنىشكىسىز ئىش ئورنىغا چىقسا لەۋزىدە تۇرمىغانلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، قاتناش مىنىستىرلىقى يېقىندا «لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاشنى كۈچەيتىپ ۋە كىرا ئاپتوموبىللىرى ساھەسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئاشكارا پىكىر ئالغان. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تور ئارقىلىق كىرا قىلىش ئاپتوموبىلى كېلىشىش سۇپىسى، ئاپتوموبىلى، شوپۇرلۇق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازىتى بولماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تور تىجارىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا، ئالدى بىلەن سەمىمىيلىك ئەھۋالى نۇقتىلىق كۈزىتىلىدىغان ئوبيىكتىپ قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئەھۋالى پەۋقۇلئاددەت ئېغىر بولغانلار، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ لەۋزىدە تۇرمىغانلار بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىۋاسىتە «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلىدۇ.

«19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» دە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كۆپ قىسىم مەنزىرە رايونلىرىغا ھەقسىز كىرەلەيسىز.

»پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ۋە گۈزەل تۇرمۇش» ئاساسىي تېما پائالىيەتلىرى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۇنىۋېرسال ئېھتىياجىنى نامايەن قىلدى، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى يېڭى دەۋردىكى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بۇ يىللىق «19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» نىڭ باش تېمىسى بولۇپ قالدى. »پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ۋە گۈزەل تۇرمۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، بۇ يىللىق »19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى» دە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەتچىلەرگە ئون چوڭ باش تېمىلىق 20 تۈرلۈك پائالىيەتنى ھازىرلىدى، يەنە ئېسىل، قىزىقارلىق تور پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، مۇددەتتىن بۇرۇن »19- ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى« نى قىزىتىش مەقسىتىدە، ساياھەتچىلەر سانجى ئوبلاستىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىچىك كارتىسىنى يىغسا، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە بىللە ساياھەت قىلىش يۈرۈشلۈك بېلىتىگە ئېرىشىش پۇرسىتى يارتىپ بېرىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى