قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يەلپۈگۈچ

2018-05-16 17:44:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەدىمىي تېمىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلار «شۇڭقار ئاتقۇچى ئاشىق ـ مەشۇق پەلۋانلار» ياكى «شادىمەن جاھان كەزدى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بولسۇن ئەر باش پېرسوناژلارنىڭ قولىدا يەلپۈگۈچ تۇتۇپ تۇرغان ئوبرازىنى كۆپ ئۇچرىتىدۇ. يازغۇچى گۇ لوڭ ئاق كىيىم كەيگەن، مۇلايىم ئوبرازلارنى يەلپۈگۈچ تۇتقان قىياپەتتە تەسۋىرلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. چامباشچىلىق ماھارىتى ئاجايىپ يۇقۇرى ئوبرازلارنىمۇ يەلپۈگۈچ تۇتقان قىياپەتتە تەسۋىرلەيدۇ. مەيىن شامالدا ئەركىن ئۇچۇپ يۈرىدىغان چۇ ليۇشاڭ ئوبرازىمۇ مەيلى تاماق يىگەندە ياكى يۇيۇنغاندا بولسۇن ۋە مەيلى مۇشتلاشقاندا بولسۇن يەلپۈگۈچىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ، كىشىلەرگە ئۇ خۇددى يەلپۈگۈچ بىلەن بىر تەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. يەلپۈگۈچنىڭ زادى قانداق سېھرىي كۈچى بار؟ «شۇڭقار ئاتقۇچى ئاشىق ـ مەشۇق پەلۋانلار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولۇپ، ئۇ دەۋردە تېلېۋىزىيە تىيارتىدىكى ياڭ كاڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،قاتلىما يەلپۈگۈچ ئۇلارنىڭ قولىدىن چۈشمەيدىغان ھەمراھى ئىدى.

ئەڭ بۇرۇنقى يەلپۈگۈچ بولسا ئىنسانلار مايمۇننىڭ قولىدىن تارتىۋالغان پالما يوپۇرمىقى ئىدى. خاتىرلىنىشىچە، جۇ سۇلالىسى دەۋردىن باشلاپ، يەلپۈگۈچنى ئادەتتىكى ئادەملەر ئىشلەتمەيدىكەنتۇق، خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، كىشىلەر چوڭ ـ كىچىكلىكى ھازىرقى زاماندىكى يەلپۈگۈچكە ئوخشاش يەلپۈگۈچلەرنى ياساپ ئىشلەتكەن ئىكەن. كېيىن كىشىلەر، ئوخشىمىغان ماتېرىياللاردىن جۇگېلىياڭنىڭ پەي يەلپۈگىچىگە ئوخشاش يەلپۈگۈچ ياساشقا باشلىغان. خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلدىن كېيىن، يەلپۈگۈچنىڭ شەكلى يۇمىلاققا ئۆزگىرىپ، شۇ دەۋردىكى قىز ـ چوكانلارنىڭ مودا بۇيۇمىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۈستىگە مودەن گۈلى، مېيخۇا گۈلى ۋە نىلوپەر گۈللىرىنىڭ ھەمدە قۇشلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. شىمالى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە قاتلىما يەلپۈگۈچ بارلىققا كەلگەن.

قاتلىما يەلپۈگۈچنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىش ئۇسۇلى ئىلگىرىكى يەلپۈگۈچلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ياسىلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، بىر قاتلىما يەلپۈگۈچنى ياساشنىڭ ئاز دېگەندە 41 ئىش ھالقىسى بار. شۇڭا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاتلىما يەلپۈگۈچ ئەرلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بەك قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەنلا چەكلەنگەن.«شۇڭقار ئاتقۇچى ئاشىق ـ مەشۇق پەلۋانلار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ياڭ گونىڭ كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسى يوق بولۇپ، ئۇ فىلىمدە قولىدا بىر دانە قاتلىما يەلپۈگۈچمۇ يوق ناھايىتى ئۇماق ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. جىن بەگلىكىنىڭ بەگزادىسى ياڭ كاڭ بولسا يۇقىرى تەبىقىدىن بولۇپ، ھاكاۋۇر ۋە مەنمەنچى بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئۆزىنى ناھايىتى قالتىس كۆرسىتىدىغان بۇ نەرسىنى ئىشلەتمەي قالمايدۇ.

ئائىلىسىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىش ۋە بايلىقىنى كۆزكۆز قىلىشتا، بىر قۇر قاشتېشى ئېسىلغان پاختىلىق توندىن باشقا يەنە قاتلىما يەلپۈگۈچمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. چۈنكى، قاتلىما يەلپۈگۈچنىڭ بايلىقنى كۆز- كۆز قىلىش ئىقتىدارىدىن باشقا، يەنە ئۇ بىر كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغىمۇ سىمۋول قىلىنغان. «سۇ بويىدا» رومانىدىكى 8 مىڭ لەك ئوردا ياساۋۇللىرىنىڭ مەشقاۋۇلى لىن چۇڭ جەڭ مەيدانىدىمۇ قولىغا بىر دانە قاتلىنىدىغان يەلپۈگۈچ ئېلىۋالىدۇ. «سۇ بويىدا» رومانىدا: «ئۇ بېشىغا كۆك رەڭلىق ياغلىق چەگكەن، پىشانىسىگە ئىككى ئاق قاشتاش ھالقا ئېسۋالغان، ئۇچىسىغا گۈللۈك ساۋۇت كىيگەن، بېلىگە كۈمۈش بەلۋاغ باغلىغان، پۇتىغا تۇمشۇقى ئۈستىگە قارايدىغان ئۆتۈك كىيگەن، قولىدا قاتلىما يەلپۈگۈچ تۇتقان ھالەتتە تۇراتتى» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئەڭ مودا كىيىنىش ئۇسۇلى ئىدى. قاتلىما يەلپۈگۈچ يەلپۈگۈچنىڭ بىر تۈرى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەلپۈگۈچنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ مەخسۇس مودا بۇيۇمى دەپ قارىلاتتى. قاتلىما يەلپۈگۈچنىڭ شەكلى ئىلگىرىكى يەلپۈگۈچلەرنىڭ شەكلىگە بىلەن ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ،ئۇ بۇرۇنقى يەلپۈگۈچلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.

قاتلىما يەلپۈگۈچنىڭ ياغىچى بامبۇكتىن ياسىلىدۇ. بامبۇك قاتتىق، سوغۇقتىن قورقمايدىغان بولغاچقا، ئەزەلدىن باتۇرلۇققا سىمۋول قىلىنغان. قاتلىما يەلپۈگۈچ بامبۇكتىن ياسالغان بولغاچقا، قاتلىما يەلپۈگۈچمۇ باتۇرلۇققا سىمۋول قىلىنىدۇ. قاتلىما يەلپۈگۈچ بامبۇك بىلەنلا پۈتمەيدۇ. ئۇنىڭ يۈزىگە قەغەز ياكى رەخت قاپلاش كېرەك. بەزىلەر ئۈستىگە رەسىم سىزىدۇ، يەنە بەزىلەر خەت يازىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرى رەسىم سىزالمىسىمۇ رەسساملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۆزلىرى ياقتۇرغان رەسىملەرنى سىزدۇرىدۇ. كۆپچىلىك بۇ ئارقىلىق بەس- بەستە ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەلپۈگۈچ ئىشلىتىدىغان ئادەم بىلەن يەلپۈگۈچ ئىشلەتمەيدىغان ئادەمنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، يەلپۈگۈچ يۈزىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى شۇ ئادەمنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. رەسىم سىزىش ماھارىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى، خەتتاتلىق ھۈنىرىنىڭ ياخشى- يامان بولۇشى، شېئىر يېزىشى ياكى ئىسىم يېزىشى، گۈل-گىياھ قۇشلارنى سىزىشى ياكى ساھىپجامالنىڭ سۈرىتىنى سىزىشى يەلپۈگۈچ ئىگىسىنىڭ خارەكتىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئەدەبىي تالانتقا ئىگە پادىشاھى سۇڭ خۇيزۇڭمۇ نۇرغۇن يەلپۈگۈچلەرگە رەسىم سىزغان. ئەۋلادمۇ ـ ئەۋلاد ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن ئۇ سىزغان «قۇشلار رەسىمى» ساپ سىياھ بىلەن سىزىلغان بولۇپ، ناھايىتى نەپىس چىققان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شۇ دەۋردىكى كىشىلەر قاتلىما يەلپۈگۈچ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى بىلەن سالاھىيىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ دەۋرلەردە مودا ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ پەلپۈگۈچى ئۈستىگە سىزىلغان رەسىملەر ئارقىلىق باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى